ھەزرىتى ئىسا بىلەن يەھۇدىلار ۋە بۇددىستلار ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئاخىرلىشىشى

 

بىر تەرەپتىن ھەزرىتى ئىسا بىلەن يەھۇدىلار، يەنە بىر تەرەپتىن ھەزرىتى ئىسا بىلەن بۇددىستلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن كۈرەش مەسىلىسىدە ئىنجىللارنىڭ رىۋايىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىي ئارىسىدا يىلتىزى ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ:

1. ئىنجىلنىڭ رىۋايىتىگە قارىتا ھەزرىتى ئىسانىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى،

2.ھەزرىتى ئىسانىڭ ئازابقا ئۇچرىشىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىنغاندا خورلۇققا ئۇچرىشى،

3.ئىنجىللارنىڭ رىۋايىتىگە ئاساسەن ھەزرىتى ئىسانىڭ دارغا ئېسىلىشى مەسىلىسى،

4.ئىنجىللارنىڭ رىۋايىتىگە قارىتا ھەزرىتى ئىسانىڭ دەپنە قىلىنىشى ئاندىن كېيىن قەبرىسىدىن قايتا تېرىلىشى،

5.قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىغا ئاساسەن ھەزرىتى ئىسانىڭ يەھۇدىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنمىغانلىقى،

6.قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىغا ئاساسەن ھەزرىتى ئىسانىڭ دارغا ئېسىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بايانىي،

7.بۇ ھادىسىگە قارىتا ھەزرىتى ئىساغا نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى،

8.ئۇنىڭ ئاسمانغا ئۆرلەپ كەتكەنلىكى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

9.ھەزرىتى ئىسا ۋاپات بولدىمۇ ياكى ھاياتمۇ؟

10-ھەزرىتى ئىسا زېمىنغا قايتىدىن كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟

خىرىستىيان ئەقىدىسىدە ئاساسلىق ئورۇننى تۇتىدىغان بۇ مەسىلىدە باشقا مەسىلىلەرنىمۇ كۆرىمىز، بۇ مەسىلە قۇرئان كەرىمدىمۇ ھەزرىتى ئىساغا نىسبەتەن ئەقىدىنى بەلگىلەشتە مۇھىم ئورۇننى ئالىدۇ.

خىرىستىيانلار نەزەرىيىدىكى ئېتىبارغا ئىگە 4ئىنجىل يەھۇدىلار ھەزرىتى ئىساغا سۈيىقەست قىلغان ۋە ئۇنىڭ دارغا ئېسىلىپ جازالىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرگەن دېگەن قاراشتا ئىتتىپاق.

مەتتا، مورقۇس ۋە لۇقادىن ئىبارەت ئۈچ ئىنجىل يەھۇدىلارنىڭ ئالىملىرى سۈيىقەستنى پىلانلىغان، ئۇلار ھەزرىتى ئىسانىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئىدى،دەپ قارايدۇ.ئەمما يۇھەننا ئىنجىلى باشقىچە رىۋايەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە سۈيىقەست توغرىسىدا بىۋاستە سۆزگە كىرىپ كېتىدۇ.

ئەمما بەرنابا ئىنجىلى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:"ھەزرىتى ئىسانىڭ شاگىرتلىرى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بىلىدىغان يەھۇزا يەھۇدى كاھىنلىرىنىڭ چوڭىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:ئەگەر سەن ماڭا ۋەدە قىلغان نەرسىنى بەرسەڭ، بۈگۈن ساڭا سىلەر ئىزدەۋاتقان ئىسانى تاپشۇرۇپ بېرىمەن،ئۇ11شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە ئايرىم تۇرىدۇ،دەيدۇ.يەھۇدى كاھىنلىرىنىڭ باشلىقى قانچىلىك ئالىسەن؟دېگەندە يەھۇزا:30پارچە ئالتۇن ئالىمەن...دەيدۇ"،(بەرنابا ئىنجىلى،214-بەت).

قۇرئان كەرىم بۇ ھادىسىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان:"ئىسا ئۇلارنى(يەنى يەھۇدىيلار)دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ،ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيەتىگە كەلگەنلىكىنى)سەزگەن چاغدا:«اﷲ ئۈچۈن(اﷲ غا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟»دېدى؟ھەۋارىلار(يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر)ئېيتتى:«اﷲ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز،اﷲغا ئىمان ئېيتتۇق،گۇۋاھ بولغىنكى،بىز(پەيغەمبەرلىكىڭگە)بويسۇنغۇچىلارمىز. پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابغا ئىشەندۇق،پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە)شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن».ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى(يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)،اﷲ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى(ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ،ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى).اﷲ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر"،(ئال ئىمران سۈرىسى، 52-54-ئايەتلەر).

مانا بۇ ئايەت يەھۇدىلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ئۈچۈن سۈيىقەست پىلانلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەتتا ئىنجىلىدا بايان قىلىنىشىچە:ھەزرىتى ئىسا سۆزلەۋاتقان ۋاقتىدا،11كىشىنىڭ بىرسى بولغان يەھۇزا بىر توپ قوراللىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلدى،بۇ قوراللىق ئادەملەرنى يەھۇدىلارنىڭ پوپلىرى ۋە ئالىملىرى ھەزرىتى ئىسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىدى.يەھۇزا ھەزرىتى ئىسانى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن قوراللىق ئادەملەرگە ئالاھىدە بەلگە بەرگەن ئىدى،ئۇ ئىساغا يېقىنلىشىپ،سالام بەرگەندىن كېيىن سۆيۈپ قويىدۇ.ھەزرىتى ئىسا يەھۇزاغا:ئى دوستۇم!سەن مەقسەت قىلىپ كەلگەن ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن،دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوراللىق كىشىلەر ھەزرىتى ئىسانى قولغا ئالىدۇ".(مەتتا ئىنجىلى، 26-قسىىم، 47-51-بەتلەر).

ئەمما بەرنابا ئىنجىلىدا بۇ مەسىلە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:"قوراللىق ئەسكەرلەر يەھۇزا بىلەن ھەزرىتى ئىسا بار ئورۇنغا يېقىنلاشقاندا،ئىسا بىر توپ ئادەملەرنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەنسىرىگەنلىكتىن ئۆيگە قايتىپ كىرىدۇ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن 11ئادەم ئۇخلاۋاتقان ئىدى. ئاللاھ بەندىسى ئىسانىڭ خەتەردە قالغىنىنى كۆرۈپ، جىبرىئىل، مىكايىل،رىفائىل ۋە باشقا پەرىشتىلىرىنى ھەزرىتى ئىسانى بۇ ئالەمدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ.پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ھەزرىتى ئىسانى جەنۇب تەرەپكە قارايدىغان دېرىزىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپ،ئۇنى ئۈچىنچى ئاسماندا پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ"،(بەرنابا ئىنجىلى،(215-بۆلۈم،1-بەت).

ئەمما قۇرئان كەرىم بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:"ئۆز ۋاقتىدا اﷲئېيتتى:«ئى ئىسا!مەن سېنى(ئەجىلىڭ يەتكەندە)قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن،(يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن).سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن(يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)،ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن.ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر،سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش(يەنى ئىسانىڭ ئىشى)ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن"،(ئال ئىمران سۈرىسى، 54-ئايەت).

يەنە:"بەلكى اﷲئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى(يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى اﷲئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى).اﷲ غالىبتۇر،ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر"، (نىسا سۈرىسى، 158-ئايەت).

بۇ يەردە شۇنى مۇلاھىزە قىلىشقا بولىدۇكى،خىرىستىيان چېركاۋلىرى تايىنىۋاتقان ئىنجىللار يەھۇدىلار ھەزرىتى ئىسانى قولغا ئالغان دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.ئەمما بەرنابا ئىنجىلى ھەزرىتى ئىسا خەتەرنى ھېس قىلغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنى بەدىنى ۋە روھى بىلەن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ.قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەزرىتى ئىسانىڭ قولغا ئېلىنمىغانلىقى بەلكى ئاللاھنىڭ ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

يەنە بۇ يەردە تۆت ئىنجىلنىڭ رىۋايىتىگە قارىتا ھەزرىتى ئىسا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن قانداق نەتىجىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ بۇ توغرىدا نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىش لازىم.تۆت ئىنجىل ھەزرىتى ئىسا سوتقا تارتىلدى، يەھۇدىلار تەرىپىدىن ئاھانەتكە ئۇچرىدى ۋە ئۇنىڭ بېشىغا تىكەنلىك گۈل تاجىسى قويۇلدى...ئاندىن دار ئالدىغا سۆرەپ بېرىلدى،دەپ قارايدۇ.

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-9- 26 مىلادىيە

1428-رامىزان- 14 ھىجرىيە