خىرىستىيان دىنىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ھەققىدە
(3)
1.روھۇلقۇددۇس:روھۇلقۇددۇس
ئەقىدىسى خىرىستىيان ئەقىدىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى
ئىگىلەيدۇ، ئۇ بارلىق خىرىستىيان
مەزھەپلىرىدە ئاللاھنىڭ روھى دېگەن
مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ
سۆز ئەھدى قەدىم يەنى تەۋراتتا ئۈچ
قېتىم تەكرارلانغان،ئەمما ئەھدى جەدىد(يەنى
ئىنجىلدا)كۆپ تەكرارلانغان.مەتتا ئىنجىلىدا:"پاك
مەريەم ھەزرىتى ئىسا بىلەن
روھۇلقۇددۇس(يەنى ئاللاھ)تىن قورساق كۆتۈردى"دەپ
كەلگەن.(مۇقەددەس كىتابنىڭ قامۇسى،
414-بەت).
خىرىستىيان دىنىدىكى چوڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرسى بولغان بارس:روھۇلقۇددۇس
ئاللاھنىڭ سۈپىتى ئەمەس،لېكىن ئۇ
ئاللاھنىڭ ئۆزى، چۈنكى ئاللاھ ئاتا،بالا ۋە
روھۇلقۇددۇسنى گەۋدە قىلىپ تەمسىل
قىلغان،بۇ ئۈچ گەۋدە(شەخس)بىر ئىلاھتىن باشقا
نەرسە ئەمەس،ئۈچىنچى
گەۋدە(شەخس)يەنى روھۇلقۇددۇس پاك
مەريەمگە چۈشتى ۋە مەريەم
ئاللاھنىڭ كۈچى بىلەن ھامىلدار بولدى،دەيدۇ.بارىسنىڭ قارىشىچە ئىلاھنىڭ ئارىلىشىشى خاس ئىلاھ يولى
بىلەن بولغان،ئىنسان يولى بىلەن بولمىغان"،(خىرىستىيان
ئىدىيىسىنىڭ تارىخى، 195-بەت).
مۇشۇنىڭغا
قارىغاندا روھۇلقۇددۇس ئاتالغۇسى خىرىستىيان
ئېتىقادىدىكى مۇھىم ئېتىقاد قاتارىغا كىرىدۇ،شۇڭا
روھۇلقۇددۇس ئاللاھنىڭ ئۈچىنچى يۈزى
دەپ ئىشەنمىگەن ئادەم خىرىستىيان بولغان بولمايدۇ.
خرىستىئانلارنىڭ
پروتېستانت مەزھىپى روھۇلقۇددۇس ئاتا
ۋە بالىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، لېكىن
ئارسوزۇكسىي(orthodoxy)مەزھىپى
روھۇلقۇددۇس پەقەت ئاتىدىن كېلىپ چىققان
دەپ قارايدۇ.(پاپا شەننۇدە:سېلىشتۇرما
مەزھەپلەر، 11-بەت).
قۇرئان
كەرىمگە قارايدىغان بولساق،روھۇلقۇددۇس
ئۇقۇمى قۇرئان كەرىمدە خىرىستىيان
ئەقىدىسىگە قارىغاندا مۇتلەق ئوخشىمايدۇ.مەريەم سۈرىسىدە ئاللاھ
تائالانىڭ:"ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق" (مەريەم
سۈرىسى،17-ئايەت)دېگەن سۆزىدىن مەقسەت،
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدۇر، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام
ھەزرىتى مەريەمگە مەريەمنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام
بىلەن قورساق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىشارەت
بەرگەن.
ئاللاھ
مۇنداق دەيدۇ:"ئى ئەھلى كىتاب!(يەنى ناسارالار
جامائەسى)دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار،اﷲنىڭ شەنىگە ھەق(سۆز)دىن باشقىنى
ئېيتماڭلار(يەنى اﷲ غا شېرېكى
ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد
قىلىڭلار).مەسىھ ئىسا ـ مەريەمنىڭ
ئوغلى،پەقەت اﷲنىڭ
رەسۇلىدۇر(سىلەر گۇمان قىلغاندەك اﷲ
نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)،مەريەمگە
اﷲ نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر(يەنى
ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز،اﷲنىڭ «ۋۇجۇدقا
كەل»دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)،اﷲ
تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر،اﷲ غا ۋە
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان
ئېيتىڭلار،(اﷲ ئىسا،مەريەمدىن
ئىبارەت)ئۈچتۇر دېمەڭلار،
(خۇدا ئۈچ
دەيدىغان ئېتىقادتىن)قايتىڭلار،(بۇ)سىلەرگە
پايدىلىقتۇر،اﷲ پەقەت بىر ئىلاھتۇر,بالىسى
بولۇشتىن اﷲ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە
زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ
دۇر(يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)
اﷲ يېتەرلىك ھامىيدۇر"،(نىسا سۈرىسى،
171-ئايەت).
يەنە:"مەريەم
ئوغلى ئىساغا مۆجىزىلەر بەردۇق،ھەمدە
ئۇنى روھۇلقۇدۇس(يەنى جىبرىئل)بىلەن
يۆلىدۇق"،(بەقەرە سۈرىسى،
87-ئايەت)دەيدۇ.
يەنە:"ئۆز
ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى:ئى مەريەم ئوغلى
ئىسا!ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا
بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن،ئەينى زاماندا
ساڭا روھۇلقۇدۇس(يەنى جىبرىئىل)بىلەن
مەدەت بەردىم"،(مائىدە
سۈرىسى،110-ئايەت)دەيدۇ.
يەنە:"نۇمۇسىنى
ساقلىغان ئايالنىڭ(يەنى مەريەمنىڭ قىسسىنى بايان
قىلغىن). ئۇنىڭغا (يەنى كىيىمنىڭ
ئىچىگە)بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى
پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ
ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىساغا ھامىلدار
بولدى)،ئۇنى ۋە ئوغلىنى(يەنى ئىسا بىلەن
مەريەمنى)ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ
قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان)دەلىل
قىلدۇق"،(ئەنبىيا سۈرىسى،
91-ئايەت)دەيدۇ.
بارلىق
ئىسلامى تەپسىر كىتابلىرى ئايەتلەردىكى
روھۇلقۇددۇستىن مەقسەت جىبرىئىل
ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق.(ئۇنىڭغا
بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى
پۈۋلىدۇق)دېگەننىڭ مەنىسى يەنى
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ
يوچۇقىغا پۈۋلەشكە بۇيرۇدۇق،شۇ
ئارقىلىق ئۇنىڭ قورسىقىدا ئىسانى پەيدا
قىلدۇق،دېگەن بولىدۇ.
ئەمما
ئۇنىڭغا روھۇلقۇددۇس ئۈچىنچى
گەۋدە(شەخس)ئىدى دېگەن
گەپ،ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ھېچ بىر
نەرسىگە مۇھتاج بولمايدىغانلىقى بىلەن ئۇيغۇن
كەلمەيدۇ.ئاللاھ ئۇنى(يەنى
ئىسانى)پەرىشتە جىبرىئىل بىلەن قوللىدى، ئەجىلى
كەلگىچە جىبرىئىل ئۇنى ھىمايە قىلاتتى ۋە
ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى.
2.ھەزرىتى
ئىسا"ئاللاھنىڭ سۆزى ئىدى"دېگەن
سۆزدىمۇ خىرىستىيان ئەقىدىسى بىلەن قۇرئان
كەرىم ئەقىدىسى ئارىسىدا يىلتىزى خاراكتېرلىك پەرق بار.
خىرىستىيان
ئىدىيىسى كەلىمە(يەنى سۆز)نى ئىسا دەيدۇ
ۋە ئۇنى ھەممە نەرسە يارىتىلىشتىن
ئىلگىرى ئەزەلدىن تارتىپ ئاتا ئىلاھنىڭ قۇچىقىدا بار
ئىدى،دەپ قارايدۇ.
ئىسا
ئاللاھنىڭ سۆزى ئىدى دېگەن ئايەت قۇرئان
كەرىمدە مۇنداق كەلگەن:"مەسىھ ئىسا ـ
مەريەمنىڭ ئوغلى،پەقەت اﷲ نىڭ
رەسۇلىدۇر(سىلەر گۇمان قىلغاندەك اﷲ نىڭ
ئوغلى ئەمەستۇر)،مەريەمگە اﷲ
نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ
ۋاسىتىسىسىز،اﷲ نىڭ«ۋۇجۇدقا
كەل»دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر) ،اﷲ
تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر"(نىسا
سۈرىسى،171-ئايەت).
ئىنجىل
يۇھەننادا مۇنداق
كەلگەن:"دەسلەپتە سۆز بار
ئىدى،ئاللاھنىڭ قېشىدىكى سۆز ھەزرىتى ئىسانى
ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئىدى..."
ئەندەلۇسلۇق(ئىسپانىيىلىك)ئىسلام
ئالىمى ئىبنى ھەزمى يۇھەننا ئىنجىلىنىڭ:(دەسلەپتە
سۆز بار ئىدى، سۆز ئاللاھنىڭ قېشىدا ئىدى،سۆز
بىلەن نەرسىلەر يارىتىلدى،ئۇنىڭسىز ھېچ
نېمە يارتىلمىدى،ياراتقۇچى سۆزدىكى ھاياتتۇر)دېگەن
سۆزىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق
دەيدۇ:"سۆز قانداقمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزى
بولسۇن؟ قانداقمۇ ئاللاھنىڭ قېشىدا
بولسۇن؟ئۇنداق بولغاندا، ئاللاھ ئۆزىنىڭ قېشىدا
بولۇپ قالمامدۇ؟(سۆز بىلەن ياراتقۇچى سۆزدىكى
ھاياتتۇر)دېگەن كەلىمە ئاللاھنىڭ ھاياتىنى
مەخلۇق دەپ قارايدۇ.بۇ ئادەمنىڭ
سۆزىگە ئاساسلانغاندا روھۇلقۇددۇس
مەخلۇقتۇر، چۈنكى روھۇلقۇددۇس
ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاللاھنىڭ
ھاياتىدۇر.مانا بۇ بارلىق خرىستىئانلارنىڭ سۆزىنىڭ
ئەكسىچىدۇر،چۈنكى يۇھەننانىڭ سۆزى
بىلەن ئېيتقاندا سۆزدىكى ھاياتلىق مەخلۇقتۇر،
ئاللاھ تائالا يۇھەننانىڭ سۆزى بىلەن
ئېيتقاندا سۆزدۇر.
ئەگەر
سۆزنىڭ ھاياتى مەخلۇق بولسا،سۆز ئاللاھ
بولسا،ئۇ چاغدا ئاللاھ مەخلۇقلارنىڭ
كۆرۈنۈشلىرىنى كۆتۈرگۈچى بولۇپ
قالىدۇ.سۆز ئاللاھ ئىدى دېگەن سۆزىگە
ئاساسەن، سۆز ئىنساندۇر، ئۇنداقتا ئاللاھ
يۇھەننانىڭ سۆزىگە ئاساسەن ئىنساندۇر.
بۇ
يەردە شۇنى مۇلاھىزە قىلىش كېرەككى،
ئىلاھى ئىرادە ئادەمنى يارىتىشنى تەقدىر قىلغاندا،
ئۇنىڭغا بىر پۈۋلەپتى، ئۇ ئىنسان بولدى، ئىسا
ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇ
دائىرىگە كىرىدۇ.ئەگەر ئاللاھنىڭ پۇۋلىشى
ئىلاھ يارىتىدىغان بولسا، ئادەممۇ ئىلاھ بولغان بولاتتى، ئاللاھ
ئۇنى ئاتا ۋە ئانىسىز ياراتتى.ئىسا
ئەلەيھىسسالامنى ئاتىسىز ياراتتى،ئاللاھنىڭ سۆزى
مەريەمگە چۈشتى،جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام
مەريەمگە پۈۋلىگەندە
مەريەم قورساق كۆتۈردى.پەرىشتە جىبرىئىلنىڭ
مەريەمگە پۈۋلشى ۋە
مەريەمنىڭ شۇ ئارقىلىق قورساق
كۆتۈرۈشى،ھەزرىتى ئىسانىڭ ئىلاھلىقىنى
كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ.ئادەم ئەلەيھىسسالامغا
ئۇيغۇن كەلگەن نەرسە ئىسا
ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئۇيغۇن
كېلىدۇ،خرىستىئانلار نېمە ئۈچۈن ئادەم
ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەپ قارىماي، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى
ئىلاھ دەپ قارايدىكەن؟
بۇ
يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسا
ئەلەيھىسسالامنىڭ بۆشۈكتە سۆز
قىلغانلىقىنى سۆزلەش لازىم، ئىنجىللارنىڭ ھېچ بىرسى
بۇ تېمىدا سۆز قىلمىدى.ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ
بۆشۈكتە بوۋاق تۇرۇپ
سۆزلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى مۆجىزىدۇر.چۈنكى
ئۇنىڭ سۆزلىشى مەريەم ئەلەيھىسسالامنى
زىنا قىلىپتۇ دېگەن گۇماندىن پاك قىلدى.ئۇنىڭ
ئابرويىنى ئاقلاشتا بوۋاق بالىنىڭ مەن ئاللاھنىڭ
بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ
سۆزلەشتىنمۇ كۈچلۈك دەلىل بولمىسا
كېرەك.
نېمە
ئۈچۈن ئىنجىللار بۇ توغرىدا پەقەت توختالمىدى؟
ئەمەلىيەتتە
ئىنجىللارنى يازغۇچىلار ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھ
دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.ھەزرىتى ئىسا
ئۇلار دېگەندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ
بۆشۈكتە بوۋاق تۇرۇپ سۆزلىگىنى
ئۇلارنىڭ پاكىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.لېكىن بۆشۈكتە سۆزلىگەن ئىسا ئۇنى
ئىلاھ دېگۈچىلەرنىڭ بارلىق تۆھمەتلىرىنى مات
قىلىدىغان سۆزنى قىلدى،ئۇ بىرىنچى قېتىم مەن
ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ سۆزلىدى، ئۇنىڭ
بۇ سۆزى خىرىستىيان ئەقىدىسى يولىدا بۇرمىلانغان
تەسەۋۋۇرلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى
كېلىدۇ.ئۇنداقتا ئۇلار ئىسا ئىلاھ دېگەن
سۆزى بىلەن ئالەمنى قانداقمۇ ئالداپ
كېتەلىسۇن؟ھالبۇكى ئىسا ئەلەيھىسسالام
مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ ناھايىتى ئېنىق
ئېيتقان!
دېمەك،
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىم
سۆزلىگەن سۆزى ئۇلارنىڭ بۇرمىلانغان
نەزەرىيىلىرى بىلەن زىتلىشىدۇ،شۇڭا
ئۇلار ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ
بۆشۈكتە سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سۆز
قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ:(مەن ئاللاھنىڭ
بەندىسى، مەن ئىلاھ ئەمەس)دېگەن سۆزىنى
كەلتۈرۈپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىسا ئىلاھ ئىدى
دېگەن باتىل تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ
ھەممىسىنى كۆككە سورۇپ تاشلايدۇ.
يەنە
بىر تەرەپتىن ئىنجىللارنى يازغانلار باشقىلاردىن
ئاڭلىۋالغان خەۋەرلەرنى نەقىل قىلغان،
ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ياشاپ
باقمىغانلاردۇر.
ئىسا
ئەلەيھىسسالامنىڭ بۆشۈكتە
سۆزلىگەنلىكىدىن چىقىدىغان مۇھىم نەتىجە
شۇكى،ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى
ۋە پەيغەمبىرىدۇر.
ئەگەر
ئادەتتىكى باشقا سۆز بولغان بولسا، سۆز قىلىشى ئېتىبارغا
ئېلىنمايتتى، بۆشۈكتىكى سۆزى ئاساسەن ئىسانىڭ
ئىنسانلىق ماھىيىتىنى بەلگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھنىڭ بەندىسى بولۇش
بىلەن ئىلاھلىقنى داۋا قىلىش ئارىسىدا پەرق ناھايىتى زور.
ھەزرىتى ئىسا ئاللاھنىڭ سۆزى دېگەن
كەلىمە ھەققىدە
خرىستىئانلارنىڭ
ئىچىدە ئىسا ئەلەيھىسسالام قەدىمى ۋە
ئەزەلى زاتتۇر،دەپ قارايدىغانلىرى بار.ئۇلار
قۇرئان كەرىمدىكى"ئاللاھنىڭ
سۆزى"دېگەن ئايەتنى ئۆزلىرىنىڭ
مۇرادىغا ئۇيغۇن كەلتۈرۈشكە
بۇرۇندىن تارتىپ ئۇرۇنۇپ
كەلمەكتە.خرىستىئانلار دەيدىكى، ئاللاھنىڭ كالام
سۈپىتى ئەزەلى سۈپەت بولسا، ئۇ چاغدا
ئىسامۇ ئەزەلىيدۇر، چۈنكى ئۇمۇ
ئاللاھنىڭ سۆزى دەپ تۇرىۋالىدۇ.
بىز
دەيمىزكى،مەزكۇر ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ
سۆزى"بول"دېگەن سۆزىدۇر،ئەگەر"بول"دېگەن
سۆزنىڭ مەنىسى قەدىمى بولسا،ئۇنىڭغا
مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىنىڭ قەدىمى
بولىشىنى تەقەززا قىلمايدۇ.ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ"بول"دېگەن
سۆزنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئەقىللىق
كىشلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ،ئىسا
ئەلەيھىسسالام"بول"دېگەن سۆزنىڭ
نەتىجىسىدۇر.ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا
سۆز دېگەن ئىبارەت بىلەن خەۋەر
بەردى، سەۋەبى ئۇنى
پەقەت"بول"دېگەن سۆزۈمدە
كۆرۈنگەن ئىرادەم بىلەن ياراتتىم دەپ
ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈندۇر.
ئەگەر ئىرادىنىڭ مۇتىئەللىقى(يەنى تەۋەسى،مۇناسىۋىتى)ئىرادىگە ئوخشاش قەدىمى بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئالەممۇ قەدىمى بولۇپ قالىدۇ،چۈنكى ئالەم ئاللاھنىڭ"بول"دېگەن ئىرادىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھ ياراتماقچى بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىگە"بول"دەيدۇ،بولىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا"بول"دېدى،ئىسا ئەلەيھىسسالام بولدى.نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى-گەرچە ئاللاھنىڭ قەدىمى خىتابىغا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ يەنى ئەزەلدىن بەلگىلەنگەن بولسىمۇ-يارتىلىشىدا ھادىسە(يەنى يېڭىدىن يارىتىلغان)بولغىنىغا ئوخشاش،ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ-گەرچە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ قەدىمى خىتابى ئالاقىدار بولسىمۇ-يارتىلىشىدا ھادىسىدۇر(يەنى مەخلۇقتۇر).
ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
2007-يىلى
7-ئاينىڭ 25-كۈنى
1428-رەجەب- 11 ھىجرىيە