تەۋراتنىڭ پەيغەمبەرلەرگە قىلغان تۆھمەتلىرى

 

تەۋرات قۇرۇلمىسىدىكى ئىككىنچى مەسىلە:ئىسرائىل نەسەبىنى(ئىرقىنى)ھەممىدىن يوقىرى كۆتۈرۈش ۋە باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشتۇر.يەھۇدىلار ئەرەبلەرنى ياخشى كۆرمىگەندەك،باشقا مىللەتلەرنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.شۇڭا بۇ ياقتۇرماسلىق يەھۇدىلارنىڭ نەزىرىدە دىنى تۈسنى ئېلىشى لازىم، شۇنداق بولغاندا ئەرەبلەر ئاسمان ۋە زېمىندا لەنىتىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

يەھۇدىلار بۇ مەقسىتىگە قانداق يېتىۋاتىدۇ؟

يەھۇدىلار قىسسە توقۇپ چىقىدۇ،ئۇلار:توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان نۇھ(ئەلەيھىسسالام)ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكىدىن مەس بولۇپ قېلىپ،يەرگە يىقىلىپ يېتىپ قالىدۇ ۋە ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالىدۇ.بالىلىرىنىڭ بىرسى نۇھ(ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ قېلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ ۋە باشقىلارغا يېيىۋېتىدۇ.نۇھ مەسلىكىدىن يېشىلگەندە،بولغان ئىشلارنى بىلىپ، ئۆزىدىن خىجىل بولماستىن، ئۆزىگە تېخىمۇ ئاللاھنىڭ لەنىتىنى چۈشۈرىدىغان ئىشتىن يەنە بىرنى قىلىدۇ،دەپ گۇمان قىلىدۇ.

تەۋرات بۇ ۋەقەنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:"نۇھ ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قېلىپ،يىقىلىپ قالغان يېرىدە ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالىدۇ، كەنئاننىڭ دادىسى ھام دادىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئىككى قېرىندىشىغا دەپ قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن سام ۋە يافەس بىر دانە رەختنى ئېلىپ، ئۇنى مۈرىسىگە قويۇشۇپ، ئارقىچە مېڭىپ، دادىسىنىڭ ئەۋرىتىنى يۆگەيدۇ.نۇھ مەسلىكىدىن يېشىلگەندە كىچىك بالىسىنىڭ قىلغان ئىشىنى بىلىپ: پەرۋەردىگار ئىلاھ "سام"غا بەرىكەت بەرسۇن ۋە "كەنئان"نى ئۇنىڭغا قۇل قىلىپ بەرسۇن، ئاللاھ يافەسكە رىزقىنى كەڭ بەرسۇن، ئۇ سامنىڭ يۇرتىدا ياشىسۇن ۋە كەنئان ئۇلارغا قۇل بولسۇن،دەيدۇ.(تەۋرات، سەپەر تەكۋىن، ئىسھا 9).

دېمەك، تەۋراتنى يېزىپ چىققان يەھۇدى ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئاقلاپ، باشقىلارنى قارلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن كەنئان(پەلەستىنلىكلەر)لىقلارغا لەنەتنىڭ چۈشىشىنى تىلەشكەن. يەھۇدىلارنىڭ نەزىرىدە بىر مىللەتكە بۇ لەنەتنى نىسبەت بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەش ۋە قارىلاش ھېچ نەرسە ئەمەس.

ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنى ھوشىنى يوقاتقىچە ئېغىر مەس بولدى،ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالدى، ئاندىن نەۋرىسىنى قاغىۋەتتى،دەپ تۆھمەت توقۇش نېمىدېگەن ئېغىر جىنايەت ھە! مەسنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، كەنئانلىق(پەلەستىنلىك)لار ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانمىدۇ!

تەۋراتنى يازغۇچى مۇشۇ نەتىجىگە يېتىش ئۈچۈن نۇھ(ئەلەيھىسسالام)نى مەسلەشتۈرگەن بولسا، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجىگە يېتىش ئۈچۈن لۇت(ئەلەيھىسسالام)نى مەسلەشتۈرۈشنى توغرا تېپىشقان.

ئاللاھنى ھاقارەتلىگەن ۋە كەمسىتكەن يەھۇدىلار ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ شان-شەرىپىنى بۇلغاش ئاددى ئىش،لېكىن ئەھدى قەدىم(يەنى تەۋرات)نى يالغان ياۋداق سۆزلەر بىلەن بويىغۇچى بۇ يەردە بەك چاكىنىلىشىپ كەتكەن،چۈنكى ئۇ لۇت(ئەلەيھىسسالام)نى مەس دەپ سۈپەتلەش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىككى قىزى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا زىنا قىلغان پاھىشىۋاز دەپ سۈپەتلىگەن.

تەۋراتنىڭ سۆزىگە قاراڭ:"لۇت (ئەلەيھىسسالام)ئىككى قىزى بىلەن غاردا تۇردى،چوڭ قىزى سىڭلىسىغا:دادىمىز ياشىنىپ قالدى، ھازىر زېمىن يۈزىدە بىزگە ئەر-خوتۇنچىلىقتا ھەمرا بولغىدەك بىرمۇ ئەر قالمىدى!شۇڭا دادىمىزغا ھاراق ئىچۈرۈپ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتايلى،شۇنداق بولغاندا دادىمىزنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قالالايمىز،دېدى!ئىككى قىز ئاشۇ كىچىدە دادىسىغا ھاراق ئىچۈردى، دەسلەپتە چوڭ قىزى دادىسى بىلەن بىرگە ياتتى،لۇت(ئەلەيھىسسالام)قىزى بىلەن بىرگە ياتقىنىنى بىلمىدى.ئەتىسى ئاچىسى سىڭلىسىغا:مەن دادام بىلەن بىرگە ياتتىم، بۈگۈن كىچىمۇ ئۇنىڭغا ھاراق ئۈچۈرەيلى،سەن كىرىپ بىرگە يېتىۋالغىن دېدى.كىچىك قىزى دادىسى لۇت(ئەلەيھىسسالام)بىلەن بىرگە ياتتى،ئۇ قىزىنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە ياتقانلىقىنى بىلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قىزى ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولدى،چوڭى ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا"مۇئاپ"دەپ ئىسىم قويدى..."،(تەۋرات، سەپەر تەكۋىن، ئىسھا 19).

يەھۇدىلار باشقا مىللەتلەرنىڭ قەدرىنى تۆۋەن چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشتە پەيغەمبەرگە تىل تەگكۈزسە، ئۇنى ھاقارەتلىسە ۋە ئۇنى تۈرلۈك بوھتانلار بىلەن قارىلىسا ھېچ مەسىلە يوق! مۇھىمى ئۇلار دۈشمەنلىرىنى جاراھەتلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ نەسەبلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ۋە بۇ نىجىس غەرىزىگە يېتىشتە مۇقەددەس كىتاۋىنىڭ ۋەھىيىسىگە تايىنىدۇ!

قۇرئان كەرىم يەھۇدىلارنى سۈپەتلەپ:"ئۇلاردىن(يەنى يەھۇدىيلاردىن)بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى،سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن،تىللىرىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ.ھالبۇكى،ئۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس،ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ"،(ئال ئىمران سۈرىسى،78-ئايەت).

ئەلۋەتتە يەھۇدىلار بۇ زەنجىرسىمان ھېكايىلەرنى تەۋراتتا بىكاردىن-بىكار خاتىرىلىمەيدۇ، ئۇلار بىر غايىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ قىسسىلەرنى توقۇپ رەتلەپ چىققان.ئۇلارنىڭ غايىسى:ئاللاھ زېمىن ئۈچۈن كائىناتنى ياراتتى، زېمىننى ئادەم بالىلىرى ئۈچۈن ياراتتى.ئۇ نۇھنىڭ دەۋرىدە نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن باشقا ئادەم بالىلىرىنى يوق قىلىپ تاشلىدى، نۇھنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سامنى تاللىدى ئاندىن ئۇنىڭ نەۋرىسىدىن ئىسرائىل ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى تاللىدى(يەنى ئالاھىدە قىلدى)،دېمەكچى بولىشىدۇ.

شۇڭلاشقا يەھۇدىلار بۇ ئەپسانىلەرگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ تاللانغان خەلقى دەپ ئويلاپ قېلىشتى.

تەۋراتتا مۇنداق كەلگەن:"چۈنكى سەن دېگەن مۇقەددەس خەلق، سەن زېمىن يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەردىن ئالاھىدە بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئاللاھ سېنى ئالاھىدە قىلىپ تاللىدى"،(تەۋرات، تەسنىيە، 7-قىسمى 6-بەت).

يەھۇدىلارنىڭ ئىرقى بىلەن پەخىرلىنىشى ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن پەزىلەتلىك ئىشلارنى تۆۋەن كۆرۈشكە ئېلىپ باردى.ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ تاللانغان خەلقى دەپ مەغرۇرلىنىپ، نېمە دېيىش ۋە نېمە قىلىشلىرى بىلەن پىسەنت قىلىشمىدى.ئۇلار تاللانغان خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن قانداق پەسكەش ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ھېچ مەسىلە يوق.ئۇلارنىڭ نەزەرىدە  غايە ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلنى ئاقلاپ بېرىدۇ.

يەھۇدىلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسرنى زىيارەت قىلىشىنى سۈپەتلىگەندە، ئىبراھىم(ئەلەيھىسسالام)نى دەيۇز دەپ سۈپەتلەيدۇ!ئىبراھىم(ئەلەيھىسسالام)ھاياتىغا ئامراقلىقى ۋە ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ، ئايالىنى فىرئەۋىنگە تەقدىم قىلدى، ئىبراھىم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئايالى فىرئەۋىننىڭ ئۆيىگە كىردى، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئىبراھىمغا ئاز-تولا ھەدىيە بەردى،دېيىشىدۇ!.

بۇ لەنىتىلەر ئىبراھىم(ئەلەيھىسسالام)نى مۇنداق سۈپەتلىگەن بولسا،قۇرئان كەرىم ئۇ توغرىسىدا:"ئىبراھىم ھەقىقەتەن(يالغۇز بولسىمۇ)ئۈممەت ئىدى.."دەيدۇ،(نەھل سۈرىسى، 120-ئايەت).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىڭلىغان ئادەملەرگە تەڭ كېلىدىغان ئىنسان ئىدى، ئۇ ئاللاھ يولىدا بۇددىزم بىلەن كۆرەش قىلدى،بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى،ئوت ئازابىغا ئۇچرىدى ۋە مۇۋەھھىد ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقتى.مۇشۇنداق سۈپەتلىك پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسىنى ئايالى ئازدۇرۇپ، ئازغىنا ئولجا ئۈچۈن فىرئەۋىننىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ماقۇل كەلتۈرەلەمدۇ؟.لېكىن تەۋراتنى يازغۇچى يەھۇدى ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىبراھىم(ئەلەيھىسسالام)نى يۇقىرىقىدەك سۈپەتلەشتىن خىجىل بولمىغان.

بۇ پەسكەش ھېكايىنى قويۇپ تۇرۇپ، يەھۇدىلارنىڭ ئۆز بوۋىسى ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇزۇن بىر كىچە چېلىشىپ ئىسرائىل دېگەن لەقەمگە ئېرىشكەن يەئقۇب(ئەلەيھىسسالام)نىڭ قىسسىسىگە كېلەيلى.

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە بۈيۈك ۋە شەرەپلىك ئىنسان، ئۇ دادىسى ئىبراھىم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەۋىتىگە قاتناشقان،بۇددىزملىقنى رەت قىلىپ، تەۋھىد بايرىقىنى كۆتۈرگەن پەيغەمبەردۇر.

لېكىن يەئقۇب(ئەلەيھىسسالام)يەھۇدىلارنىڭ نەزەرىدە ھېيلىگەر شەخس بولۇپ، پەيغەمبەرلىكنى ئىنىسىدىن پەسكەش ئۇسۇل ئارقىلىق ئوغرىلىۋالغان.يەھۇدىلاردا چوڭ بالىسىغا-ماددى ۋە مەنىۋى-مىراسنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرۇپ كېتىدىغان ئادەت بار ئىدى.مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئىسھاقنىڭ چوڭ بالىسى"ئىيسۇ"لەقەم ۋە مالغا ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى،لېكىن يەئقۇبنىڭ ئانىسى بالىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،"ئىيسۇ"نىڭ قارىغۇ دادىسىغا تاماق ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن پەيتتىن پايدىلىنىپ،پىلانىنى ئىجرا قىلغان. پىلاننىڭ تەپسىلاتىنى تەۋراتنىڭ سەپەر تەكۋىن قىسمىدىن كۆرەيلى:"ئىسھاق بالىسى ئىيسۇ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا،رىفقە ئاڭلاپ تۇرغان ئىدى، ئىيسۇ ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن قۇرۇقلۇققا چىقىپ كەتتى،ئەمما رىفقە بالىسى يەئقۇبقا:مەن داداڭنىڭ سېنىڭ ئاكاڭ ئىيسۇغا سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا تاماق ئېتىپ بەرسەڭ،مەن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ساڭا بەرىكەت تىلەيمەن،دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ.ئانىسى بالىسى يەئقۇبقا:بالام مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلغىن، سەن ياخشى ئىككى ئوغلاق سېتىۋېلىپ كېلىپ، داداڭغا تاماق ئېتىپ بەرگىن، شۇنداق قىلساڭ داداڭ ساڭا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى بەرىكەت تىلەيدۇ،دەيدۇ.

يەئقۇب ئانىسى رىفقىگە:ئاكام ئىيسۇ بولسا چاچلىق ئادەم، مەن بولسام، چېچىم يوق ئادەم، دادام بېشىمنى تۇتۇپ قېلىپ،مېنى بىلىپ قالسا،ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، ئۆزۈمگە لەنەت ياغدۇرۋالامدىمكىن دېگەندە، ئانىسى يەئقۇبقا:مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن دەپ، يەئقۇبقا ئاكىسى ئىيسۇنىڭ ئېسىل كېيىملىرىنى كىيدۈرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن يەئقۇب دادىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ:دادا،دېگەندە، دادىسى:ھە، سەن قايسى بالام بولىسەن؟،دەيدۇ.يەئقۇب دادىسىغا:مەن چوڭ بالاڭ ئىيسۇ، سەن دېگەن ئىشنى قىلىپ كەلدىم، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، مېنىڭ تامىقىمدىن يەپ،ماڭا بەرىكەت تىلىگىن دەيدۇ...ئىسھاق بالىسى يەئقۇبقا:ئالدىمغىراق كەلگىن بالام، سەن ئىيسۇم ئەمەسمۇ؟ دەپ ئۇنىڭ باشلىرىنى سىلاپ بېقىپ:ئاۋازىڭ يەئقۇبنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش،لېكىن قولۇڭ ئىيسۇنىڭ قولى ئىكەن دەپ،ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا:ئاللاھ ساڭا ئاسماننىڭ شىرنىسىدىن ۋە زېمىننىڭ قايمىقىدىن...ئاتا قىلسۇن، ساڭا خەلقلەر قۇل بولۇپ ئىشلىسۇن، قەبىلىلەر باش ئەگسۇن.سەن قېرىنداشلىرىڭغا خوجايىن بولغىن، قالغان قېرىنداشلىرىڭ ساڭا باش ئەگسۇن،ساڭا لەنەت ئېيتقانلار لەنەتكە قالسۇن،ساڭا بەرىكەت تىلىگەنلەر بەرىكەتلىك بولسۇن...دەيدۇ"،(تەۋرات، سەپەر تەكۋىن، 27).

تەۋراتنىڭ بۇ گېپى بويىچە پەيغەمبەرلىك مانا مۇشۇنداق ئوغرىلىنىدۇ!

ھاۋادىكى ئايروپىلاننىڭ بۇلىنىشى ۋە زېمىندىكى ھوقۇقلارنىڭ تارتىۋىلىنىشى چۈشىنىشلىك مەسىلە.ئەمما بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئاللاھغا تېڭىپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ قارىشى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ھىيلە يولى بىلەن ئۆزىگە قارتىۋېلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش، لېكىن ئۇ تەۋراتنى يازغۇچىلارنىڭ لوگىكىسى.

ھىيلە شەرىئىتى (يەنى تەۋرات)نىڭ يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا نىسبەت بەرگەن قىلمىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھېلىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ!

ئەمدى، يەئقۇب(ئەلەيھىسسالام)نىڭ قىزىغا يۈز بەرگەن زىنا ھېكايىسىنى تەۋراتتىن ئاڭلاپ باقايلى. تەۋراتنىڭ سۈپەتلىشىگە قارىغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يۈز بەرگەن زىنا ھېكايىلىرى ئاز ئەمەس.بۇ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ(دىينە)ئىسىملىك بىر قىزىنىڭ ھىكايىسىدۇر.شەھەر باشلىقىنىڭ ئۇ قىزغا كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە بىرگە بولىدۇ، ئۇ ئۇ قىزغا بەك كۆيۈپ قالغانلىقتىن بۇ ئالاقىنى قانۇنلۇق ئالاقە قىلىش ئۈچۈن، قىزغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە قىزنىڭ دادىسىغا بۇ توغرىسىدا سۆز ئاچىدۇ.

شەھەر باشلىقى يەئقۇب(ئەلەيھىسسالام)نىڭ قېشىغا قىزىنى سوراپ بارىدۇ، يەئقۇبنىڭ ئائىلىسى قۇدا-باجىلىقنى قوبۇل قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، يەئقۇبنىڭ بالىلىرى توي قىلىش ئۈچۈن خەتنە قىلىش ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى ئۈچۈن يېڭى قۇدىللىرىدىن خەتنە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇ تەلەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى كۈنى شەھەر ئوغلانلىرى ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك خەتنە قىلىش پائالىيىتى باشلانغاندا، يەئقۇبنىڭ بالىلىرى خاتىرجەم شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئايال ۋە بالا-چاقىلارنى ئەسىرگە ئالىدۇ.تەۋراتنىڭ سىياقىغا قارىغاندا، بۇ سۈيىقەست يەئقۇبنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.بۇ ھېكايىنىڭ تەپسىلاتىنى تەۋرات، سەپەر تەكۋىن قىسمى، 34-بەتتىن كۆرسىڭىز بولىدۇ).

پەيغەمبەر شۇنداق قىلارمۇ؟

"غايە ۋاستىنى ئاقلاپ بېرىدۇ"دېگەن پرىنسىپىنىڭ مەنبەسى سىياسىيۇنلاردىن ئەمەس بەلكى بۇرمىلانغان تەۋراتتىن پەيدا بولغان.

بىر پەيغەمبەرنىڭ قىزىنىڭ ئابرويى مۇشۇنداقلا يوقۇلۇپ كېتەمدۇ؟ بىرسى خاتالىق ئۆتكۈزسە، نېمە ئۈچۈن ئۇ يالغۇز جازالانمايدۇ؟ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى خاتالىقنى ئىسلاھ قىلىشقا پۈتۈشكەن تۇرۇقلۇق، ۋەدىسىدە تۇرماي شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ،گۇناھسىز كىشىلەرنى قىرىپ تاشلامدۇ؟

بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمھالىمۇ ياكى بۇلاڭچىلارنىڭمۇ؟

تەۋراتنى يازغۇچى يەھۇدىينىڭ كۆڭلىدە، يەھۇدىلار تاللانغان خەلق دېگەن ئاڭ سىىڭىپ كەتكەچكە ئىلاھ، پەيغەمبەرلىك ۋە يەھۇدىلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يۇقىرىقىدەك تەسۋىرلىگەن.

ئاللاھغا ئىشەنگەن بارلىق پەيلاسوپلار ۋە ئالىملار ئاللاھنى بىلىمسىزلىك،ئالدىراڭغۇلۇق ۋە مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىشتەك نوقسان سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەشنى رەت قىلىدۇ.شۇنداقلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئورۇنسىز تاللاپ قېلىشنىمۇ رەت قىلىدۇ.

ئەھدى قەدىم(يەنى تەۋرات)تا خاتىرلەنگەن سۆزلەر بىلەن ئاللاھنى سۈپەتلەش ئىدىيەدىكى بۇزۇقچىلىقتۇر، ئاللاھ بۇ سۈپەتلەردىن پاكتۇر.

لېكىن خرىستىئانلار ئەھدى قەدىم(تەۋرات)نى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىشتى ۋە ئۇنى مۇقەددەس كىتابنىڭ يېرىمى دەپ بەلگىلەشتى!

نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى تەۋرات بۈگۈنكى خىرىستىيان دىنى تايىنىدىغان ئىككى مەسىلىگە خىزمەت قىلىدۇ.

بىرىنچىسى:ئىلاھنى مۇجەسسەم قىلىش مەسىلىسىنى، پەرۋەردىگارنىڭ يەيدىغان، چېلىشىدىغان، بىلمەيدىغان ۋە پۇشايمان قىلىدىغان...بىر شەخسكە ئايلىنىش مەسىلىسىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئىككىنچىسى:خرىستىئانلار،ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچىدۇر،ئىنسانلار خاتالىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان بىر كىشىگە مۇھتاج بولىدۇ،دەپ قارايدۇ.

ئىسلام دىنى ھەر ئىككىلى مەسىلىسىنى رەت قىلدى.قۇرئان كەرىم ئاللاھ ئەيىپ-نۇقساندىن پاك، ئۇنىڭ قۇدرىتى، ھېكمىتى، ئىلمىي چەكسىزدۇر،دەپ ئايەت چۈشۈردى.شۇنداقلا كىشلەرنىڭ قىلغان خاتالىقلىرى ئۈستىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ۋە يامان ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ يالغۇز مەسئۇللىقى توغرىسىدا كەڭرى توختالدى.

قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەرلەرنى ئىبلىسلار ئازدۇرالمايدۇ.ئۇلار شۇنداق شەرەپلىك، تارىخى پاك ۋە سەۋىيىسى ئۈستۈن زاتلار بولۇپ، ئۇلار ئىمان، تەقۋا ۋە ياخشىلىقنىڭ نەمۇنىسىدۇر،دەپ بايان قىلدى.

ئەگەر نۇھ، لۇت، ئىبراھىم، يەئقۇب(ئەلەيھىسالاملار)شەرەپلىك ۋە خاتالىقتىن خالى كىشلەر بولمىسا، ئۇنداقتا پەزىلەتلىك ياخشى كىشلەر كىملەردىن ئىبارەت؟

ئەگەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى مەس، پاھىشىۋاز ۋە ھىيلىگەر بولسا، نېمە ئۈچۈن يامان ئىش قىلغۇچىلار ئەيىبلىنىدۇ؟

خرىستىئانلارنىڭ بۇ سەپسەتە،خۇراپاتلارنى تەستىقلىشى ۋە ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن دەۋالىرىدا ھېچقانداق ئۆزرىسى يوقتۇر.

قۇرئان كەرىم:"اللەنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق"،(مۆمىنۇن سۈرىسى،91-ئايەت).

****

20-ئەسىردە ئىسلام خەلىپىلىكى يىقىلدى...يەھۇدىلار پەلەستىن زېمىندا مىراسىي كۆز قارىشىغا قارىتا يەھۇدى مەملىكىتىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن توپلىنىشتى.خرىستىئانلار بارلىق كۈچى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ بۇ پىلانىنى قوللاشتى، ھىمايە قىلىشتى ۋە ھازىرغىچە قوغداۋاتىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەتلىرى يوقىلىپ كەتمەيدۇ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ھادىسە ۋاقىتلىق ھادىسە.ئاللاھغا ۋە كىشلەرگە يالغان سۆزلىگەن ئەپسانىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.شەكىسز تاڭ ئاتىدۇ، ئىسلام بايرىقى يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ،چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپىنىڭ بېشارىتىدۇر.

 

 

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-7- 3 مىلادىيە

1428-جۇمادىل ئاخىر-18  ھىجرىيە