كېڭەش ۋە دېموكراتىيە

(2)

دېموكراتىيە توغرىسىدا سۆزلىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى،دېموكراتىيىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىدا ئاساسى ۋە يىلتىزى بار دەپ قارايدۇ ۋە ئىسلامدىكى"كېڭەش" قائىدىسىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ،شۇنداقلا كېڭەشنى دېموكراتىيىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ئىسلامى پرىنسىپ دەپ قارايدۇ، كېڭەش دېموكراتىيىنىڭ شەرئى دەلىلىدۇر.

بەزى قانۇنشۇناسلاركېڭەش پرىنسىپىنى مۇستەھەپ دەپ قارىسا،يەنە بىر بۆلەك يېتۈك قانۇنشۇناسلار كېڭەش پرىنسىپىنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ.بۈيۈك تەپسىرشۇناس ئىمام قۇرتىبى ۋە ئىبنى ئەتىييە تەپىسرىدە:"كېڭەش شەرىئەت(ئىسلام قانۇنى)نىڭ ئاساسلىرى ۋە مۇھىم ئەھكاملارنىڭ قاتارىدىن،كىم بىلىملىك ۋە دىيانەتلىك ئالىملاردىن مەسلىھەت سورىمايدىكەن،ئۇ ھاكىمنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاش لازىم"دەيدۇ.(قۇرتىبى،4-توم، 249-بەت،ئىبنى ئەتىيەنىڭ"مۇھەررىر ۋەجىز"تەپسىرىنىڭ،1-توم،534-بېتىگە قاراڭ).

ھەقىقى دېموكراتىيىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام روھىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان بىر قانچە پرىنسىپلار بار:

1. زالىم سۇلتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىش:

دېموكراتىيىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى،خەلقنىڭ ئۆزى ھۆكۈم قىلىشى ۋە ھاكىمنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاللىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى قوللايدىغان پرىنسىپلارنىڭ بىرىنچىسى:قۇرئان كەرىمنىڭ خەلقنىڭ بوينىغا مىنىۋالغان،خەلقنى قامچا بىلەن باشقۇرىدىغان ۋە خەلقنى مەجبۇرى بويسۇندۇرىدىغان زالىم ۋە زومىگەرلەرنى قاتتىق ئېيىپلىگەنلىكىدۇر.

قۇرئان كەرىم زالىم ھاكىم نەمرۇدنى ئەيىبلەپ:"پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن،اﷲنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم(اﷲنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ):«مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ»دېدى.ئۇ:«مەنمۇ(ئۆلۈكنى)تىرىلدۈرەلەيمەن،(تىرىكنى)ئۆلتۈرەلەيمەن»دېدى(نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى،بىرىنى قويۇپ بەردى).ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ):«اﷲ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ،(خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ)سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى.(بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى.اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ"،(بەقەرە سۈرىسى،258-ئايەت).

نەمرۇد يولدىن ئىككى ئادەمنى تۇتۇپ كېلىپ،ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ،مانا مەن ئۇنى ئۆلتۈردۇمغۇ دېگەن، يەنە بىر ئادەمنى قويۇپ بېرىپ، مانا مەن ئۇنى تېرىلدۈردىمغۇ!دېگەن.

قۇرئان كەرىم زالىم ھاكىم فىرئەۋن توغرىسىدا:"شۈبھىسىزكى،پىرئەۋن(مىسىر)زېمىنىدا(زومىگەرلىكتە)ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە)يەنى بەنى ئىسرائىل)نى بوزەك قىلدى.ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى)خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن)تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى"، (قەسەس سۈرىسى،4-ئايەت).

قۇرئان كەرىم شۇنداقلا زالىملارنىڭ يولىدا ماڭغان ۋە ئۇلارغا ھەقسىز باش ئەگكەن،قۇللۇققا تەقدىر ئىكەن دەپ رازى بولغان خەلقلەرنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ:"پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى"،(زوخروف سۈرىسى،54-ئايەت).

قۇرئان كەرىم فىرئەۋنىڭ مىللىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:"ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى.پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ،ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان!"،(ھۇد سۈرىسى،97-98-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ھۇد مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرىيىتى، كارامىتىدە سۇسلۇق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ زالىم ھاكىملارغا باش ئېگىپ ئۇلارغا ئەگەشكەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ:"ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى،ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى،ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا،شەپقەتسىز(يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جىدەللەشكۈچى)نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى"،(ھۇد سۈرىسى، 59-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سالىھنىڭ مىللىتى سەمۇدقا قىلغان نەسىھىتىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:"اﷲدىن قورقۇڭلار،ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار"،(شۇئەرا سۈرىسى،150-152-ئايەتلەر).

دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە نىشانلىرىدىن بىرى:مىللەت ۋە خەلقلەرنى زالىم ۋە زومىگەر ھاكىملارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلىش،مىللەتلەرنىڭ پېشانىسىنى ئاللاھدىن باشقىسىغا باش ئەگدۈرمەسلىكتۇر.شۇنداق بولغاندا كىشلەرگە فىرئەۋن ياكى نەمرۇدتەك زالىم بەدبەخلەر ھاكىم بولىۋالالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان ياخشى ئادەم يېتەكلەپ ماڭىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان ئۇ ھاكىمنى كۆزىتىپ تۇرالايدۇ ۋە ئۇ خاتالىشىپ قالسا ھېسابقا تارتالايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىيالايدۇ.مانا بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خەلىپە بولغاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىم قىلغان سىياسى نۇتىقىدا:"ئەگەر مەن توغرا يولدا ماڭسام، ماڭا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر خاتا يولدا مېڭىپ قالسام مېنى تۈزلەپ قويۇڭلار، مەن ئاللاھغا ئىتائەت قىلسام ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار،ئەگەر ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ قالسام، ماڭا ئىتائەت قىلماڭلار(يەنى بويسۇنماڭلار)دېگەن ئىدى.

2.كۆپچىلىكنىڭ يولىغا ئەگىشىش:

مۇسۇلمانلارنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تۇرۇشقا،كۆپچىلىكنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەرسىلەر، شەخسلەر ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىگە چاقىرىدىغان شەرئى پاكىتلار ۋە ھەدىس شەرىپلەر بار.ئاللاھ قۇرئاندا:" (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى،«(خالىغان)ئەمەللەرنى قىلىڭلار،قىلغان ئەمەلىڭلارنى اﷲ،اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ"، (تەۋبە سۈرىسى،105-ئايەت)دەيدۇ. ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز قارىشىغا يېقىنلاشتۇردى.

يەنە:"...اللەنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ"،(غافىر سۈرىسى، 35-ئايەت).ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنىڭ نەپرىتىنى ئۆزىنىڭ نەپرىتىنىڭ يېنىدا قويدى.

شۇڭا ئىبنى مەسئۇد:"مۇسۇلمانلار(بىرلىكتە)ياخشى دەپ قارىغان نەرسە،ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى، مۇسۇلمانلار ناچار دەپ قارىغان نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ناچاردۇر" دېگەن.(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

بىز دىنىمىزغا، مىراسىمىزغا ۋە دەلىلەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق،كۆپ سانلىقنىڭ كۆز قارىشىنى ئېلىش ئىسلامدا قوبۇل قىلىنغان.كۆپ سانلىق پرىنسىپى-ئىسلامى شەرتلەر بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ-بار پرىنسىپ.كۆپ سانلىقنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئاز سانلىقنىڭ كۆز قارىشىنىمۇ ھۆرمەتلەش ئىسلامدا ئەمەل قىلىنغان پرىنسىپتىن ئىبارەت.

مىسال ئالايلى:ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بەيئەت قىلىنغاندا(يەنى خەلىپىلىككە سايلانغاندا)ئىجما)بىردەك(دەرىجىلىك بەيئەت قىلىندى،لېكىن بۇ ئىجما پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى.بىرىنچى كۈندىن تارتىپ بىر بۆلەك ساھابىلەر ۋە ساھابىلەردىن باشقىلار بۇ بەيئەتنى توغرا بولمىدى دەپ قارىدى، بەزىلەر توغرا بولدى، لېكىن پالانى بولسا ياخشى بولاتتى دەپ قاراشتى.ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى خەلىپىلىككە چىقارغان تۈزۈم ئىجما بولماستىن كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بەيئەت قىلىشىدۇر، بۇ كۆپ سانلىقنىڭ كۆز قارىشىغا ئىسلام ئۈممىتى ئەگەشتى.بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ ئىجما بىلەن تاللانغان ۋە بەيئەت قىلىنغان خەلىپە تېپىلمايدۇ.

كۆپلىگەن ئەمەلىي ۋە پىقھى مەسىلىلەردە"جۇمھۇر(كۆپچىلىك ئالىملار)نىڭ كۆز قارىشى"دېگەن سۆزنى ئۇچرىتىمىز. كۆپلىگەن ئەھۋاللاردا بۇ كۆز قاراش جۇمھۇرنىڭ كۆز قارىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۈچلەندۈرۈلىدۇ."جۇمھۇر"دېگەن بۇ ئاتالغۇ بۈگۈن"كۆپ سانلىق"دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.كۆپلىگەن ئالمىلار بىر كۆز قاراشنى-دەلىللەر تەڭلىشىپ قالسا-كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلەندۈرىدۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر ۋاپات بولۇش ئالدىدا مۇسۇلمانلارغا خەلىپە تاللاپ بېرىش ئۈچۈن ئالتە پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدىن بىرنى سايلاشقا نامزات كۆرسەتكەن.بۇ ئالتە ساھابىدىن رەسۇلۇللاھ ئېنىق سۆزلىرى بىلەن رازى بولۇپ ۋاپات تاپقان ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر خەلىپىنى تاللاشقا ۋەسىيەت قىلغاندا، مەسىلە كۆپ سانلىقنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ھەل قىلىندى.خەلىپە چوقۇم مۇشۇ ئەۋزەل ۋە ئىلغار ئالتە ساھابە ئىچىدىن تاللىنىدۇ.ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى ۋە بالىسىدىن گۇماننى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگەن:"ئەگەر سىلەر ئۈچتە ئۈچ بولۇپ قالساڭلار، بالام ئابدۇللاھ كۈچلەندۈرگۈچى بولىدۇ"ئۇ چاغدا ئۈچكە قارشى تۆت بولىدۇ. مانا مۇشۇ يەردە كۆپ سانلىق پرىنسىپى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

3.جامائەتلەر ياقتۇرمايدىغان ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ قوبۇل بولماسلىقى:

رەسۇلۇللاھ:"ئۈچ تۈرلۈك ئادەم بولۇپ بۇلارنىڭ نامىزى باشلىرىدىن بىر غېرىچ كۆتۈرۈلمەيدۇ (يەنى مەقبۇل بولمايدۇ):بىرى، باشقىلار ياقتۇرمىسىمۇ ئىمام بولىۋالغان ئىمام ۋە خەتىپ. يەنە بىرى،ئىرىنى يولسىز رەنجىتىپ ئۇخلاپ قالغان ئايال، يەنە بىرى بىر-بىرى بىلەن ئاداۋەتلەشكەن قېرىنداشلار"دېگەن،(ئىبنى ماجە، ئىبنى ھىببان ۋە تەبرانى رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى:نامازغا ئىمام بولىدىغان ئىمام ۋە خەتىپمۇ جامائەت ۋە نامازخانلار ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولىشى لازىم، ئەگەر ئىمام خەلقنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئىماملىقنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك،بولمىسا نامىزى مەقبۇل بولمايدۇ ياكى نامىزى ئېسىلىپ قېلىپ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل بولمايدۇ.

ئەگەر كىچىك ئىماملىق ۋە مەسئۇللۇقتا مەسىلە شۇنداق بولسا، چوڭ ئىماملىق يەنى رەھبەرلىك، ھاكىملىق ۋە خەلىپىلىكتە ئىش قانداق بولماقچى؟

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھى ھەدىستە:"سىلەرنىڭ ئىمامىڭلار(خەتىپ، ھاكىم، رەئىس، خەلىپە)نىڭ ياخشىسى: سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلارمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، سىلەر ئۇلارغا دۇئا قىلىدىغان،ئۇلارمۇ سىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئىمامدۇر.سىلەرنىڭ ئىمامىڭلارنىڭ ئەسكىسى:سىلەر يامان كۆرىدىغان ۋە سىلەرنىمۇ يامان كۆرىدىغان،سىلەر قاغايدىغان ۋە سىلەرنىمۇ قاغايدىغان ئىمامدۇر"دەپ كەلگەن.

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر:

ئىسلام ۋە دېموكراتىيە

ئىسلامدىكى كېڭەش پرىنسىپى بىلەن دېموكراتىيىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش

ئىسلامدىكى كېڭەش دېموكراتىيىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئۇيغۇن (1)

ئىسلامدىكى كېڭەش ۋە دېموكراتىيە (2)

 

 

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى

1428-رەجەب- 16 ھىجرىيە