ئىسلامدىكى كېڭەش دېموكراتىيىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئۇيغۇن كېلىدۇ

(1)

ئىسلام دۆلىتى قايسى بىر مەدەنىي دۆلەتكە ئوخشاش مەدەنىي دۆلەتتۇر، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن مەنبەسى ئىسلام قانۇندۇر. مەدەنىي دۆلەت كېڭەش، بەيئەت، ئۈممەت (ئىسلام مىللەتلىرى)نىڭ ھاكىمنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن تاللاش، ھاكىمغا نەسىھەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ناۋادا يامان ئىشلارغا بۇيرۇپ قالسا رەت قىلىش، ئۇنى چىرايلىق ئۇسۇللار بىلەن تۈزۈتۈش، چىرايلىق ئۇسۇللار بىلەن تۈزەلمىسە مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ.

بۇ يۆلىنىش ئىسلام دۆلىتىنى دېموكراتىيىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.

 

ئۈمىد قىلىنىۋاتقان دېموكراتىيە

بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز سىياسى دېموكراتىيەدۇر.ئەمما ئىقتىسادى دېموكراتىيە(يەنى كاپىتالىزم)نىڭ بەزى خاتالىقلىرى مەۋجۇد،دېموكراتىيىنىڭ بۇ تۈرىدە بىزنىڭ ساقلىنىدىغان تەرەپلىمىز بار.شۇنداقلا ئىجتىمائىي دېموكراتىيە(يەنى لىبېرالىزم) مۇتلەق ئەركىنلىكنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دېموكراتىيىنىڭ بۇ تۇردىمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان تەرەپلىمىز بار.

قارۇننىڭ كاپىتالىزملىقى ئىسلام نەزەرىدە رەت قىلىنىدۇ،قارۇننىڭ كاپىتالىزملىقى:"مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم" (قەسەس سۈرىسى، 78-ئايەت)دەيدىغان كاپىتالىزملىققا تايىنىدۇ.

ئىسلام ئىدىيىسى ئىنسان ئاللاھنىڭ مال-مۈلكىگە ۋەكىلدۇر دەپ قارايدۇ:"اللە سىلەرنى ئىگە قىلغان(يەنى سىلەرنى ۋەكىل قلغان)ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار"،(ھەدىد سۈرىسى،7-ئايەت).مال-مۈلۈكنىڭ ھەقىقى ئىگىسى ئاللاھدۇر.باي كىشى مالغا مەسئۇلدۇر ۋە ھەقىقى ئىگىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر،ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقى مۇتلەق ئەمەس،ئۇنىڭ مال-مۈلكىدە مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەر بار.ئىستىمال قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش،تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا بەلگىلىمە ۋە چەكلىمە بار.مال-مۈلۈكتە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى سانالغان زاكات پەرز.شۇنداقلا مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى جازانە، بېسىمدارلىق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق ۋە ئىسراپخورلۇق..تىن چەكلىنىدۇ.

بۇ ۋەسىيەتلەر ۋە قانۇنلار بىلەن ئىجتىمائىي ئادالەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ۋە جەمئىيەتتىكى يېتىم، ئاجىز،مىسكىنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش،شۇنداقلا مال-مۈلۈكنىڭ ئادىل تەقسىم قىلىنىشى ئۈچۈن كاپىتالىزمنىڭ خەتەرلىك تىرناقلىرىنى ئېلىپ تاشلىشىمىز كېرەك:"مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدىلا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈندۇر"(ھەشىر سۈرىسى،7-ئايەت).

ئىسلام ئىقتىسادى مۇشۇ يول ئارقىلىق بايلارنىڭ چېكىدىن ھالقىپ كېتىشىگە كېتىشىگە چەك قويۇپ، كەمبەغەللەرنىڭ ھالىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە مۇمكىن قەدەر ئىككى تەبىقىنىڭ ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرۇشنى كۆزلەيدۇ.

مۇتلەق ئەركىنلىكنى مەقسەت قىلىدىغان لىبېرالىزم ئىسلام دىنىدا رەت قىلىنىدۇ، كائىناتتا مۇتلەق ئەركىنلىك دەيدىغان نەرسە يوق.دۇنيادىكى ھەر قانداق ئەركىنلىكنىڭ چەكلىمىسى بار.چەكلىمىلەرنىڭ قاتارىدىن:باشقىلارنىڭ ھوقۇقى، شەخسنىڭ ھەققى، ئاللاھنىڭ ھەققى ۋە ئەخلاق ھەققى...دېگەن چەكلىمىلەر بار.

كەڭ ئوكيانلاردىكى پاراخوتلارمۇ ھەرىكىتىدە خەرىتە ۋە كومپاس بەلگىلەپ بەرگەن تونۇشلۇق يوللار بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاسماندىكى ئايرۇپىلانمۇ خالىغانچە ھەرىكەت قىلمايدۇ، بەلكى بەلگىلەنگەن يولىدا ئۇچىدۇ.

دېموكراتىيەدىن بىزگە لازىم بولىدىغىنى سىياسى دېموكراتىيەدۇر.سىياسى دېموكراتىيىنىڭ جەۋھىرى خەلقنىڭ ھاكىم بولىدىغان ۋە دۆلەت باشقۇرىدىغان ئادەمنى تاللىشىدۇر،خەلق ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن سايلىغان ھاكىم خەلق ياقتۇرمايدىغان قانۇنلارنى خەلققە تاڭالمايدۇ.

مانا بۇ مەسىلىنى ئىسلام دىنى كېڭەش قىلىش ۋە بەيئەت قىلىشقا بۇيرۇش، زالىملارنى ئەيىبلەش، ئىشەنچىلىك ۋە بىلىملىك ھاكىمنى تاللاشقا بۇيرۇش ۋە كۆپ سانلىقنىڭ پىكىرىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇش ئارقىلىق قارار قىلدى.ئاللاھنىڭ ھىمايىسى كۆپ سانلىق بىلەن بىرگە، رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرگە:"ئەگەر سىللى ئىككىڭلار بىر پىكىرگە كەلسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۇ پىكرىڭلارغا قارشى تۇرمايمەن"دېگەن.(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

پۇقرالارنىڭ قايسى بىرىنىڭ ھاكىم ياكى باشلىققا نەسىھەت قىلىش،ئۇنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش(ياكى كۆرسىتىپ قويۇش،مەسلىھەت بېرىش)ۋە-چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتىكى ئەدەب ئەخلاققا رىئايە قىلغان ئاساستا-يامان ياكى ناچار ئىشلاردىن توسۇش ھوقۇقى بار.ياخشى ئىشلاردا ھاكىمغا ئىتائەت قىلىش،شەرىئەتتە چەكلەنگەنلىكى ياكى ھارام قىلىنغانلىقى ئېنىق بىرلىككە كەلگەن ئىشلاردا ھاكىمنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بار،چۈنكى ئاللاھغا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا(يەنى ھاكىمغا) ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ.

دېموكراتىيىنىڭ سايلامنى جالاشتۇرۇشنى ۋە يالغاننى تەشۋىق قىلىشنى توسىدىغان كېپىللىكى ۋە سىستېمىلىرىنى ئالساق بولىدۇ.ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۆزلىرىنى دېموكراتىيە دەپ ئاتىلىۋالغان قانچىلىغان دۆلەتلەر،باش-ئايغىچە مۇستەبىتلىك بىلەن كۆمۈلۈپ كەتكەن...قانچىلىغان رەئىسلەر99%ئاۋازغا ئېرىشكەن-ھە!ھالبۇكى بۇ مۇستەبىتنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلق ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ياقتۇرمايدۇ.

دېموكراتىيەدىكى سايلام ئۇسۇلى ۋە كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازىنى كۈچلەندۈرۈش-گەرچە ئەيىبلەردىن خالى بولمىسىمۇ-ئومۇمەن توغرا ئۇسۇلدۇر ۋە باشقا ئۇسۇللاردىن ياخشىراقتۇر.

ئەمما بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ:"دېموكراتىيە دېگەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە زىت كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ ھۆكمى"دېگەن دەۋاسىغا قارىتا ئۇلارغا دەيمىزكى،بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھۆكمىدىن مەقسەت:ئۇ بىر شەخسنىڭ مۇتلەق ھۆكۈم سۈرۈشىگە قارىشى يەنى دىكتاتور ھۆكمىگە قارىشى دېگەن بولىدۇ.ئۇنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارىشى دېگەنلىك بولمايدۇ،چۈنكى بىز مۇسۇلمان جەمئىيىتىدىكى دېموكراتىيە توغرىسىدا توختىلىۋاتىمىز، مۇسۇلمان جەمئىيىتى دېگەن تەبىئىي ھالدا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى(ھۆكمى)نى تەلەپ قىلىدۇ.ئىسلام ئەللىرىدىكى كۆپ سانلىق خەلق مۇسۇلمان، ئۇنداقتا كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازىمۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قوشۇلىدۇ.

 

ئىسلام دىنى دېموكراتىيىگە قانداق قارايدۇ؟

دېموكراتىيە توغرۇلۇق سۆزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسلامنىڭ دېموكراتىيىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.چۈنكى مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ دېموكراتىيىگە قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى: دېموكراتىيىنى رەت قىلغۇچىلار:

مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈرى ئىسلام بىلەن دېموكراتىيە ئىككىسى بىر بىرىگە زىت نەرسە، ئۇ ئىككىسى بىر قانچە سەۋەبلەردىن ھەرگىز بىرلىشەلمەيدۇ،دەپ قارايدۇ ۋە سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

1.ئىسلام دىنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن، دېموكراتىيە ئىنسانلار تەرىپىدىن پەيدا بولغان تۈزۈم.

2.دېموكراتىيە دېگەن خەلقنىڭ خەلققە ھۆكۈم قىلىشى دېگەن بولىدۇ،ئىسلام دېگەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىش دېگەن بولىدۇ.

3.دېموكراتىيە يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىش، ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار بۇ تۈزۈمنى قوللىنىپ باقمىغان.ھەدىس شەرىپتە:"كىم بۇ ئىشىمىزدا دىنىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، رەت قىلىنىدۇ"دېيىلگەن.

4.دېموكراتىيە دېگەن دىننىڭ ھاياتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئىشەنمەيدىغان خىرىستىيان ياكى ئىلمانىزم غەرب جەمئىيىتىدىن كەلگەن ياكى پەيغەمبەرلىك ياكى قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىزم جەمئىيەتتىن كەلگەن نەرسە تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ ئۆزىمىزگە قانۇن قىلىپ تىكلىيەلەيمىز؟

بۇ ئېقىمدىكى مۇسۇلمانلار يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دېموكراتىيىنى مۇتلەق رەت قىلىدۇ،ئىسلام دىيارلىرىدا دېموكراتىيىگە چاقىرغانلارنى ياكى دېموكراتىيىگە توغرا قارىغانلارنى ئىنكار قىلىدۇ،بەزىدە ئۇلارنى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكۈچىلەر دەپ تۆھمەت قىلىدۇ ۋە دېموكراتىيە دېگەن كۇپۇرلۇقتۇر دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچى:دېموكراتىيىنى مۇتلەق قوبۇل قىلغۇچىلار:

يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە،ئىسلام جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم كىشلەر غەرب دېموكراتىيىسىنى-ئىجتىمائىي لىبېرالىزم، ئىقتىسادى كاپىتالىزم ۋە سىياسى ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بارلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلىرى بىلەن-ئىسلام ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقلىرى ئۈچۈن شىپالىق دورا دەپ قارايدۇ.

بۇلار دېموكراتىيىنى بىرەر نەرسە بىلەن چەكلىمە ياكى دائىرە ئىچىگە ئالمايدۇ،ئۇلار دېموكراتىيىنى ئەقىدىگە تايانمايدىغان، ئىبادەتكە قىزىقتۇرمايدىغان،شەرىئەتكە تايانمايدىغان، مۇقىم قىممەت-قاراشقا ئىشەنمەيدىغان، بەلكى ئىلىم-پەن بىلەن ئەخلاق، ئىقتىساد بىلەن ئەخلاق، سىياسەت بىلەن ئەخلاق ۋە ئۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارىسىنى ئايرىيدىغان غەرب دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلاشنى ئىرادە قىلىدۇ.

بۇلارنىڭ ئىدىيىسى غېرىبلىشىپ كەتكەنلەر بولۇپ، بۇلار غەربنىڭ يولىدا مېڭىشىمىزنى ۋە غەرب ھەزارىتىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قوبۇل قىلىشىمىزنى ئىرادە قىلىشىدۇ ۋە شۇنىڭغا چاقىرىشىدۇ.

ئۈچىنچى: تەڭپۇڭ ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچىلار:

يۇقىرىقى ئىككى خىل ئېقىم ئارىسىدا تەڭپۇڭ ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچىلار بولۇپ، بۇلار دېموكراتىيەدىكى ياخشى ئىشلار ياكى دېموكراتىيىنىڭ جەۋھىرى ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ،دەپ قارايدۇ.

دېموكراتىيىنىڭ جەۋھىرى دېگىنىمىز:خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە ھاكىم بولىدىغان كىشىنى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن تاللىشى، ئۆزلىرى خالىمايدىغان ھاكىمنىڭ ھوقۇق بېشىغا چىقىۋالماسلىقى؛ شۇنداقلا ھاكىم خاتالىشىپ قالسا ئۇنى توغرا يولغا قايتۇرىدىغان ئۇسۇل-چارىلەرنىڭ بولىشى،ھاكىم خاتالىقىدىن يانمىسا ئاگاھلاندۇرۇش ئاندىن يەنە يانمىسا مەنسىپىدىن تىنىچ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ تاشلاش ئىقتىدارىنىڭ بولىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

ئەگەر ھاكىم بىلەن خەلق مەجلىسى ياكى پارلامېنت ئەزالىرى بىر مەسىلىسىدە تۈرلۈك قاراشتا بولۇپ قالسا،توختىلىۋاتقان مەسىلە شەرئى(يەنى دىنىي)مەسىلە بولسا،بۇ مەسىلە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:"ئى مۆمىنلەر!اﷲغا،پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن(يەنى مۇسۇلمانلاردىن)بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار،ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار،بۇ توغرىدا اﷲغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار،ئەگەر سىلەر اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي)ئىشىنىدىغان بولساڭلار،بۇ(يەنى اﷲنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش)سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر"،(نىسا سۈرىسى،59-ئايەت).

ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن شەرئى بىلىملەردە يېتىشكەن قابىلىيەتلىك، ئىشەنچىلىك، تارماق ئەھكاملار چۈشەنچىسى بىلەن شەرىئەتنىڭ ئومۇمى مەقسەتلىرىنى ۋە شەرىئەت چۈشەنچىسى بىلەن رېئاللىق چۈشەنچىسىنى بىرلەشتۈرگەن ئالىملارغا تايىنىش لازىم.

ئەمما ھاكىم بىلەن خەلق مەجلىسى ئەزالىرى ئىختىلاپ قىلىشىپ قالغان مەسىلە تۈرلۈك ھايات مەسىلىلىرى بولسا، بۇ مەسىلە مۇباھ دائىرىسىدىكى ئىش(يەنى قىلسا ياكى قىلمىسا ھېچ مەسىلە بولمايدىغان ئىش)بولسا، ئىختىساسلىق كىشلەر بۇ مەسىلىنى ئىزاھلىغاندىن كېيىن كۈچلەندۈرگۈچى بىر ئامىلنىڭ بولىشى لازىم، بۇ يەردىكى كۈچلەندۈرگۈچى ئامىل كۆپ سانلىقتۇر.چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ كۆز قارىشى بىر ئادەمنىڭ قارىشىدىن توغرىلىققا يېقىنراق بولىدۇ، بۇ قاراشنى قوللايدىغان شەرئى دەلىلەرمۇ خېلى بار.

دېموكراتىيىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىھاتى(يەنى ئەقلى ئەمگىكى)بولغانلىقىنىڭ ئەيىبى يوق،چۈنكى ئىنساننىڭ بارلىق ئەقلى ئەمگىكى ئېيىپلانمايدۇ.ئاللاھ تائالا قانچىلىغان ئايەتلەردە ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىشمىزنى، تەپەككۈر يۈرگۈزۈشىمىزنى، مۇلاھىزە قىلىشىمىزنى، تىرشىشىمىزنى، يەكۈن چىقىرىشىمىزنى ۋە ئىبرەت ئېلىشىمىزنى بۇيرۇمىدىمۇ؟ لېكىن بىز ئىنسانلارنىڭ بۇ ئەقلى ئەمگىكىگە:ئۇ ئەقلى ئەمگەك ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىتمۇ ياكى ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىت ئەمەسمۇ؟دەپ قاراپ چىقىمىز.قارىساق دېموكراتىيە ئىسلامدىكى كېڭەش قىلىش پرىنسىپىنى، دىندا نەسىھەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش،سەۋر قىلىش،ئادالەتنى تۇرغۇزۇش، زۇلۇمنى يوقۇتۇش، مەنپەئەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش...قا ئوخشاش ئىشلارنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

دېموكراتىيە دېگەن خەلقنىڭ ھۆكۈم قىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ دېگەن سۆز، قانداقتۇر دېموكراتىيە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارىشى دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى خەلقنىڭ ھۆكمى بىر شەخسنىڭ مۇتلەق ھۆكۈم سۈرۈشىگە قارىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

دېموكراتىيە دېگەن غەربتىن كىرگەن نەرسە دېگەن سۆزگە كەلسەك،سىرتتىن بىر نەرسە كىرگۈزۈش ياكى ئىمپورت قىلىشنىڭ ئۆزى چەكلەنمەيدۇ.چەكلىنىدىغان نەرسە ساڭا پايدا قىلمايدىغان زىيانلىق نەرسىنى ئىمپورت قىلىشىڭ چەكلىنىدۇ.بىز دېموكراتىيىنىڭ:سىستېمىلىرى ۋە كېپىللىكىنى ئىمپورت قىلساق بولىدۇ.لېكىن كوللېكتىپنىڭ زىيىنىغا شەخسىنى كۆتۈرۈشتە چېكىدىغان ئاشۇرۇۋېتىدىغان،قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقنىڭ زىيىنىغا ئەركىنلىكنى مۇبالغىلاشتۇرۇپ مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىدىغان، شۇنداقلا كۆپ سانلىققا ھەر قانداق-گەرچە كەسكىن ئېتىقاد ئىدىيىسى بولسىمۇ-نەرسىنى ئۆزگەرتىش ھەققىنى بېرىدىغان بارلىق پەلسەپىلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز.

بىز مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ۋە مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ دېموكراتىيىسىنى ئىرادە قىلىمىز.بۇ دېموكراتىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئەقىدىسى،قىممەت-قارىشى، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق ئاساسلىرىغا رېئايە قىلىدۇ.چۈنكى يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئاۋاز بىلەنمۇ تەرەققىياتنى ياكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغان ئۆزگەرمەس مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر:

ئىسلام ۋە دېموكراتىيە

ئىسلامدىكى كېڭەش پرىنسىپى بىلەن دېموكراتىيىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش

ئىسلامدىكى كېڭەش دېموكراتىيىنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئۇيغۇن (1)

ئىسلامدىكى كېڭەش ۋە دېموكراتىيە (2)

      

 

 

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-7- 19 مىلادىيە

1428-رەجەب- 5 ھىجرىيە