مەريەم...نېمە
ئۈچۈن ۋە قانداق؟
ئىنجىللار
مەريەمگە قانداق قارايدۇ؟ قۇرئان كەرىم
مەريەمگە قانداق قارايدۇ؟
ھەزرىتى
ئىسانىڭ ئانىسى قىز(يەنى تۇرمۇشقا
چىقمىغان)مەريەم ئىساغا ھەممىدىن يېقىن بولغانلىقى
ئۈچۈن، ئىنجىللار مەريەم توغرىسىدا كۆپ
توختالغان.شۇنداقلا قۇرئان كەرىممۇ بىر قانچە
ئېتىبارلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە
ئەھمىيەت بەرگەن، چۈنكى ئاللاھ
مەريەمنى ئۆز دەۋرىدىكى بارلىق ئاياللاردىن
ئارتۇق قىلغان،مەريەم ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان روھ
بىلەن ئىساغا ھامىلدار بولغان، شۇنداقلا تەۋھىد
ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ئايال ئىدى.
ئىنجىللارنىڭ
مەريەم توغرىسىدىكى سۆزلىرى ۋە خىرىستىيان
دىنىنىڭ ئىدىيىلىرى كۆپلىگەن سوئاللار ۋە
مەسىلىلەرنى قوزغاپ چىقتى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ
بەزىسى بىۋاستە خىرىستىيان ئەقىدىسىنىڭ
جەۋھىرىگە تۇتىشىدۇ.خىرىستىيان پىرقىلىرى
مەريەمگە باھا بېرىشتە تۈرلۈك قاراشتا
بولۇشتى، بەزىلىرى ئۇنى ئىساغا ئوخشاش ئىلاھ دەپ قاراشتى،
يەنە بەزىلىرى ئۇنى ئىلاھ دەرىجىسىدىن
تۆۋەنرەك دانىشمەن دەرىجىسىگە
كۆتۈرۈشتى.
مەسىلەن
ئارسوزۇكىس(Orthodoxy)مەزھىپى ئاللاھ پاك قىز مەريەمدە
مۇجەسسەملەشكەن دەپ قارايدۇ،
شۇڭا ئارسوزۇكىس مەزھىپى روھۇلقۇددۇسنىڭ
ئۇنىڭغا چۈشكەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن
مەريەمنى ھۆرمەتلەيدۇ، مەريەم
بۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئىلاھنىڭ ئانىسى، ئۇلار
ئۇنىڭدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشىدۇ
ۋە نامازلىرىدا ئۇنى ئەسلىشىدۇ.
ئاسوزۇكىس
مەزھىپىدىكىلەر بىز مەريەم ئۈچۈن ناماز
ئوقۇمايمىز،لېكىن نامازلىرىمىز ئارىلىقىدا ئۇنىڭغا
يالۋۇرۇپ سۆز قىلىمىز دىيىشىدۇ، بۇلار
مەريەمنى ئىلاھنىڭ ئانىسى دەپ قارىشىدۇ.
ئەمما
پروتېستانت مەزھىپى مەريەمنى
ھۆرمەتلىمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن
شاپائەتمۇ تەلەپ قىلمايدۇ.بەلكىم
بۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشى كاتولىك مەزھىپىنىڭ
مەريەمنى ھۆرمەتلەشتە چېكىدىن
ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىگە قارىشى ئىنكاسلىرى بولىشى
مۈمكىن، شۇڭا بۇلار مەريەمنى
ھۆرمەتلىمەسلىكنى مۇبالىغلاشتۇرۇپ
مەريەم توغرىسىدا ئۇ ئىسانى تۇغۇپ بولغاندىن
كېيىن تۇخۇمنىڭ شاكىلىغا ئوخشاش قىممىتى يوق
مەخلۇق دەپ قارىشىدۇ. بۇ مەزھەپ
مەريەم توغرىسىدا بايرام قىلمايدۇ. بۇلارنىڭ
بەزىسى مەريەمنى سىڭلىمىز دەپ قارىشىدۇ،
بۇنىڭغا قوشۇمچە ئۇلار يەنە:ئۇ
يەنى مەريەم ھەزرىتى ئىسا تۇغۇلغاندىن
كېيىن ياغاچچى يوسۈپنىڭ ئايالى بولۇپ ياشىدى
ۋە ئۇنىڭدىن بىر قانچە پەرزەنت
كۆردى دەپ قارىشىدۇ.
پروتېستانت
مەزھىپى چېركاۋنىڭ مەريەم توغرىسىدىكى
بەزى نام-شەرىپلىرىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ،
ئارسوزۇكىس مەزھىپى مەريەمنى ئىلاھنىڭ ئانىسى
دەپ قارىغاندەك قارىماي، ئىسانىڭ ئانىسى دەپ
قارايدۇ ۋە شۇنداق نام قوللىنىدۇ.
ئارسوزۇكىس مەزھىپى بولسا:مەريەم
ئاللاھنىڭ بالىسى ئىسانىڭ ئانىسى ۋە
ئەمەلىيەتتە ئىسانىڭمۇ ئانىسى دەپ
قارىشىدۇ.شۇنداقلا ئىسانىڭ مەريەمدىن باشقا ئانىسى
يوق، ئۇنىڭ ئاللاھدىن باشقا ئاتىسى يوق، ئاللاھنىڭ ئىسادىن
باشقىمۇ بالىسى يوق، ئاللاھ مەريەمنى بالىسىنىڭ شۇ
ئايالدىن تۇغۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىگە
تاللىدى.ئەگەر مەريەم باشقا ئاياللاردەك بولغان
بولسا، ئەرلەر بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى
قىلمىسا تۇغمايتتى،لېكىن ئۇ ئالاھىدە ئايال، ئۇ
ئاللاھنىڭ بالىسى بىلەن ھامىلدار بولدى ۋە
ئۇنىڭ بالىسىنى تۇغدى، ئۇ يەنى مەريەم
ئەرشتە ئاللاھنىڭ سول تەرىپىدە
ئولتۇرىدۇ، بالىسى ئىسا ئوڭ تەرىپىدە
ئولتۇرىدۇ،دەپ قارىشىدۇ.(ئەللامە ئىبنى
قەييىمنىڭ:"ھەيران بولغۇچىلارنى ھىدايەت
قىلىش"ناملىق كىتاۋىنىڭ191-192-بەتلىرىگە
قاراڭ).
ئارسوزۇكىس
مەزھىپى ئىلاھ بىلەن ئىنسان مەريەمدە ئاجايىپ
ئۇچراشتى دەپ قارايدۇ، ئۇلار يەنە
مەريەم ئىسانىڭ ئاقىۋىتى بىلەن باغلاندى،
شۇڭا مەريەممۇ بەدەندىن ئايرىلىشى
لازىم، پاك مەريەم دۇنيانىڭ ئومۇمى
قانۇنىيىتىكە بويسۇنمايدۇ، شۇڭا ئۇ
ئاسماننى تىشىپ ئۆتۈپ، بالىسىنىڭ ئوڭ
تەرىپىدە ئولتۇردى دەپ قارىشىدۇ.(ئىسپرۇجىبۇرنىڭ:"چېركاۋ
نەزىرىدىكى ئايال"ناملىق
كىتاۋىنىڭ،13-14-بەتلىرىگە قاراڭ).
ئۇلار
يەنە:جىبرىئىل ئاللاھنىڭ مەريەمنى بالىسىغا ئانا
قىلىپ تاللىغانلىقىنى مەريەمگە بىشارەت
بەرگەندە، ئۇ تەلەپكە
قوشۇلدى،شۇنىڭ بىلەن-ئىسانىڭ خاراكتېرى
خاتالىقسىز بولىشى ئۈچۈن ئۇ ئايالنى
روھۇلقۇددۇس پاكىزلىغاندىن كېيىن-ئاللاھ
ئۇنىڭ قورسىقىغا ئىنسان خاراكتېرىنى ئېلىپ چۈشتى
دېيىشىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ قانداقمۇ ئانىسى
بولسۇن؟ بۇ سىرنى خرىستىيان دىنىنىڭ ئەقىدىسى
بىرلەشمە گەۋدە بىرلىكى دەپ
ئىپادىلىشىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئىسادا ئىلاھ ۋە ئىنسان
خاراكتېرىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ سىرى دەپ
قارىشىدۇ.(يۇقىرىقى مەنبە:39-بەت).(خرىستىيان
دىنىدىكى بەزى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات دېگەن ماقالىمىزگە
قاراڭ).
ئەمما
مەريەم ھاياتلىقىنى يوقاتماستىن ئاللاھنىڭ چۈشۈش
ئورنىغا ئايلاندى بەلكى ئىلاھنىڭ ئانىسىغا ئايلاندى،دەپ
قارىشىدۇ.مۇسا ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلىرى
مەريەمنىڭ ئالدىدا نەدە
تۇرۇپتۇ؟...كاتولىك ۋە ئارسوزۇكىس
مەزھىپى مەريەمنىڭ بەدىنى ئاسمانغا ئۆرلىدى(يۇقىرىقى
مەنبە: 40-بەت)دەپ قارىشىدۇ، پروتېستانت
مەزھىپى بۇ ئېتىقادنى ئىنكار قىلىشىدۇ.
مانا
بۇلار خرىستىيان ئېتىقادىنىڭ مەريەم توغرىسىدىكى
قاراشلىرى.
قۇرئان
كەرىم مەريەم توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟
ھەزرىتى
ئىسا قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە قېتىم ئىسا بىن
مەريەم(يەنى مەريەمنىڭ ئوغلى)دەپ تىلغا
ئېلىنغان. مەسىلەن، بەقەرە سۈرىسى،87-
ۋە 253-ئايەتتە، ئال ئىمران سۈرىسى،
45-ئايەتتە، نىسا سۈرىسى، 157-ۋە
171-ئايەتتە،مائىدە سۈرىسى، 46،48،109- ۋە
112-ئايەتلەردە...ئىسا بىن مەريەم دەپ تىلغا
ئېلىنغان.
ئاللاھ
تائالانىڭ ھەزرىتى ئىساغا ئىسا بىن مەريەم دەپ نام
بەرگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلالايمىز، بۇ
سۆزنىڭ تەكرارلانغانلىقى ھەزرىتى ئىسانىڭ
ۋە ئانىسى مەريەمنىڭ ئىنسانلىقىنىڭ تەكىتلىنىشىدۇر.
ئىبنى مەريەم دېگەن سۈپەت ھەزرىتى
ئىسانىڭ خاس ئىسمىغا ئايلانغان.قۇرئان كەرىمنىڭ
ئۇسلۇبى(مېتودى) بىزگە: ئىسا
پەيغەمبەر، ئۇ ئىنسان، ئۇ ئاللاھنىڭ بالىسى
ئەمەس ياكى ئاللاھمۇ ئەمەس، ئۇ
مەخلۇق، ئاللاھ ئۇنى ئاتىسىز ياراتتى،دەيدۇ.ئىبنى
مەريەم دېگەن ئىسىمنىڭ تەكرارلانغانلىقى
ئۇنىڭ ئىسا دېگەن ئىسمىدىن
پەرقلەندۈرگۈچىدۇر. ئىبنى مەريەم
دېيىلسە يالغۇز ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنجىل
ۋەھىي قىلىنغان ئىسا پەيغەمبەر كۆزدە
تۇتۇلىدۇ.
قۇرئان
كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرى مەريەمنىڭ
سالاھىيىتى توغرىسىدا خرىستىئانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ
ۋە ئىسانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئىنسان
ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ.
نىسا
سۈرىسىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئى ئەھلى
كىتاب!(يەنى ناسارالار جامائەسى)دىنىڭلاردا ھەددىدىن
ئاشماڭلار،اﷲ نىڭ شەنىگە ھەق(سۆز)دىن
باشقىنى ئېيتماڭلار(يەنى اﷲ غا شېرىكى
ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد
قىلىڭلار).مەسىھ ئىساـ مەريەمنىڭ
ئوغلى،پەقەت اﷲ نىڭ
رەسۇلىدۇر(سىلەر گۇمان قىلغاندەك اﷲ
نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)،مەريەمگە
اﷲ نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر(يەنى
ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز،اﷲ نىڭ«ۋۇجۇدقا
كەل»دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)،اﷲ
تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر،اﷲ غا ۋە
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان
ئېيتىڭلار،(اﷲ ئىسا،مەريەمدىن
ئىبارەت)ئۈچتۇر دېمەڭلار،(خۇدا
ئۈچ دەيدىغان
ئېتىقادتىن)قايتىڭلار،(بۇ)سىلەرگە
پايدىلىقتۇر،اﷲ پەقەت بىر ئىلاھتۇر,بالىسى
بولۇشتىن اﷲ پاكتۇر،ئاسمانلاردىكى ۋە
زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ
دۇر(يەنى اﷲ نىڭ
مۈلكىدۇر،مەخلۇقاتىدۇر)اﷲ
يېتەرلىك ھامىيدۇر"،(نىسا سۈرىسى،171-ئايەت).
مائىدە
سۈرىسىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئۆز
ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى:«ئى مەريەم ئوغلى ئىسا!
سەن كىشىلەرگە،اﷲ نى قويۇپ مەن بىلەن
ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار،دېدىڭمۇ؟»ئىسا
ئېيتتى:« (رەببىم!) شەنىڭگە لايىق
ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ
ئېتىقاد قىلىمەنكى،ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان
سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن،ئەگەر
مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام،ئۇنى سەن
چوقۇم بىلىسەن(يەنى مېنىڭ ئۇنداق
دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق).سەم
مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن،مەن سېنىڭ
زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن،غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان
بىلىسەن.مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى
ئېيتىشقا بۇيرۇغان
سۆزنى،يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم
ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار
بولغان اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار،دېدىم.مەن
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان
مۇددەتتە،ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى
كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم،مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن
كېيىن،ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن
كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ،سەن ھەممە
نەرسىدىن خەۋەردارسەن"،(مائىدە
سۈرىسى،117-ئايەت).
يەنە
قۇرئان كەرىم مۇنداق
دەيدۇ:"مەريەم ئوغلى مەسىھ(يەنى
ئىسا)اﷲ دۇر دېگەن كىشىلەر(يەنى
ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى)ھەقىقەتەن كاپىر بولدى.(ئى
مۇھەممەد!)ئېيتقىنكى،«ئەگەر اﷲ
مەريەم ئوغلى مەسىھنى،مەسىھنىڭ ئانىسىنى(يەنى
مەريەمنى)ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق
كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا،اﷲ (نىڭ
ئىرادىسى)دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر
بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ،زېمىننىڭ ۋە
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى
اﷲ غا خاستۇر،اﷲ خالىغىنىنى خەلق
ئېتىدۇ،اﷲ ھەر نەرسىگە
قادىردۇر"،(مائىدە سۈرىسى، 17-ئايەت).
ئاللاھ
تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:"مەريەم
ئوغلى ئىسا پەقەت(ئۆتكەن
پەيغەمبەرلەرگە
ئوخشاش)پەيغەمبەردۇر،ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن
پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن،ئۇنىڭ
ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر،ئۇ ئىككىسى تاماق
يەيتتى(يەنى ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا
ئوخشاشلا،گۆش،سۆڭەك،تومۇر ۋە
پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى،يەنى مۇھتاج مەخلۇقلاردۇر).ئۇلارغا(يەنى
ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا)ئايەتلىرىمىزنى
قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ئاندىن ئۇلارنىڭ
ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن"،(مائىدە سۈرىسى،
75-ئايەت).
دېمەك،
مەريەم قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى
بويىچە ھەزرىتى ئىسانىڭ ئانىسىدۇر.ئاللاھ تائالا
مائىدە سۈرىسىنىڭ117-ئايىتىدە بەزى
خرىستىئانلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ۋە ئۇنىڭ
ئانىسى مەريەمنى-ئاللاھنى قويۇپ-ئىلاھ قىلىۋالغانلىقىنى
بايان قىلدى.مانا بۇ ئايەت بەزى بىر قىسىم
خرىستىئانلارنىڭ مەريەمنى ئىلاھ قىلىۋالغانلىقىغا
پاكىتتۇر.
ئاندىن
ئايەت يەنە:ئەگەر ئاللاھ ھەزرىتى ئىسا
ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى ھالاك قىلىشنى
ئىرادە قىلسا ئىدى، ئاللاھنىڭ بۇ ئىرادىسىنى كىممۇ
قايتۇرالىسۇن؟دەپ ئىزاھات بەرمەكتە.مانا
بۇ ئايەت ھەزرىتى ئىسا ۋە مەريەمنى
ئىلاھ دېگۈچىلەرگە جەڭ ئىلان
قىلغانلىقتۇر.چۈنكى ھەزرىتى ئىسا ئۆزىدىن
ئۆلۈمنى توسۇشقا قادىر ئەمەس،ئانىسى
مەريەممۇ ئۆزىدىن ئۆلۈمنى توسۇپ
قالالمايدۇ.ھەزرىتى ئىسا ۋە مەريەم ھاياتلىق ۋە
ئۆلۈم جەھەتتە قايسى بىر ئىنساندىن
مۇتلەق پەرقلەنمەيدۇ.
ئى
خىرىستىيانلار!ھاۋۋانىمۇ بەشىنچى ئىلاھ
قىلىۋىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى يوق،
ئۇنىڭ يارتىلىشى ئىسانىڭ يارتىلىشدىنمۇ ھەيران
قالارلىق!(ئەللامە ئىبنى قەييىمنىڭ"ھەيران
بولغۇچىلارنى ھىدايەت قىلىش"ناملىق كىتابىنىڭ،203-بېتىگە
قاراڭ). ھاۋۋانىڭ يارتىلشىمۇ بىر
مۆجىزە، چۈنكى ئۇ ئايال ئانىسىز يارىتىلدى، ئۇ
ئايالنىڭ شۇنداق يارتىلىشىمۇ ئۇنى ئىلاھ بولۇشقا ياكى
ئىلاھنىڭ ئايالى...بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلالمىدى.
دېمەك، مەريەم ئاللاھغا ئىتائىتى دۇرۇس
راستچىل بىر ئايال، ئۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ياشايدۇ،
يەپ-ئىچىدۇ ۋە ئۆلىدۇ.
خىرىستىيانلارنىڭ
مەريەم توغرىسىدا ئۇ ئىلاھنىڭ ئانىسى دېگەن
سۆزلىرى بۇددىستلارنىڭ
نەزەرىدىكى"ئىلاھلارنىڭ
ئانىلىرى"دېگەنگە ئوخشاشلا بىر گەپ.
داۋۇن"تەۋرات
ۋە ئىنجىللارنىڭ خۇراپاتلىرى"ناملىق كىتابىدا
مۇنداق دەيدۇ:"بۇددىستلار ئىلاھلارنىڭ
ئانىلىرى بار دەپ، ئۇ ئاياللارنى تۈرلۈك ناملار
بىلەن ماختىغاندەك، خىرىستىيانلارمۇ مەريەمنى
ئىلاھنىڭ ئانىسى دەپ ئۇلۇغلايدۇ ۋە
ئۇنىڭغا بۇددىستلار ئىلاھلىرىنىڭ ئانىلىرىغا
بەرگەن تۈرلۈك لەقەم ۋە ناملارنى
بېرىشىدۇ.خىرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلىرىدىكى سىزىلغان
رەسىم ۋە سۈرەتلەر شۇنى
تەكىتلەپ بېرىدۇ، خرىستىئانلار
مەريەمنىڭ بالىسى ئىسانى قۇچاقلاپ تۇرغان ھالىتىنى
سىزىدۇ.بۇ سۈرەت بۇددىستلارنىڭ
ئىلاھلىرىنىڭ ئانىلىرىنى تەسۋىرلەپ سىزغانغا ئوخشاشلا
سۈرەتلەردۇر"، (داۋۇننىڭ"تەۋرات
ۋە ئىنجىللاردىكى خۇراپاتلار"ناملىق
كىتاۋىنىڭ، 336-338-بېتىگە قاراڭ).
خىرىستىيانلارنىڭ
ھازىرقى چېركاۋلىرىدا سېزىۋالغان سۈرەت
ۋە ھەيكەللەرنىڭ كۆپىنچىسىنى
بۇددىستلارنىڭ بۇددا ۋە كىرىشىنا
ئىلاھلىرىنىڭ سۈرەت ۋە
ھەيكەللىرىگە ئوخشىتىش
مۈمكىن.(تېنىرنىڭ:"خىرىستىيان دىنىدىكى بۇددىزم
ئېتىقادلىرى"ناملىق كىتابىنىڭ،101-بېتىگە
قاراڭ).
قەدىمقى
مىسىرلىقلار بۇرۇنقى بۇددىست ئېتىقادلىرىدا
ئىلاھنىڭ ئانىسىغا ئىيزىس ياكى قۇتقۇزغۇچىنىڭ
ئانىسى، ئاسماننىڭ مەلىكىسى، ئەزرا(يەنى توي قىلمىغان
قىز)ۋە ئىلاھنىڭ ئانىسى دەپ نام بېرىشەتتى.
بۇ خىل ئېتىقاد بابىل ۋە ئاشۇر
مىللەتلىرىدە،شۇنداقلا
يەھۇدىلاردىمۇكەڭرى بار ئىدى.
ئارسوزۇكىس
مەزھىپى مەريەمگە كۆپ سۈپەتلەرنى
بېرىشىدۇ،مەريەم ئۇلارنىڭ
نەزەرىدە كارامەت ئىگىسى، ئىنسان ۋە
پەرىشتىلەردىن كارامەتكە نائىل بولغۇچىدۇر.
ئەمما
قۇرئان كەرىم مەريەم توغرىسىدا:"پەرىشتىلەر
ئېيتتى:«ئى مەريەم!اﷲ ھەقىقەتەن
سېنى(پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن تاللىدى،سېنى پاك
قىلدى،سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق
قىلدى"،(ئال ئىمران سۈرىسى،42-ئايەت)دەيدۇ.
يەنە:"ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى:ئى مەريەم ئوغلى ئىسا!ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن،ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس(يەنى جىبرىئىل)بىلەن مەدەت بەردىم،(كىچىكىڭدە)بۆشۈكتە ۋە(پەيغەمبەر بولغان)ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ"،(مائىدە سۈرىسى،110-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
ظعسلام ظاؤازع تور بئتع
2007-يعلع 8-ظاينعث 28-كإنع
1428- شةظبان- 15 هعجرعية