تىل - مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ شەرتى

           تىل - مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ شەرتى؛ تىل _ مىللەتنىڭ موھىم بەلگىسى؛ تىل _ مىللەتنىڭ بارلىقى؛...

    مىللىي تىل ھەققىدە قەدىمدىن كېلىۋاتقان باھالارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، تىل بولمىسا مىللەت بولمايدۇ. تىل بولمىسا بىزدەك بىچچارە ئەل مەڭگۈ يوقۇلىدۇ. بۇ ھەقتە فرانسىيە كىلاسسىكلىرىدىن ئالفۇنس دود «ئەڭ ئاخىرقى دەرس» ناملىق ھېكايىسىدە: «تىل _ مۇستەملىكە قەپىزىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ» دېگەن ئىدى. بىچچارە ئەللەرنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئەنە شۇ قەپەزنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆزىدە ساقلاش بولسا، تىلنى يوقۇتۇش _ بۇ ئاچقۇچنى يوقاتقانلىقتۇر؛ مەڭگۈ ئاشۇ قەپەز ئىچىدە قېلىش ۋە شۇ قەپەز ئىچىدە ئۆلۈپ تۈگەش دېمەكتۇر!

تىركىشىش _ تىل ۋە دىنىي ئېتىقادتىن ئىبارەت ئىككى يۆنۈلۈشتە بولىشى زۆرۈر. مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى مانا شۇ ئىككى ئامىلغا باغلىق. گەرچە كېيىنكىسى «مەدەنىيلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار»غا بەك ياقمىسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە بىزنى ياتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر موھىم چېگرا دىنىي ئېتىقادىمىزدۇر. مانا شۇ ئىككى موھىم چېگرانى قانچە ئۇزاق قوغدىيالىساق مەۋجۇتلىقىمىزمۇ شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.

 

ئۇيغۇلاردىن ئەمەلى مىسال

ئورتا ئاسىيادا، تۈركىيەدە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ (غەرپ دۆلەتلىرىدىكىلەر يېڭى بولغاچقا ئۇلار ھەققىدە توختۇلۇشنىڭ ئورنى يوق)، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئالدىنقى ئەۋلادى ئۇيغۇر سۈپىتىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى ياكى ئاخىرلاشتۇرىۋاتىدۇ؛ شۇ يەردە تۇغۇلغانلار ئاللىقاچان مىللىي تىلىنى بىلمەيدىغان، مىللىي كىملىكىنى ئۇنۇتقان، ھەتتا مىللىي كىملىكىدىن تېنىشقا مايىل بىر ئەۋلاد بولۇپ چىقتى، چىقىۋاتىدۇ ۋە چىقىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي ئاھالە بىلەن بولغان نوپۇس نىسبىتى، ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىتىدىغان تىل، ھاكىمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ھاكىم تىلنىڭ تەكىتلىنىشى، تەلەپ قىلىنىشى ۋە بىلىنمەس بىر شەكىلدە بولسىمۇ بىر خىل قىستاش،... تەدرىجىي يوسۇندا ئەنە شۇنداق يوقۇلۇشقا ئېلىپ كەلدى. گەرچە ئورتا ئاسىيادىكى ئەھۋال بىرئاز ياخشىدەك، تېخى ھازىرمۇ تۇغۇلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىلى چىقىۋاتقىنى (قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ بىرقىسىم رايونلىرىدا) ھەرگىزمۇ ئاساسىي ئېقىم ئەمەس.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20ـ يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشىغانلىقى، ئەنجان شەھرىدىلا بىرنەچچە ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ، دىراما ـ تىياتىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرساق، نېمىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس: بۈگۈن بۇ يەرلەردە بىرەر ئۇيغۇر مەكتىۋىنى تاپقىلى بولامدۇ؟ 40 ـ يىللارغىچىمۇ تاشكەنتتە ئۇيغۇر تىلىدا مەتبۇئاتلار بارىدى، ژۇرناللار نەشىر قىلىناتتى، بۈگۈن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىنمۇ؟ ئۆزبىكىستاننىڭ بىر ۋىلايىتى بولغان قەشقەر دەريا ۋىلايىتىدىكى ئاھالە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىدى، بۈگۈن ئۇلارنىڭ پاسپورتىغا قاراڭ، نېمىكىن. ھەتتا رەسمىي مەتبۇئاتلار «قەشقەر دەريا» دېگەن يەر ئىسمىنى غەرەزلىك تۈردە بۇرمىلاپ، تەدرىجىي ھالدا «قاشقا دەريا» دەپ ئومۇملاشتۇرماقتا. ئەمما شۇ يەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىسىمنى «قەشقەر دەريا» دەپ ئاتايدۇ.

قازاقىستاندا بۇرۇندىن مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلىم ـ مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىن كىچىكلىتىلىشى ياكى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى، بىر مىليوندىن ئارتۇق بولغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۈلكىلىك دەرىجىدە ئاز كۆرسىتىلىشى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ ئومۇمىي ئېقىمنى كۆرسىتىدىغان ئەينەكتۇر.

 


ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2006- 07- 4 مىلادىيە
1427- 06- 8 ھىجرىيە