تەۋھىد ئەقىدىسىگە قارىشى
ھەرىكەتلەرگە ئوغلانلىرىمىز دۈچ
كەلمەكتە
ئاقىل
ئىنسان:بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خىرىستىيان دىنىنىڭ
ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى كۈنىنى ياخشى
دېيىشكە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى غەرب
دۇنياسىدا ئاتېئىزملىق كەڭرى تارقالغان، زىنا
ۋە ئۆسۈم تېخىمۇ كەڭرى تارقالغان،دۇنيالىقى
ئۈچۈن ھايات قاينىمىدا كۆرەش قىلىش غەرب
دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشىگە ئايلانغان.
ئەگەر
خىجىل بولمايدىغان بولسا،چېركاۋلارنىڭ بىكارلىقىدىن 10دا
توققۇزى دەرۋازىلىرىنى تاقىغان بولاتتى.
ئەمما
ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا
ئەھۋال ئەكسىچە،ئىسلام دۇنياسىدا خىرىستىيان دىنى
گۈللىنىپ،چېركاۋلىرى كۆپەيمەكتە، ياش
ۋە قېرىلار ئۇچراشماقتا،ئىسلام دۇنياسىدىكى
خرىستىئانلارنى قوللاش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن
پۇللار تۆكۈلمەكتە.
ياۋرۇپا
ۋە ئامېرىكا مۇنداق كەڭرى ياردەم
بېرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى يوقۇتۇشتىكى چوڭ ئارزۇسىغا
يېتىشكە ئۇرۇنماقتا.كىم بىلىدۇ؟ بەلكىم
ئۆزلىرى يوقۇلۇپ كېتەمدۇ تېخى!
يېرىم
ئەسىرنىڭزى مۇسۇلمانلارغا قارىشى ئېلىپ
بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە
سىياسەت ھۇجۇمى ئەۋج ئېلىۋاتقان
بولسىمۇ، مۆمىن ياشلار ھەر ئورۇندا بۇ
ھۇجۇم بىلەن كۆرەش قىلماقتا.
ئەلۋەتتە
كۆپلىگەن دۆتلەر ۋە كۆپ ساندىكى
ئىدىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلار بۇ قوش
ھۇجۇمنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ
كەتتى،خىرىستىيان تائىپىلىرى ئالدىدا پۇرسەت كەڭرى
بولۇپ قالدى،شۇڭا بۇ تائىپىلەر
ئوۋ(زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى)ىنى
يوقۇتۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن بېشىنى سوزۇپ
چىقارماقتا.
بەزى
كىشلەر ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن
خىرىستىيان دىنىنىڭ ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىنى
بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بىر
نەرسە يازدى، ئۇ:"خىرىستىيان ئېتىقادىدىكى
ئاللاھنىڭ ئۈچنىڭ ئۈچىنچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ۋە بىر ئاللاھ ئۈچ گەۋدىنىڭ
بىرلەشمىسى"دېدى.
بىز
بۇنىڭغا بىر مىسال ئالايلى:قوياش دېگەن:توقىچى، ھارارىتى
ۋە نۇرىدىن ئىبارەت.بۇ ئۈچ
نەرسىنىڭ قايسى بىرى قوياش دەپ
ئاتىلىدۇ؟ئەلۋەتتە قۇياشنىڭ
توقىچى،ھارارىتى ۋە نۇرى قۇياشنى
شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك، قوياش بىر،
شۇنىڭدەك ئاللاھمۇ بىردۇر.
بۇ
مەسىلە ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ كۆرەيلى:
قوياش
بىر، لېكىن ئۇنىڭ يۇمىلاقلىقى، ھارارىتى، نۇرى،
قويۇقلۇقى...غا ئوخشاش سۈپەتلىرى بار.بۇ
سۈپەتلەر بىر نەرسىنىڭ
كۆرۈنۈشلىرى، سۈپەت دېگەننى بالا ياكى
تاغا دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ. بىز مۇسۇلمانلار بىر ئىلاھقا
ئون نەچچىلىگەن سۈپەتلەرنى ئىسپاتلايمىز،لېكىن
سۈپەتلەرنى ئىسپاتلاش، دادا دېگەن بالا
ۋە دوست بولىدۇ دېگەن سۆزدىن بەك
يىراقتۇر،شۇنداقلا كائىناتنى ياراتقۇچى كىرىسقا مىخلانغان
زاتنىڭ ئۆزىدۇر دېگەن سۆزمۇ
ھەقىقەتتىن خالى سۆزدۇر.
قۇياشنى
ۋە ئۇنىڭ كۆپ سۈپەتلىرىنى مىسال
كەلتۈرۈش ئىلاھنى ئۈچ دېيىش ياكى تۆت
دېيىش مەسىلىسىگە
خىزمەت قىلمايدۇ. بۇ ئالەمنى ياراتقان ئىلاھ
بىر،ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق بىر نەرسە
مەيلى ئۇ ئىسا ياكى مۇسا ياكى مۇھەممەد ياكى
باشقا بىرسى بولسۇن قۇللۇق ۋە
مەخلۇقلۇق سۈپىتى ئۇنىڭدىن يوقالمايدۇ.
بىز
سوراپ باقايلى:ئەگەر قوياش دېگەن نەرسە توقىچى(يەنى
يۇمىلاقلىقى)،ھارارىتى ۋە نۇرى بولسا،ئۇ چاغدا
قۇياشنىڭ ھارارىتىنى قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى
دېگىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە
ئەقلى بار ئىنسان مۇنداق دېمەيدۇ،چۈنكى
سۈپەت دېگەن ماھىيەتنىڭ بىر قىسمى
بولالمايدۇ.
دېمەك،
خرىستىئانلارنىڭ ئۈچ گەۋدە ياكى ئۈچ
شەخس(hypostasis,divine person)دېگەن سۆزى سۆزلەر بىلەن
ئويناشقانلىقتۇر.ئۇ سۆز مۇقەددەس ئىنجىللار
سىزىپ بەرگەندەك ئۈچ گەۋدىنىڭ
ئارىسىدىكى ئالاقىنى تەسۋىرلەپ
بېرەلمەيدۇ.
بىر
ئاللاھ قۇدرەت، بىلىش، رەھىمدىللىق،
ھېكمەت...دېگەندەك سۈپەتلىرى
بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىسلام دىنى
ئاللاھ يەككە-يىگانە زاتتۇر،دەيدۇ، ئىسلام
دىنى ئىلاھنىڭ بىر قانچە بولىشىنى قەتئىي قوبۇل
قىلمايدۇ.
كائىناتنى
ياراتقۇچى ئىلاھ كىرىستا مىخلىنىپ ئۆلگەن بولسا،
ياراتقۇچى ئىلاھ ئۆلگەندىن كېيىن ئالەمنى كىم
ئىدارە قىلىدۇ؟ ئالەم ياراتقۇچىسى ۋە
پەيدا قىلغۇچىسى يوقالغاندىن كېيىن قانداقمۇ
يەنە مەۋجۇد بولۇپ
تۇرىۋېرىدۇ؟ ئالەمنىڭ
مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىدىكى
سەۋەب، ئالەم مەۋجۇتلۇقىنى
داۋاملىق ھاياتلىق سۈپىتىگە ئىگە زاتتىن ئېلىپ
تۇرغانلىقىدا.
قۇرئان
كەرىم ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدە ئىگىلىرىگە
نەسىھەت قىلىپ:"ئى ئەھلى كىتاب!(يەنى ناسارالار
جامائەسى)دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار،اﷲ
نىڭ شەنىگە ھەق(سۆز)دىن باشقىنى
ئېيتماڭلار(يەنى اﷲ غا شېرىكى ۋە
بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار).مەسىھ
ئىساـ مەريەمنىڭ ئوغلى،پەقەت اﷲ نىڭ
رەسۇلىدۇر(سىلەرگۇمان قىلغاندەك اﷲ
نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)،مەريەمگە
اﷲ نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر(يەنى ئاتىنىڭ
ۋاسىتىسىسىز،اﷲ نىڭ«ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر),اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن
بىر روھتۇر،اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار،(اﷲ ئىسا،مەريەمدىن
ئىبارەت)ئۈچتۇر دېمەڭلار،(خۇدا
ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن)قايتىڭلار،(بۇ)سىلەرگە پايدىلىقتۇر،اﷲ پەقەت بىر
ئىلاھتۇر,بالىسى بولۇشتىن اﷲ پاكتۇر،ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ
ھەممىسى اﷲ نىڭ دۇر(يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)اﷲ يېتەرلىك
ھامىيدۇر.مەسىھمۇ،(اﷲ غا)يېقىن پەرىشتىلەرمۇ اﷲ غا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش
تارتمايدۇ،كىملەركى اﷲ غا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ
كېتىدىكەن،(بىلسۇنكى)اﷲ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى(قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش
ئۈچۈن)ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ"،(نىسا سۈرىسى،171-172-ئايەتلەر)دەيدۇ.
تەۋھىد(يەنى
ئاللاھنى بىر دېيىش )ئەقدىسى ئىنسانلار بىلەن
يەككە-يىگانە ئاللاھ ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ
يادروسىدۇر.لېكىن بەزىلەر ئۈچ ئىلاھلىق
ئەپسانىسىگە ئېسىلىۋالىدۇ،ھەر بىر ئىلاھنى
ئايرىم ئىلاھ دەيدۇ، ئاندىن ئۈچ ئىلاھ
ئەمەلىيەتتە بىردۇر دەپ گۇمان
قىلىدۇ.
***
نېمە
ئۈچۈن ئاتا ئىلاھ بالا ئىلاھنى
ئۆلتۈردى؟دېگەن سوئالغا خرىستىئانلار:خالايىقلارنىڭ
خاتالىقىغا پىدىيە قىلىپ بالىسىنى ئۆلتۈردى،دەپ
جاۋاب بېرىدۇ.
مەلۇم
بىر خىرىستىيان يازغۇچىسىنىڭ بىر ئۈچتۇر، ئۈچ
بىردۇر دېگەن كۆز قارىشى بويىچە، ئىلاھ
نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى
ئۆلتۈردى؟دېگەن سوئال ھەققىدە كەلتۈرگەن
قىسسىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
"ھايات
ئاياغلاشتى،مىليونلىغان ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ ئالدىدا
توپلىشىپ تۇرۇشتى، بىر بۆلەك خەلق ھېچ
نەرسىدىن قورقماستىن، دۈشمەن پوزىتسىيە
تەرىقىسىدە سۆزلەيتتى، شۇ ئەسنادا بىر قىز
سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ:ئاللاھ مېنى قانداق بولۇپ
مۇھاكىمە قىلىش(يەنى سوتقا تارتىش)قا قادىر
بولالايدىكەن؟!مەن ھاياتىمدا دۈچ كەلگەن دەرد
ئەلەملەردىن نېمىلەرنى بىلىدىكەن؟!دەپ
ۋارقىراپ سۆزلەيدۇ.ئۇ قىز بىلىكىگە جازالاش
لاگېرىنىڭ بىرىدە بىلىكىگە كۆيدۈرۈپ
يېزىلغان بىر ھەرپى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەن ئاغرىق،
ئازابلاش ۋە ئۆلۈمنى كۆتۈرۈپ
كەتتىم دەيدۇ...
خەلق
توپى ئىچىدىن يەنە بىر زەڭگى چىقىپ، بوينىدىكى ئارغامچا
ئىزىنى كۆرسىتىپ يوقىرى ئاۋازى بىلەن:مەن
پەقەت قارا بولغانلىقىم ئۈچۈن دارغا
ئېسىلدىم..زالىملار بىزلەرنى ئائىلىمىزدىن بۇلاپ چىقىپ،
بىزلەرنى ھايۋانلارغا ئوخشاش قۇل كېمىسىگە
سېلىپ ئېلىپ مېڭىشتى،ئاخىرى ئۆلۈم
بىزلەرنى قۇللۇقتىن ئازات قىلدى،دەيدۇ.
قانچىلىغان
ئىنسانلار ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تارتقان ئەلەم
ۋە دۈچ كەلگەن يامانلىقلار توغرىسىدا ئاللاھغا
قارىشى دەۋا تۇرغۇزىدۇ.بۇ ئىلاھ
نېمە دېگەن كەڭتاشا ياشايدۇ ھە!ئۇ
گۈزەللىك بىلەن توشقان، ھېچقانداق قورقۇنچ ياكى
ئەلەم بولمىغان ئاسماندا ياشايدۇ.ئۇ قانداقمۇ
ئىنسانغا يەتكەن خاپىلىقلارنى ۋە ئىنساننىڭ
ئۇ خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈشكە
مەجبۇرلانغانلىقىنى نېمە
بىلسۇن؟...
مانا
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر بىر توپ ئادەم ئىچىدىن بىر
مەسئۇل كىشى چىقىپ دەۋا قىلىدۇ،
ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدى، زەڭگى، ھىندى،
زىنادىن بولغان بالا....لار بار.
بۇلارنىڭ
ھەممىسى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە
جەم بولۇشتى، بىر مۇددەتتىن كېيىن، ئۇلار
دەۋالىرىنى سۇنۇشقا تەييار بولۇشتى.ئۇلارنىڭ
دەۋالىرىنىڭ ماھىيىتى ناھايىتى ئاددى ئىدى، يەنى ئاللاھ
ئۇلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشتىن
ئىلگىرى، ئۇمۇ ئىنسانلار تېتىپ باققان
ئەلەملەرنى تېتىپ بېقىش ئىدى.
ئۇلارنىڭ
قارارى ئاللاھ ئىنسانغا ئوخشاش زېمىندا ياشاپ بېقىشقا
ھۆكۈم چىقىرىش بولدى،ئۇنىڭغا ئۇ ئىلاھ بولغانلىقى
ئۈچۈن،ئۆزىگە ياردەم بېرىشتە ئىلاھى
كۈچىنى ئىشقا سالماسلىققا كېپىللىك قىلىدىغان بىر قانچە
شەرتلەرنى قويۇشتى. ئۇلارنىڭ شەرتلىرى:
-
ئاللاھ خار ۋە مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان بىر
خەلق ئىچىدە تۇغۇلۇشى لازىم،
-
ئاللاھ تۇغۇلۇشىدا نەسەبى ئېنىق بولماسلىقى
لازىم، يەنى دادىسى ئېنىق بولماسلىققا ئوخشاش،
-
ئۇ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئالدىنىپ باقسۇن، ئادىل
بولمىغان مەھكىمىلەردە سوتلىنىپ باقسۇن...
-
ئۇ ھېچ بىر كىشى ياخشى كۆرمەيدىغان تاشلاندۇق
بولۇپ يالغۇزلۇقنىڭ تەمىنى تېتىپ
باقسۇن،
-
ئۆلۈش ئۈچۈن ئازابلىنىپ باقسۇن، قەبىھ
شەكىلدە ئۆلۈپ باقسۇن.
دېگەن
شەرتلەر بولۇپ،ھەممەيلەن بۇ
شەرتلەرنىڭ ئاللاھغا قويۇلۇشىنى
ئالقىشلايتتى،لېكىن ئاخىرقىسى شەرتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ
بولغىچە ئەرشنىڭ ئالدىنى ئاجايىب قورقۇنۇچلۇق
ئۇزۇن جىمجىتلىق ئىگىلىدى، ھېچ بىر ئىنسان
ھەرىكەتلەنمىدى ۋە ياكى سۆزلىمىدى...
ئۇلار
ئۇشتۇمتۇتلا ئاللاھنىڭ بۇ شەرتلەرنى
ئۆزىدە ئىجرا قىلىپ،ئۆزىنى بەندە
سۈرىتىگە كىرگۈزۈپ، ئىنسانلارغا ئوخشاش
شەكلىدە پەيدا بولدى، ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە
ۋە كىرىسقا مىخلىنىشقا قەدەر قويۇپ
باقتى..."(خىرىستىيان پوپنىڭ قىسسىسى بۇ يەردە
ئاياغلاشتى).
ئەمدى
بىز بۇ ئاجايىب ئىلاھى ئۆزنى ئۆلتۈرۈۋېلىش
سىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن سوراپ باقايلى:
1.ئاللاھغا
قارىشى نامايىش قوزغىغان قۇللار،ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ
دەرد-ئەلەملىرىنى ھېس قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ،
ئۇلارنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ
ئۇلار ئۇچرىغان ئەلەملەرگە ئۇچراپ
بېقىشىنى تاللاشتىمۇ؟، شۇڭا ئۇنىڭغا
ئۆلۈپ بېقىشنى ھۆكۈم قىلىشتىمۇ؟
2.بۇ
دەرد-ئەلەملەر دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن
تۈگىدىمۇ ياكى ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ
ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ داۋاملىشىۋاتامدۇ؟ئىنسانلار دۈچ
كېلىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنىڭ
ئومۇميۈزلۈك يوقىلىشى ئۈچۈن، كىرىسقا مىخلاش
ھېكايىسى قايتا تەكرارلىنىش كېرەكمۇ قانداق؟
3.بۇ
ئىلاھنىڭ بۇ ئالەمدىكى ھوقۇق دەرىجىسى قانچىلىك؟
بۇ ئىلاھ ئاق ياكى قىزىل ئۆيىنىڭ قوزغىلىپ، ئۆزىنى دارغا
ئېسىشىنى تەلەپ قىلسا، قاراپ تۇرىدىغان شۇنداق خور
ۋە ئاجىز ئىلاھمۇ؟
4.ئەگەر
كىرىسقا مىخلاش خاتالىق ئۈچۈن پىدىيە)تۆلەم(بولسا، بۇ پىدىيە يامان
ۋە زۇلۇم ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارنى ئۆز
ئىچىگە ئالامدۇ ياكى ئۇلارنى ئۆزى ئىچىگە
ئالمامدۇ؟ياكى بولمىسا قۇربان بولغۇچىلارنىڭ زۇلۇملارغا
سەۋر قىلىشى ئۈچۈنمۇ؟
بىز
مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە بۇ سوئاللارغا
جاۋاب ئېلىشنى خالىمايمىز.چۈنكى بىزنىڭ ئەقىدىمىز،
بۈيۈك ئاللاھ بۇ چۈپرەندە
تەسەۋۋۇرلاردىن يوقىرىدۇر دەپ
ئېتىقاد قىلىمىز.
يۇقىرىقى
قىسسە ئاللاھنى سۈپەتلىگەن ئەڭ ناچار
سۈپەتلەشتۇر،خرىستىئانلارنىڭ ئاللاھنى مۇنداق
تۆۋەن سۈپەتلەش دەرىجىسىگە
يېتىپ بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ
باقماپتىكەنمىز.
شۇنى
بىلىش كېرەككى،قۇرئان كەرىم-قۇرئانغا
ئۇيغۇن كەلمەيدىغان-خرىستىئانلارنىڭ
تەلىماتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ،ئىسلامنىڭ
تەۋھىد ئەقىدىسى خرىستىئانلارنىڭ ئۈچ ئىلاھلىق
ئەقىدىسى بىلەن زادى ئۇيغۇنلاشمايدۇ.
ئاخىردا
دەيدىغىنىمىز شۇكى:"(ئى مۇھەممەد!)ئى
ئەھلى كىتاب!(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن
ئېشىپ كەتمەڭلار،
ئىلگىرى ئۆزلىرى
ئازغان،نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا
يولدىن ئاداشقان قوۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا
ئەگەشمەڭلار»دېگىن"،(مائىدە
سۈرىسى،77-ئايەت).
شەيخ مۇھەممەد غەززالىنىڭ:"ھەقىقەت بومبىلىرى" ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.
ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
2007-7- 11 مىلادىيە
1428-جۇمادىل ئاخىر- 26 ھىجرىيە