ھەزرىتى ئىسانىڭ دارغا ئېسىلىش مەسىلىسى ھەققىدە

 

كرېىستقا مىخلىنىش مەسىلىسىگە ئوخشاش-ئەقىلغا سىغقۇدەك سەۋەبسىز-تالاش-تارتىش كۆپ بولغان مەسىلە بولمىسا كېرەك.كۈنلەرنىڭ بىرىدە گېرمانىيەلىك پوپ مېنى زىيارەت قىلدى،ئۇنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ماڭا بۇ توغرىدا سۆز ئىچىپ قالدى، مەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:مەن كىيىۋاتقان بۇ ئاق كىيىمنى كۆرۈۋاتامسەن؟ ئەگەر بۇ ئاق كىيىمىمگە ئازراق رەڭ تۆكۈلۈپ كەتسە، سەن كىيىمىڭنى يۇيۇپ قويساڭ، مېنىڭ ئاق كىيىمىم رەڭ ئىزلىرىدىن تازىلىنىپ قالامدۇ؟دېسەم، ئۇ پوپ:ياق،دەپ جاۋاب بەردى.مەن ئۇنىڭغا:ئۇنداقتا باشقا بىرسى مەن ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ قويسا، قانداق بولۇپ مېنىڭ خاتالىقىم يوقالغان بولىدۇ؟دېدىم.

مەن ئۆزۈمنى خاتالىق ۋە گۇناھ بىلەن بۇلغىغان ۋاقتىمدا،خاتالىقلىرىمدىن ئۆزۈم مەسئۇل، خاتالىقلىرىمنى ئۆزۈم تۈزىتىمەن،خاتالىقلىرىمغا پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئۆزۈم ھېس قىلىمەن،ناۋادا خاتالىشىپ قالسام ئاللاھدىن گۇناھلىرىمنىڭ كەچۈرۈلىشىنى تىلەيمەن، ئۇنىڭ مېنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى ۋە مېنى تېخىمۇ توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشنى سورايمەن.

ئەمما دۇنيا(يەنى ئىنسانلار)خاتالاشسا، ئاللاھ كاپپارەت قىلىپ بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ بېرىدىغان ئىش ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ، ھەيران بولۇپ ئىككى ئالقىنىنى بىر بىرىگە ئۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.

بۇ ئەپسانىنىڭ باشلانمىسى،ئەمما ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.

خرىستىئانلار:"بالا"ئىلاھ دارغا ئېسىلدى،دەيدۇ،لېكىن ئۇلار يەنە:ئاتا، بالا ۋە روھۇلقۇددۇسنىڭ ھەممىسى (يەنى ئۈچ زات) بىر نەرسە دەيدۇ.

ئەگەر مەسىلە شۇنداق بولسا، ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئۆزى ئۆلتۈرۈلگۈچىدۇر!مانا بۇ فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرسى:"خىرىستىيان دىنىنىڭ خۇلاسىسى ئاللاھ ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنى ئۆلتۈردى،دېگەن سۆزىنىڭ سىرىدۇر.

خالىغان ئادەم بۇ زىت قاراشلار بىلەن ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈپ تۇرسا ئۆزىنىڭ مەسىلىسى،لېكىن بۈگۈنكىدەك ئەركىنلىك بولمىغان ئوغۇرلۇقچە ئارقا دەرۋازىدىن كىرىپ، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ روشەن ئەقىدىمىزدىن ئازدۇرماقچى ياكى ئەقىدىمىزگە تەنە قىلماقچى بولىدىكەن،بۇ بەك ئەدەپسىزلىك ۋە يىرگىنىچلىك قەبىھ قىلمىشتۇر.

يۇھەننا ئىنجىلى بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ:"چۈنكى ئاللاھ ئالەمنى ياخشى كۆردى،شۇڭا ئالەمدىكى مۆمىنلەرنىڭ ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىردىن بىر"بالىسىنى"قۇربان قىلدى"دەيدۇ. (يۇھەننا،16:3-بەت).

بۇ بەك قورقۇنۇچلۇق خەۋەر، بۇ خەۋەر تاغنىمۇ تولغاق تۇتقۇزۇپ چاشقان تۇغدۇرىۋېتىدۇ!

نېمە ئۈچۈن ئاللاھ باشقىلارنىڭ گۇناھىنى دەپ گۇناھسىز بىردىن بىر بالىسىنى قۇربان قىلغىدەك؟!

ئەگەر ئىلاھ چوڭ ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولىدىغان بولسا،نېمە ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى گۇناھسىزلا قۇربان قىلىۋەتمىدى؟

بۇ ئىلاھ گۇناھكارلارغا:خاتالىقلىرىڭلاردىن پاكلىنىڭلار ۋە ماڭا تەۋبە قىلىپ قايتىپ كېلىڭلار دېسە، ئادىل ۋە ئاقىلانە ئىش بولمامدۇ؟!

شۇنداق بولغاندا، قۇربان بېرىش ۋە گەپ يورغۇلىتشنىڭ ئورنى قالمايدۇ!

ئىسلام دىنى مۇشۇنداق قىلدى،ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا توغرا ئالاقە قائىدىسىنى ئورناتتى:"كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ،ئاندىن اﷲ دىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا،ئۇ اﷲ نىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى،ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ"،(نىسا سۈرىسى،110-ئايەت).

ئەمما ئاللاھنىڭ يالغۇز بالىسى دېگەن ھېكايە ئېنىق يالغانچىلىقتۇر.تۇغۇلۇش دېگەن بەزى مەخلۇقلار ئارىسىدا بولىدىغان ئىش،ئىلاھ تەسەۋۋۇرىنىڭ يېنىدا بۇ ئەپسانە ئۇقۇمغا ئورۇن يوق:"ئېيتقىنكى،«جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان(يەنى خار بولمىغان،ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان)اللەغا خاستۇر!اللەنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»"،(ئىسرا سۈرىسى،111-ئايەت).

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىمىز خاتالىشىپ قالساق، ئۇ كىشى دەرھال پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ ۋە توغرا يولغا قايتىشقا ياردەم بېرىشنى ئىستەيدۇ:"اللە بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ،قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى اللە ئىجابەت قىلىدۇ،(كامالى)پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ"،(شۇرا سۈرىسى،25-26-ئايەتلەر).

بۇ ئىشتا ئادەم ياكى ئىسا ياكى مۇھەممەدنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەغپىرەتكە مۇھتاج ئىنسانلار ئەمەسمۇ؟

ئاللاھ قۇرئاندا:"كاپىرلار(خرىستىئانلار)مۆمىنلەرگە:«بىزنىڭ يولىمىز)يەنى دىنىمىز)غا ئەگىشىڭلار،سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۆمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ،ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى)يەنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئازدۇرغانلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى)ئۈستىگە ئالىدۇ،قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ"،(ئەنكەبۇت سۈرىسى،12-13-ئايەت).

بىز مۇسۇلمانلار ئىسانى ياخشى كۆرىمىز، ئۇنىڭ ياكى ئۇنىڭ پاك ئانىسى مەريەمگە قارىتىلغان ھەر قانداق شەكنى غەزەپ بىلەن رەت قىلىمىز.ئۆزلىرىنى ئىسانىڭ قوللىغۇچىلىرى دەپ ئاتاپ،ئۇنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەردىن بىز مۇسۇلمانلار ئىساغا بەكرەك ھەقلىق.

بىزنىڭ خىرىستىيانلار بىلەن بولغان ئىختىلاپىمىز(يەنى ئەقىدە زىددىيىتىمىز)ھەزرىتى ئىسانىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىدە ئەمەس، ئىختىلاپىمىز بۇنىڭدىن بەك چوڭقۇر.بىزنىڭ ئىختىلاپىمىز:ئۇ(يەنى ئىسا)بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدەك"ئىنسان"مۇ ياكى خرىستىئانلارنىڭ گۇمانىدەك"ئىلاھ"مۇ؟

 ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا چېتىشلىقمۇ؟ياكى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇۋېتىش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلغان قۇربانلىق بارمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە مەركەزلىشىدۇ.

خرىستىئانلار،ئاللاھ بىردىن بىر بالىسىنىڭ قۇربانلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى كرېست ياغىچىدا تاشلاپ قويدى،دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.

بىز سوراپ باقايلى:ھەزرىتى ئىسا:پەرۋەردىگارىم نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلىۋەتتىڭ؟ دېگەندە،ئۇ ھەقىقەتنى بىلمەمتى؟

يەنە سوراپ باقايلى:زېمىندا زارلىنىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ توۋلىغان زات، ئاسماندىكى ياردەم بەرگۈچى زاتنىڭ ئۆزىمۇ؟ چۈنكى ئاتا ۋە بالا ئۇلار گۇمان قىلغاندەك بىر نەرسە ئەمەسمۇ؟

سىزنىڭچە كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى كىشلەرگە كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئىنسان تېرىسىدە كۆرۈنۈپ،ئاندىن بەك رەھمىدىللىقىدىن ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانمىدۇ؟

قۇرئان كەرىم:"(ئى مۇھەممەد!)ئېيتقىنكى،«ئاسمانلاردىكى،زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟»(ئۇلارغا)ئېيتقىنكى،«اﷲنىڭ».اﷲ(ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە)رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،ھېچقانداق گۇمان بولمىغان قىيامەت كۈنى اﷲ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ،(كۇفرىنى ئىختىيار قىلىشى بىلەن )ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ"،(ئەنئام سۈرىسى،12-ئايەت)دەيدۇ.

مانا مۇشۇنداق ئىسلام دىنى خۇراپات بىلەن كۆرەش قىلدى،شېرىكنىڭ تونىغا ئورىنىۋالغان بىر رەڭگە پەقەتلا رازى ئەمەسلىكىنى ئىلان قىلدى، تەۋھىد ئەقىدىسىگە توسالغۇ بولىدىغان بۇددىزم ۋاستىلىرىغا يولنى پۈتۈنلەي تاقىدى.

ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىمان بىلەن ئەخلاقنى تاللىغان ۋاقتىمىزدا ئەقلىمىزنى ئارقىمىزغا تاشلىۋېتىش پەرز بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئەقىل بىلەن ھۆرمەتلىك قىلدى؟

ئەقىل ھەزرىتى ئىسا پەقەتلا بىر ئىنسان دەپ جەزملەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ "ئىلاھ"بولىشىنى،"ئىلاھ"نىڭ بالىسى بولىشىنى ۋە روھۇلقۇددۇستىن ئىبارەت يەنە بىر"ئىلاھ"بىلەن بىرگە بولىشىنى رەت قىلىدۇ.شۇنداقلا ئۈچ ئىلاھنىڭ-ئۈچ تۇرسىا-بىر بولىشىنى ۋە ئاتا ئىلاھنىڭ بالا ئىلاھنىڭ دارغا ئېسىلىشى بىلەن كارى بولماسلىقىنىمۇ كەسكىن رەت قىلىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

1428-رەجەب- 22 ھىجرىيە