دېموكراتىيە ۋە ئىسلامنىڭ
كېڭەش تۈزۈمىنى ئۈنۈملۈك
بىرلەشتۈرۈش
دېموكراتىيە
ياۋروپادا ئومۇمى شەكلىدە(يەنى ئاپپاراتىدا)ئورتاق
بولسىمۇ، تەپسىلاتىدا بىردەكلىككە ئىگە
ئەمەس.چۈنكى دېموكراتىيىنىڭ دىن بىلەن بولغان
ئالاقىسىدا ئوخشاشماسلىق مەۋجۇد.مەسىلەن،
فرانسىيە نەمۇنىسى دېموكراتىيىنىڭ تەسىس
قىلىنىش شارائىتلىرىدىن تەسىرلىنىپ1905-يىلىدىن تارتىپ دىننى
دۆلەتتىن كەسكىن ئايرىپ قارىدى، نەتىجىدە ھىجاب
كرىزىسى پەيدا بولۇپ، فرانسىيىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ
يەرلىشىش قىيىنچىلىقى تۇغۇلدى.لېكىن ئەنگلىيە
ياكى سىكەندىناۋىيا(Scandinavia)،(دانىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە
ۋە فىنلاندىيە) ئەللىرىگە ئوخشاش باشقا غەرب
ئەللىردىكى دېموكراتىيە شەكلىدە بۇ خىل
كىرىزىسلار يۈز بەرمىدى.
شۇنداقلا
دۆلەتنىڭ مەركەزلىك تۈزۈم بولۇش
دائىرىسىدىمۇ ئوخشاشماسلىق مەۋجۇد، چۈنكى
فرانسىيە نەمۇنىسى دۆلەتنى مىللەتنىڭ
سالاھىيىتىنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە
شەكىللەندۈرگۈچى دەپ قارايدۇ، لېكىن
مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قوللانمىغان
ياكى فىدرالىيە(ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈمى)تۈزۈمىنى
قوللانغان دېموكراتىيە تۈزۈملىرى بۇنىڭغا
ئوخشىمايدۇ.
بۇ
يەردە شۇنى مۇلاھىزە قىلىش
كېرەككى،ئەرەب تۈزۈملىرى ھەتتا تۈركىيە
تۈزۈمىمۇ-دېموكراتىيىنىڭ باشقا
نەمۇنىلىرىگە قارىغاندا-فرانسىيە
تۈزۈملىرىدىن بەكرەك تەسىرلەنگەن.
فىرانسىيىدىن باشقا نەمۇنىلار دۆلەت ئىچىدە
كۆپ تەرەپلىمىلىك مەدەنىيەتنى ئېنىق
ئېتىراپ قىلىدۇ.
مېنىڭچە
كۆپ تەرەپلىمىلىك مەدەنىيەتنى قوبۇل
قىلىدىغان نەمۇنە سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى
ئىسلام تەجرىبىسىگە يېقىن، چۈنكى ئىسلام
دۆلىتىدە رايون ئەمىرلىرى ۋە ھاكىملىرى
خەلىپىنىڭ مەركەزلىكىگە نىسبەتەن كەڭرى
ئەركىنلىك بىلەن بەھرىمەن بولالايدۇ.
شۇڭا
فرانسىيەنىڭ دېموكراتىيە نەمۇنىسىدىكى
دۆلەتنىڭ بەك
مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە
پۇقرالارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك
مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى،دۆلەت ئىچىدىكى
پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى ھۆرمەتلەيدىغان
مەۋجۇدىيەت سۈپتىدە مۇئامىلە
قىلماستىن شەخسى كىشلەر سۈپتىدە مۇئامىلە
قىلىدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان.
مانا
بۇ ئەھۋال فرانسىيە نەمۇنىسىدىن قاتتىق
تەسىرلەنگەن تۈركىيە نەمۇنىسىنىڭ
كىرىزىسىنى شەكىللەندۈردى، نەتىجىدە
تۈركىيە نەمۇنىسىنىڭ تۈركىيە
مۇھىتتىكى ئىككى تەرەپلىمىلىك-تۈرك ۋە
كۇرد-مەدەنىيەتنى ھەزىم قىلىشى تەسكە
چۈشتى.تۈركىيە نەمۇنىسى كۇرد مىللىتىنى
ئەسكەر كۈچىگە تايىنىپ بىرىكىشكە
مەجبۇرلىدى.دىنى ئىشلاردا-گەرچە خەلقنىڭ 90%تىن كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولسىمۇ-فرانسىيە
ئىلمانىزم تۈزۈمىنى قوللاندى، ئاددىيسى ھىجاب ئارتىش
ئەركىنلىكىنى چەكلىدى...
دېموكراتىيە
تۈزۈمى سالاھىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان
ماتېرىيالىزم پەلسەپىسى ۋە ئىلمانىزم
قىممەت-قارىشى دېموكراتىيىنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىدىن
بىرسىدۇر.ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيە
تۈزۈمى بىلەن ماتېرىيالىزم ۋە ئىلمانىزم
قىممەت قارىشى ئارىسىدا كەسكىن باغلىنىشلىق
مۇناسىۋەت تېپىلمايدۇ.چۈنكى
دېموكراتىيە ئىلمانىزم شارائىتىدىكى دىكتاتور
تۈزۈملىرىدىن بەكرەك دىنىي مۇھىتلاردا
نەتىجە قازاندى.
غەرب
دېموكراتىيە تۈزۈمىدە ئىقتىسادنى سىياسى
ۋە مەدەنىيەت ھاياتنىڭ ئاساسلىق يادروسى
دەپ قاراش غەرب ئەللىرىدە تەرەققىيات
ۋە گۈللىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ
بەردى.لېكىن بۇ قاراش جەمئىيەتتىكى
تەڭپۇڭلۇق ھالىتىگە تەسىر
يەتكۈزدى،چۈنكى مال-دۇنيا ئىنسان ھاياتىدىكى
ھەممە نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا
ئەڭ قىممەتلىك نەرسىمۇ ئەمەس.
ئىنسان
پەقەتلا بەدەندىن تەركىپ تاپقان نەرسە
ئەمەس،لېكىن بۇ غەرب نەمۇنىسى ئىنساننى
نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ،ئۇنىڭ بۈيۈك
ھەقىقىتى(يەنى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن روھ
ئىكەنلىكى)نى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويدى.بەدەننىڭمۇ يوللۇق تەلەپلىرى
ۋە ئېھتىياجلىرى بار،لېكىن بەدەننىڭ
تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش كەسكىن ئېھتىياجى بار
روھنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن
ھالەتتە ھەل قىلىنىشى كېرەك.ئىلمانىزم
دېموكراتىيىسى بوشلۇقىدا ئۈزۈۋاتقان
قىممەت-قاراش تۈزۈمى ئىنساننىڭ روھ
تەلەپلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشى ۋە
ئۇنى كۈندىلىك كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسىدىن
چىقىرىپ تاشلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.
روھنىڭ
تەلەپلىرىگە سەل قاراپ، ماددىغا بېرىلىپ
كېتىش دېموكراتىيە ئەللىرىدە ئىجتىمائىي
ئالاقە تورىينىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىگە ئېلىپ
باردى.ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ مەنپەئەتى
ئۈچۈن ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى
ئۆرۈلگەندىن كېيىن بۇ ئەللەردە
ئىجتىمائىي ئىنسان يوقالغىلى تۇردى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتىن
ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئائىلە،
روھى ۋە ئەخلاقى قىممەت قاراشلار ئىنسان ۋە
جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدىغا سىرتتتىن كىرىپ قالغان
نەرسە ئەمەس، بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ
تۈگەپ كېتىپ بارغانلىقى كرىزىسنىڭ
زورىيىۋاتقانلىقنىڭ بەلگىسى، بەلكى ھەزارەت
قۇياشىنىڭ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ
ئىلانىدۇر.
ئىنساندىكى
پەرزەنت كۆرۈش تۇيغۇسى
ئۈمىد،كەلگۈسىگە قارىتا ئىشەنچ ۋە
ھايات شېرىكىگە نىسبەتەن ئىشەنچىنى ئىپادىلەش
دېمەكتۇر.
بۇ
روھى ئامىللارنىڭ ھەممىسى غەرب دۇنياسىدا
يوقۇلۇشقا قاراپ مېڭىپ، بەدەن
تەلەپلىرىنى روھ ۋە ئەخلاق سىرتىغا تاشلاپ
قويدى.بۇ ئەھۋال توي قىلىش، پەرزەنت
كۆرۈش، ئانىلىق-ئاتىلىق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار
قۇربان بېرىشتىن يىراقلاشتۇردى.پايدا ۋە
مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىقتىساد
ۋە ھايات پەلسەپىسى روھ ۋە ئەخلاق
قىممەت-قاراشلىرىنى بېرەلمەيدۇ،بەلكى
ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ زىددىگە ھەرىكەت
قىلىدۇ.
بەدەن
تەلەپلىرىنىڭ تۇغما ئەخلاق قانۇنىدىن چىقىپ
كەتكەنلىكى ھەممە نەرسىگە كەڭرى
مەيدان ئېچىپ بەردى، مانا بۈگۈنكى كۈندە
ئائىلىنىڭ يېڭى شەكلى توغرۇلۇق
قىلىنىۋاتقان سۆزلەر ئاز ئەمەس.
دېموكراتىيىنىڭ
پايدا،مەنپەئەت،ئىشلەپچىقىرىش،لەززەت
ۋەكۈچ-قۇۋۋەت
قىممەت-قاراشلىرىدىن باشقا قىممەت-قاراش دۇنيالىرىدىن
قېچىشنىڭ ئاپەتلىرى ۋە بالاسى،دىنلار سايىسىدا
شەكىللەنگەن جەمئىيەت
مەۋجۇتلۇقىنىڭ تەقلىدى توقۇلمىلىرىنى
پارچىلاپ تاشلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،ئۇنىڭ يامان
ئۇچقۇنلىرى دېموكراتىيىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا
قەدەر كېڭەيدى.
دېموكراتىيىنىڭ
ئىچىدە جەمئىيەتتىكى بايلار بىلەن
كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى ھاڭ
كەمبەغەللىكى دۇنيادىكى ئەڭ باي
دۆلەتتىنمۇ پاناھسىز قالغان مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ
مەۋجۇتلۇقىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن
كېڭەيمەكتە.شۇنداقلا دېموكراتىيە
تۈزۈمىدىكى ئىنسان ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش،
سوتنىڭ مۇستەقىل بولىشى، ۋە بىخەتەرلىك
ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانۇن بىلەن
چەكلىنىشى...گە ئوخشاش ئاساسلىق مەسىلىلەر چىرىشكە
باشلىدى.
تېرورىزىمغا
قارشى تۇرۇش قانۇنلىرى ۋەتەنداشلار ئارىسىنى
ئېنىق ئايرىپ قاراشقا ئېلىپ باردى، شۇڭا
مۇسۇلمانغا ئاللىبۇرۇن تۆھمەت ۋە
قالپاق تەييارلىنىدىغان بولدى،شۇڭا سەل گۇمانلىق
بولسىلا ئېنىق پاكىتسىز قولغا ئالىدىغان شارائىت شەكىللەندى.
دېموكراتىيىنىڭ
سىرتىدا بولسا، غەرب دېموكىراتىيەلىرى ئەسلىدىن تارتىپ
تۈزۈلۈش نۇقسانلىرى ئۈستىگە
قۇرۇلغان، ئۇ بولسىمۇ مىللى دۆلەت ئىدىيىسى
بولۇپ، قىممەت-قاراشلىرى ۋە ھوقۇقلىرى بارلىق
ۋەتەنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ۋەتەنداشلىرىنىڭ
مەنپەئەتلىرىنى قوغداش قانۇنى ئادالەت ياكى
زۇلۇم، ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ ئۈستۈن
مەنبەسىدۇر.باشقىلارغا زۇلۇم بولسىمۇ
ۋەتەنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش
ئىدىيىسى ئەڭ
قەدىمقى
دېموكراتىيە ئەللىرىنى مۇستەملىكە
ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى، نۇرغۇن خەلق
ۋە ھەزارەتلەرنى قۇرۇتۇپ
تاشلاشقا رىغبەتلەندۈردى. غەرب ئەللىرىنىڭ ئەسكەرلىرى
تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىۋاتقان ئىراق،
ئافغانىستان، پەلەستىن...دىكى ئەخلاقى
رەسۋاچىلىقلار، زۇلۇملار ۋە بىگۇناھ
جازالاشلار دېگەن سۆزىمىزنىڭ جانلىق شاھىدى.غەرب
ئەللىرىنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە قارىتا
شەكىللەندۈرگەن ئاشكارا ۋە
يوشۇرۇن تۈرمىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان
جىنايەتلەر پولاتتەك پاكىتلاردۇر.
شۇنىڭ
ئۈچۈن غەرب دېموكىراتىيەلىرى ئۆزىنىڭ
مەنپەئەتىگە كېپىل بولۇش ئۈچۈن،
ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە ھەقىقى دېموكىراتىيەگە
تەشنا ۋە ئىنتىلىۋاتقان نۇرغۇن
خەلقلەرنىڭ زىيىنىغا دۇنيادىكى ئەڭ
مۇستەبىت، زالىم تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرگە
ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇ
تۈزۈملەرنى قوللايدۇ.
ئەنگىلىيىنىڭ
پەلەستىننى يەھۇدىلارغا مۇستەملىكە
قىلىپ بېرىشى سەۋەبلىك
پەلەستىنلىكلەرنى مۇستەملىكە
قىلىۋالغان يەھۇدىلارنى مۇتلەق قوللىشى
ۋە ھىمايە قىلىشى غەرب زۇلمىنىڭ جانلىق
نەمۇنىسىدۇر.سىياسەتنىڭ دىن ۋە
ئەخلاققا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقلا
پەلەستىن خەلقى دېموكراتىيە ھوقۇقىنى
تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بىر قىسىمىنى پالاپ،
قالغانلىرىنى جازالىغاندىن سېرىت جازالاش ئاچ قالدۇرۇش
دائىرىسىگە قەدەر يېتىپ باردى.
بىز بۇ يەردە غەرب
دېموكراتىيىسى دۇنيا خەلقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا
غەربنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن
تېڭىلغان بۇلاڭ-تالاڭ ئۈستىگە
تۇرغۇزۇلغان ئىقتىساد ئالاقىسى خاراكتېرىگە
ئىشارەت قىلىپ ئولتۇرمايمىز.
ئەلۋەتتە
بۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا زۇلۇملار سىياسى
ھوقۇقنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ قولىدا
مەركەزلىشىپ قېلىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش
ئۈچۈن كەلگەن؛ ئەركىنلىك، قانۇن ھوقۇقى
ۋە خەلق ئىگىدارچىلىقى-ھەممىسى پايدىلىق ۋە
ھەقىقەت-نىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن
بارلىققا كەلگەن دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ
خاراكتېرىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.بەلكى ئۇ
ماتېرىيالىزم پەلسەپىسىنىڭ نەتىجىسى.ماتېرىيالىزم
پەلسەپىسى ھاۋا ۋە رەھمىنىڭ)بالا
ياتقۇنىڭ( ئورنىنى تەمسىل
قىلىپ بەردى، دېموكراتىيە شۇ يەردە تىندى
ۋە يارىتىلدى.
دېموكراتىيە
باشقا بىر ھايات پەلسەپىسىدە ياشىرىپ گۈللىنىشى،
يۇقىرىقى مەزكۇر زەھەرلەردىن خالى ھالدا
پىشقان مېۋىلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
ئىسلام
دىنىدا ئىنسان-مەيلى ئۇ يەككە ياكى كوللېكتىپ
بولسۇن-ئۈچۈن بەدەن ۋە روھ
سۈپتىدە تولۇق كۆز قاراش
تېپىلىدۇ.ئەگەر سەن بۇ ئىسلامنىڭ
كۆز قارىشىنى ئۆز ھەقىقىتى بويىچە
چۈشەنسەڭ، رادىكاللىق ۋە خاتا
چۈشەنچىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن خالى بولالىساڭ، ئىسلام دىنى
ھەزارەت مىراسىنى ئىنسانپەرۋەر، ئەخلاقلىق
ۋە ئىمانلىق دېموكراتىيە ئىچىدە
قۇتۇلدۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنى
يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر ۋە لايىقتۇر.
ئىسلام
دىنىنىڭ پرىنسىپلىرى، بۈيۈك قىممەت-قاراشلىرى
ۋە ھەزارەت تەجرىبىلىرىگە قارايدىغان بولساق،
ھەممە ئادەم ئىسلامنىڭ دىنىي، ئىرقى، ئىدىيىۋى
ۋە سىياسى جەھەتلەردىن كۆپ
تەرەپلىمىلىك بولۇشقا كۆكسىنىڭ
كەڭلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.ئىسلام
دىنى ئىسلام رايونى ئىچىدىكى ئىراقنىڭ زەيدىيە
ئېقىملىرىغا ئوخشاش بۇتلارغا چوقىنىدىغانلارنىمۇ يوقىتىپ
تاشلىمىدى.شۇڭا ئىسلامنىڭ تارىخى ئىرقىي ياكى دىنىي تازىلاش
ئۇرۇشلىرى بىلەن بولغانمىدى.
ئىسلام
ئەللىرى گەرچە ئارقىدا قېلىش،كۆپ سانلىق
مۇسۇلمانلار ئېزىلىش خەۋپىگە
ئۇچرىسىمۇ، لېكىن غەيرى دىندىكى ئاز سانلىقلار
بىخەتەرلىك راھىتى بىلەن بەھرىمەن بولۇپ
كېلىۋاتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ
شەكىللەندۈرگەن ئىسلام دۆلىتىدىكى ئىجتىمائىي
نەمۇنىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك قانۇنغا
قارىتا يەھۇدىلار ۋەتەنداشلىق ھوقۇقلىرى
بىلەن بەھرىمەن بولغان ئىدى، ئۇلار ئىسلامنىڭ
سايىسىدا ئېزىلىشقا ئۇچرىمىغان.ئۇلار غەرب دىيارلىرىدا
بېسىم ۋە ئېزىلىشقا ئۇچرىغاندا ئىسلام
دىيارى(ئوسمانىيە دۆلىتى)ئۇلار ئۈچۈن پاناھلىنىش
ئورنى بولۇپ كەلگەن.
ئۇزۇن
مۇددەت ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان ئىراق
ھازىرغىچە تۈرلۈك ئېقىم، ئىرىق ۋە
دىنلارنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە، بۇ
پايتەختىنىڭ قۇرۇلمىلىرى مەزھەپچىلىك
ئۇرۇشلىرىغا دۈچ كېلىپ باقمىغان، مانا بۈگۈن
ئىراق مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندا
مەزھەپ ۋە ئىرقى ئۇرۇشلار ئەۋج
ئالماقتا.شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرسىدىكى سارايېۋو
شەھىرى-گەرچە سىرىب ۋە كۇرۋاتلار
رادىكاللىق قىلسىمۇ-مۇ كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ
مەيدانى ئىدى ۋە بولۇپ كەلمەكتە.
ئىسلام
دىنىدىكى:"دىندا مەجبۇرلاش يوق"،"سىلەرنىڭ
دىنىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار
ئۈچۈن،مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم
ئۈچۈن"دېگەن پرىنسىپ ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي
تۈزۈمى قۇرۇلغان ئەڭ بۈيۈك
پرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر.بۈگۈنكى ئىنسان ھوقۇق
ئىلانلىرى ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى قانات يايدۇرغان
پرىنسىپلىرىنىڭ تەسىرىدۇر.
ئىسلام
دىنى-گەرچە بەزى قوللىغۇچىللىرىنىڭ
ئىنكاسىنىڭ ھاماقەتلىكى ۋە ئىسلام توغرىسىدا يامان
تەسىر بېرىشى مەۋجۇد
بولسىمۇ-ھەمىشە ئالەمدە تىنىچ دەۋىتىنى
قۇيۇپ تۇرىدۇ، ئىسلامنىڭ بۇ تىنىچ دەۋىتىنىڭ
تارتىش كۈچى-گەرچە دۆلىتى ۋە ھەزارىتى
ئاجىز بولسىمۇ-بارلىق ئېقىملارنى بېسىپ چۈشىدۇ.
ئىسلام
ھەرىكەتلىرى گەرچە تۈرلۈك زۇلۇم
ۋە بېسىملارغا دۈچ كەلسىمۇ
سەۋرچانلىق ۋە ساغلام ئۇسۇللارغا
تايىنىپ،خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەركىنلىك دائىرىسىنى
ئىزدىمەكتە.ئىسلام ھەرىكىتى مۇستەملىكىچىدىن
باشقىلارغا كۈچ ئىشلەتمىدى، مۇستەملىكچىگە
كۈچ ئىشلىتىش ھەممەيلەننىڭ
نەزەرىدە ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق ۋە
يوللۇق ئىش.
ئىسلام
ھەرىكەتلىرى ماجرانى ئىدارە قىلىشتا ئىنسان ھوقۇقى
تۈزۈلمىسى ۋە دېموكراتىيە
ئۇسۇللىرىدا ئىسلامنىڭ كېڭەش قىممەت
قارىشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىيەت
قېرىنداشچىلىق نىداسىنىڭ ياخشى
مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس
قىلالايدۇ.قۇرئان كەرىم ئىنسانىي قېرىنداشچىلىق نىداسىنى
ئىلان قىلىپ:"ئى ئىنسانلار!سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن
بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن
ھەۋۋادىن ئىبارەت )بىر ئاتا بىر ئانىدىن
ياراتتۇق،ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار
ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە
ئۇرۇق قىلدۇق"، (ھوجۇرات سۈرىسى
،12-ئايەت)دەيدۇ.
مەسىلە
ئىسلام ھەرىكەتلىرىنى دېموكراتىيە بىلەن
قانائەتلەندۈرۈشتە ئەمەس، چۈنكى
دېموكراتىيە ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ دورىسى.ھەقىقى
مەسىلە غەربنىڭ دېموكىراتىيەلىرىنى ئىسلام
ھەرىكەتلىرى بىلەن
قانائەتلەندۈرۈشتە،غەرب
دېموكىراتىيەلىرى ئىسلام ھەرىكەتلىرى بىلەن
قانائەتلەنگەندە يوللۇق
مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ
ھەقىقى ۋەكىللىرىگە تايىنىدۇ، ئۇ چاغدا
مۇستەبىت،خائىن ۋە زالىم ھاكىملارغا تايىنىپ ئولتۇرمايدۇ.
ئىرھاب(تېررورىزىملىق)ۋە
ئۇنىڭ ئۇسۇللىرىدىن ھەر قانداق بىر مىللەت
ۋە ھەزارەت خالى بولالمايدۇ، ئۇ
كۆپىنچە چەكسىز زۇلۇم كېچىلىرى
ۋە دەھشەتلىك تۈرمە ئازابلىرىدا پەيدا
بولىدۇ.
شۇنىڭغا
ئاساسەن دىكتاتۇرىنى ۋە مۇستەبىتلىكى
قوللاشنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىسلامى تېررورىزم توغرىسىدا
سۆزلەش،راستىچللىقىنى يوقاتقان قۇرۇق سۆزدۇر،
بىچارە خەلقلەرگە ئاشكارا ھۇجۇم
قىلغانلىقتۇر ۋە خەلقلەرنىڭ يارىسىنى
تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقتۇر.مانا
غەرب ئەللىرى تېررورىزمغا قارىشى تۇرۇش باھانىسى
ئاستىدا ئىسلام ئەللىرىدىكى زالىم ۋە مۇستەبىت ھاكىملارنى
يۆلەپ تۇرىۋاتىدۇ.غەرب ئەللىرى ئىسلام
ئەللىرىدە ھەقىقى دېموكراتىيىنىڭ مەيدانغا
كېلىشى ۋە كۈچىيىشىنى خالىمايدۇ.بۇ
ئەللەردىكى مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن
ئاتالمىش ساختا دېموكراتىيە بىلەن خەلقنى ئالدايدۇ
ۋە خەلق ئاممىسىغا قارشى زالىم ھاكىملار سېپىدىن ئورۇن
ئالىدۇ.
ئەلۋەتتە
بۇ مەسىلە غەربنىڭ ئىنسانىي قىممەت
قاراشلاردىن يالىڭاچ ۋاسىتىچىلىك پوزىتسىيىلىرىنىڭ باشقا
كۆرۈنىشلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە
ئىتتىرىدۇ...سىزنىڭچە غەربنىڭ ئىسلام
ئەللىرىدىكى زالىم ۋە مۇستەبىت ھاكىملارنى
قوللىشىدىكى ۋە ھىمايە قىلىشتىكى سەۋەب نېمىدۇ؟
پرىنسىپ
ۋە خەلقلەرگە ياردەم بېرىشنى ئىسلام
ئۈممىتى بىلەن كەلگۈسىدە ئالاقە
تۈزۈشتىكى ئاساسلىق كېپىل دەپ قاراشقا ئىنتىلىش ئورنىغا
كەم ئەقىللىق قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ياكى ئىسلام
مىللەتلىرى غەربنىڭ يېڭىلىق مېۋىلىرىنى
ۋەھىي، سالاھىيەت، تارىخ ۋە مىراسىدىن يۈز ئۆرۈش
ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنمىغانلىق
جىنايىتىدىمۇ؟
ياكى
غەربنىڭ ئىسلامغا قارىتا تارىخى ئۆچمەنلىكى غەرب
سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئارقى كۆرنىشىدىمۇ؟ بۈگۈنكى
كۈنلۈكتە ئىرھاب(تېررورىزم)ۋە
ئەسلىيەتچىلەرگە قارشى ئۇرۇش پىلانى
ئىسلامنىڭ كۇدىغا ئايلىنىپ قالدى...
مۇسۇلمانلارنىڭ
بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئىشلىتىلمىگەن
كېڭەش ئورگىنىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن
دېموكراتىيىگە بولغان ئېھتىياجى،-مەلۈم
سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاللاھدىن قاچقان
ۋە ئىنسانىيەتكە توپىغا قارىشى بىر بۆلەك
كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن
خىزمەت قىلىۋاتقان-غەرب دېموكىراتىيىسىنىڭ ھازىرقى
مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇۋېلىش
ئۈچۈن روھى، ماددى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت-قاراشلارغا
قارىتا ئېھتىياجىدىن قېلىشمايدۇ.
ئىنسانلار
ئارىسىدا توقۇنۇش مەيدانى بولۇپ قالماسلىقى
ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك ئىنسانىي
بىرلەشتۈرۈش كۆز قارىشىغا مۇھتاج، بۇ
كۆز قاراش ئىسلامدىن باشقىسىدا تېپىلمايدۇ:"ئى
ئىنسانلار!سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر
ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت
)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا
تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى
نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق
قىلدۇق"،(ھوجۇرات سۈرىسى ،12-ئايەت).
ئاخىردا شۇنى قىستۇرۇپ قويۇش كېرەككى، ئىسلامدىكى كېڭەش پرىنسىپى ئىجتىھاتى مەسىلە.ئىسلام دىنى ھەر قانداق بىر ئىشتا كېڭەش قىلىشقا بۇيرۇدى ۋە تەشەببۇس قىلدى،لېكىن بۇ كېڭەشنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرىنى بەلگىلەپ بەرمىدى.كېڭەش ۋە مەسلىھەتنىڭ شەكلى، خاراكتېرى ۋە تۈرى ئىنسان ئەقلىنىڭ مېۋىسىدۇر.
مۇناسىۋەتلىك
ماقالىلەر:
ئىسلامدىكى
كېڭەش پرىنسىپى بىلەن دېموكراتىيىنى
ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش
ئىسلامدىكى
كېڭەش دېموكراتىيىنىڭ ماھىيىتى بىلەن
ئۇيغۇن
ئىسلامدىكى
كېڭەش ۋە دېموكراتىيە
ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
2007-7- 7 مىلادىيە
1428-جۇمادىل ئاخىر- 22 ھىجرىيە