ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزىلىرى ئۇنىڭ ئىلاھلىقىغا پاكىت بولالامدۇ؟

 

ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزىلىرى

 

مۆجىزە دىنى ئۇقۇم بويىچە ئادەتتىن تاشقىرى ئىش دېگەن بولىدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىنسانلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ راستلىقىغا قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانلارغا رىقابەت ئېلان قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تانغان ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنمىگەنلەرنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزىلەرنى جارى قىلدۇرغان.

مەسىلەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىككى مۆجىزىنى تەقدىم قىلدى، بىرسى قولىنىڭ ئاق كۆرۈنۈشى، يەنە بىرسى سېھىرگەرلەرنىڭ يىلانلىرىنى يۇتۇۋەتكەن ھاسىسى ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەۋرلەر بويى قەد كۆتۈرۈپ مەڭگۈ رىقابەت ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىنى ئاتا قىلدى، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىم مۆجىزىسىدۇر.

ئىسا ئەلەيھىسسالام تەۋھىد(يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش)دىنىغا چاقىرىشقا تەكلىپ قىلىندى، ئاللاھ بەنى ئىسرائىل(يەنى يەھۇدىلار)ۋە رۇمىنيەلىكلەرنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەزى مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدى ۋە قوللىدى.مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە سېھىرگەرلىك ماھارىتى ئەۋج ئالغان ئىكەن،شۇڭا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى شۇ دەۋردە تەرەققى قىلغان ۋە ئەۋج ئالغان نەرسە بىلەن ماسلىشىپ كەلدى،شۇنداقلا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى تىبابەت ئىلمىي بىلەن داڭ چىقارغان ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى شۇ دەۋرنىڭ ماھارىتى بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئەرەبلەردە تىل-ئەدەبىيات،بالاغەت ئىلمىي داڭ چىقارغان ئىكەن، شۇڭا قۇرئان كەرىممۇ ئەرەبلەر ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئەقلى مۆجىزە بولۇپ كەلدى،قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى ساناقسىز، بالاغەت(ستىلىستىكا) مۆجىزىسى پەقەت بىر تۈردىكى مۆجىزىسىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ.

ئىنجىللار ھەزرىتى ئىسانىڭ قولى ئارقىلىق جارى بولغان تۈرلۈك مۆجىزە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار بىلەن توشۇپ كەتكەن،ئىنجىلنىڭ بىر تۈرى بولغان مەتتا ئىنجىلى ئون مۆجىزىنى زىكىر قىلغان، ئۇلار:

پىسى كېسەلنى ساقايتىش، جىن چاپلىشىش كېسىلىنى داۋالاش، شىۋىرغاننى پەسەيتىش، گېموروي كېسىلىنى داۋالاش، قارىغۇلارنى داۋالاش، گاچىنى داۋالاش...ئۇندىن باشقا نان ۋە بېلىقنىڭ كۆپەيگەنلىك مۆجىزىلىرى بار.

ئومۇمەن، ئىنجىللارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئىسانىڭ كۆپ مۆجىزە ئېلىپ كەلگەنلىكىدە ئىتتىپاق، بۇ مۆجىزلەرنىڭ يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىدە تەسىرى بولغان.ئىنجىللاردىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا يەھۇدىلارنىڭ فەرىسىييىن دېگەن مەزھىپى ھەزرىتى ئىسانى ئاجىز ئورۇندا قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مۆجىزە تەرىقىسىدە بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىشقان.

قۇرئان كەرىم ئاللاھ ھەزرىتى ئىساغا ئىنئام قىلغان مۆجىزىلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:"ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ.(ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى،سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان)بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم،مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن،ئاندىن ئۇنىڭغا  پۈۋلەيمەن-دە،اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن،ئۇ قۇش بولىدۇ.تۇغما كورنى،بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن،اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن،سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن(يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن).شۈبھىسىزكى،ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار،بۇنىڭدا(يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە)سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە(مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن)ئالامەت بار.مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم), سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن(كەلدىم).مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم.اﷲ دىن قورقۇڭلار ۋە(مېنىڭ ئەمرىمگە)ئىتائەت قىلىڭلار.اﷲ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر،سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر،ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار،بۇ توغرا يولدۇر»،(ئال ئىمران سۈرىسى،49-51-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم يەنە مۇنداق دەيدۇ:"ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى:ئى مەريەم ئوغلى ئىسا!ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن،ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس(يەنى جىبرىئىل)بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە)بۆشۈكتە ۋە(پەيغەمبەر بولغان)ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتىڭ،ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى،ھېكمەتنى،تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم،ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى،بەرەس كېسىلىنى ساقايتتىڭ،ئەينى زاماندا،مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم،سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چىغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار:«بۇ پەقەت روشەن سېھرىدۇر»دېدى"،(مائىدە سۈرىسى،110-ئايەت).

دېمەك، ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن مۆجىزىلەر:

1.لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسىنى ياساپ،ئۇنىڭغا پۈۋلەيدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەقىقىي قۇش بولىدۇ.

2. تۇغما كور ۋە پىسى كېسەلنى ساقايتىش.

3.ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش.

4.بەنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ يەۋاتقان ۋە ئۆيلىرىدە ئېھتىياتى ساقلاپ قويغان نەرسىلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىش.

5.ئاللاھنى ئۇنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۆشۈكتىكى چېغىدا سۆزلىگەنلىكى.

ئىنجىللار قۇرئان كەرىم بايان قىلغان قۇشلارنى يارىتىش مۆجىزىسى، يەھۇدىلارنىڭ يەۋاتقان ۋە ساقلاپ قويغان نەرسىلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش مۆجىزىسى ۋە ئۇنىڭ بۆشۈكتىكى چېغىدا سۆزلىگەنلىك مۆجىزىسى ھەققىدە توختالمىغان.ئەمما قۇرئان كەرىم ئىنجىللار بايان قىلغان بېلىق ۋە نان مۆجىزىسى توغرىسىدا توختالمىغان.

 

 

ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزىلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ تەسۋىرلىشى ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ تەسۋىرلىشى ئارىسىدا

 

ئىنجىللار ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن ئۇنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىش ئارىسىنى باغلىۋالىدۇ. مۆجىزىلەرنى زىكىر قىلغان ئىنجىللارنىڭ تېكىستلىرىدە ئىنجىلنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھ دەپ تەسۋىرلەشنى تەكىتلەيدىغان نەرسىلەر ئۇچرايدۇ.

مەسىلەن، پىسى كېسەلنى داۋالاش ۋەقەسىدە مەتتا ئىنجىلىدا مۇنداق كەلگەن:شۇ ۋاقتىدا بىر پىسى كېسەل ھەزرىتى ئىساغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ تۇرۇپ:ئى رەب ئەگەر سەن خالىساڭ مېنى ساقايتىشقا قادىرسەن،دېگەن.

مانا بۇ ئابزاسلاردىكى"سەجدە قىلىدۇ،ئى رەب، ئەگەر سەن خالىساڭ"دېگەن سۆزلەر ئىنجىللارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھتۇر، ئۇنىڭ خاس ئىرادىسى بار، ئۇ سەجدە قىلىنىشقا ۋە رەب(پەرۋەردىگار)نامى بىلەن چاقىرىلىنىشقا يارايدۇ،دەپ چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەگەر ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەر ئۇنىڭ ئىلاھلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولسا، ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزىلەرنى جارى قىلدۇردى.مەسىلەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا قول مۆجىزىسىنى بەردى، ئۇ قولىنى يانچۇقىدىن چىقارسا، ئۇنىڭ قولى نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئاپئاق كۆرۈنىدۇ.ئاللاھ يەنە ئۇنىڭغا ھاسا مۆجىزىسىنى بەردى،ئۇ ھاسىسىنى تاشلىسا، ھەقىقى يىلانغا ئايلىنىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە ئۇنى تۇتۇشتىن قورققان ئىدى...

ناۋادا ئىلاھ دېيىش توغرا بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى ئارقىلىق جارى بولغان بۇ مۆجىزىلەر، خۇددى ھەزرىتى ئىسا ھەققىدە ئىلاھ دېيىلگەن، ھەزرىتى مۇسا توغرىسىدىمۇ ئىلاھ دېيىشكە كۇپايە قىلىدۇ.خرىستىئانلار نېمە ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەپ قارىماي، ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھ دەپ قاراشتى؟ ھالبۇكى خرىستىئانلار مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن تەۋراتنى ئېتىراپ قىلىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ!

ئى خرىستىئانلار،ئەگەر سىلەر ھەزرىتى ئىسانىڭ لايدىن قۇش ياساپ، ئۇنىڭغا پۈۋلىسە، ئۇ لاي قۇشنىڭ رەسمى قۇشقا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىلاھ دەپ قارايدىغان بولساڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىمۇ ئىلاھ دەپ قاراڭلار، چۈنكى ئۇ ھاسىسىنى تاشلىسا،ئۇنىڭ ھاسىسى رەسمى چوڭ يىلانغا ئايلاندى، ھەزرىتى مۇسا ئۇنى قولى بىلەن تۇتتى.

ئەگەر سىلەر، بىز ھەزرىتى ئىسانىڭ ئۆلۈكنى تېرىلدۈگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئىلاھ قىلدۇق دەپ دەلىل كۆسەتسەڭلار، ئۇ چاغدا ھەزرىتى مۇسانىمۇ ئىلاھ قىلىۋىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ھەزرىتى ئىسا قىلالمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدى. ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى چوڭ يىلانغا ئايلاندۇردى.ھاسىسىنى رەسمى يىلانغا ئايلاندۇرغانلىق دەسلەپتە جان بار بىر نەرسىنى ئەسلىگەن قايتۇرغاندىن جانلىقراق.

ئەگەر سىلەر، ھەزرىتى مۇسانىڭ قىلغىنى ئۆلۈكنى تېرىلدۈرگەنلىك ئەمەس دەپ قارىساڭلار، ئىليەسە دېگەن پەيغەمبەر ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرگەن،شۇنداقلا ئىلىيا دېگەن پەيغەمبەرمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىر كىچىك بالىنى تېرىلدۈرگەن.مۇسا پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن 70ئادەمنى تېرىلدۈرگەن،سىلەرنىڭ كىتابلىرىڭلاردا پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىرى كۆپقۇ؟پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسى ئاشۇ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلاھقا ئايلىنىپ قالغانمۇ؟

ئەگەر سىلەر، بىز ھەزرىتى ئىسانى ئۇنىڭ قولىدا كۆرۈنگەن ئاجايىپ ئىشلار ئۈچۈن ئىلاھ قىلىۋالدۇق دېسەڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا جارى بولغان مۆجىزىلەر ئۇنىڭدىن ئەجەبلىنەرلىك. ئىلىيا پەيغەمبەر بوۋاينىڭ ئۇنىغا بەرىكەت تىلىگەن ۋە ئۇنىڭغا ياغ قىلىپ بەرگەن ئىدى،ئۇ بوۋاينىڭ تاغاردىكى ئۇنى تۈگەپ قالمىغان، بوتۇلكىسىدىكى يېغى يەتتە يىلغىچە تۈگەپ كەتمىگەن.ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ بىر نەچچە مىڭ كەمبەغەللەرنى ئازغىنا نان بىلەن تويغۇزغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ دەپ قارايدىغان بولساڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام قوۋمىنى 40 يىل تەرەنجىۋىل ۋە بۆدۈن بىلەن غىزالاندۇرغان.

ئەگەر سىلەر ھەزرىتى ئىسانىڭ دېڭىزغا ۋارقىراپ، دولقۇننى پەسەيتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالغان بولساڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسى بىلەن دېڭىزنى بىر ئۇرۇپ، دېڭىزدىن 12 يول ئاچقان، دېڭىزنىڭ سۇلىرى يوللار ئارىسىدا تامدەك تۇرۇپ قالغان.

ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىلاھ دەپ قارايدىغان بولساڭلار، مەسىلە يا سىلەر دېگەندەك بولىدۇ ياكى مەن ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە مەن ئۇنىڭغا مۇھتاج، مەن مەخلۇق دېگەننى دەۋا قىلغان بولىدۇ.ئەگەر سىلەر دەۋا قىلغاندەك(يەنى ئىلاھ بولسا)بولسا،ئۇ مەسىھ دەججالنىڭ قېرىندىشى بولىدۇ، ئۇ چاغدا پەيغەمبەر بولۇشتىن سىرت، مۆمىن ياكى راستچىل ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنى دوزاخ بولىدۇ:"ئۇلاردىن كىمكى، مەن اللەدىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز"،(ئەنبىيا سۈرىسى،29-ئايەت).

ئاللاھدىن باشقا قايسى بىرى ئۆزىنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىدىكەن، ئۇ فىرئەۋن ۋە نەمرۇدقا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىدۇر. سىلەر ھەزرىتى ئىسانى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى قاتارىدىن ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى قىلىپ قويدۇڭلار،شۇڭا سىلەر ھەزرىتى ئىساغا بەك ئاداۋەت تۇتىدىغان ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭلار!

ھەزرىتى ئىساغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ مۆجىزىلەر بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ پىتنىگە يولۇقىشىغا سەۋەب بولدى، ئۇلار ھەزرىتى ئىسانى ئاللاھنىڭ ھەقىقى بالىسى دەپ سۈپەتلەشتى، يەنە بەزىلىرى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزى شۇ دەپ قاراشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتى، ئەقىل ۋە بىلىم بۇ قاراشنى تامامەن رەت قىلىدۇ.

خىرىستىيان ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىرى ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزلىرى ئۇنىڭ ئىلاھلىقىغا پاكىت دەپ قارىشىدۇ.مۆجىزىنىڭ ئىلاھى ۋەھىي ئۇقۇمى بويىچە چۈشەنچىسى پەيغەمبەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە بىۋاستە ئاللاھنىڭ كۈچى بىلەن ئاشكارا يۈز بېرىدىغان ئىشتۇر دېگەن بولىدۇ.لېكىن ھەزرىتى مەسىھنىڭ مۆجىزىلىرى خاراكتېر، ھەجىم ۋە ئۇسۇل جەھەتتىن پەيغەمبەرلەرنىڭ قولى ئارقىلىق يۈز بەرگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئوخشاشماسلىقنىڭ ئاساسى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەكسىچە ھەزرىتى ئىسا مۆجىزىلىرىنى-سىرتقى كۈچنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەس-ئۆز كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان.مۆجىزىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قولى ئارقىلىق جارى بولغاندا،ئۇلار جارى بولغان مۆجىزىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى كۈچىگە نىسبەت بەرمەيدۇ.مەسىلەن، قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيى يېرىلىپ،بەنى ئىسرائىل (يەنى يەھۇدىلار) قىرغاققا  كېسىپ ئۆتكەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام دېڭىزنىڭ يېرىلىش ۋەقەسىنى ئاللاھغا نىسبەت بېرىشتە ئىككىلەنمىگەن.لېكىن ھەزرىتى ئىسا كېسەلنى ساقايتىپ، نىجىس روھلارنى چىقارغاندا، ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچىگە تايىنىپ قىلغان.

مانا بۇ خىرىستىيان ئىدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ خۇلاسىسى، ئۇلار ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزىلىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەندە، ئۇ مۆجىزىلەرنى ھەزرىتى ئىساغا-ئۇنى ئاللاھ دېگەن ئاساستا-نىسبەت بېرىدۇ ۋە ئۇ مۆجىزىلەر باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز سادىر بولغان دەپ قارىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە خىرىستىيان ئىدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىغا مۇلاھىزە ۋە رەددىيەلەر بار بولۇپ، بۇ رەددىيەلەر ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدا نوقساننىڭ بارلىقىنى ئىزھار قىلىپ بېرىدۇ:

1.خىرىستىيان ئىدىيە يېتەكچىلىرى،مۆجىزىلەر خاراكتېر،ھەجىم ۋە ئۇسۇل جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ، دەپ قارايدۇ.مەسىلەن، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش دېگەنلىك روھنى سېلىش ياكى روھنى بەدەنگە قايتۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ،شۇڭا بەدەن ھەرىكەت قىلالايدىغان بولىدۇ.

 مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىنى يىلانغا ئايلاندۇردى، ھاسا دېگەن روھسىز جانسىز نەرسە، شۇڭا ئۇ ھايۋان ياكى ئىنسان بولۇشقا يارىمايدىغان نەرسىنى جانلىق ھايۋانغا ئايلاندۇردى.ئىلمىي ئۆلچەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى جانلىقمۇ ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىمۇ؟

مۆجىزىنىڭ ھەجمىدىن مەقسەت، ئورۇن ياكى ۋاقىت جەھەتتىكى ھەجمى كۆزدە تۇتۇلۇپ قالسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئورۇن ۋە ۋاقىت جەھەتتىن كۈچلۈك.مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى بىلەن دېڭىزنى يېرىش مۆجىزىسى بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قايسى بىر مۆجىزىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.

2.خىرىستىيان ئىدىيە يېتەكچىلىرى، ئىسا رېئاللىققا ئاشۇرغان مۆجىزىلەرنى ئۆزىنىڭ شەخسى كۈچىگە تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇردى،دەپ قارىشىدۇ.ھەزرىتى ئىسانىڭ ئۇ مۆجىزىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قىلغانلىقىنى ئۇلار نەدىن بىلىپتۇ؟ ئەگەر ئىسا ئۇ مەسىلىنى ئېنىق بايان قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ"مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلار مېنىڭ زىيىنىمغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ"دېگەن سۆزى بىلەن زىت ئەمەسمۇ؟ ھەزرىتى ئىسا خىرىستىيانلارنىڭ سۆزلىرى بويىچە مۆجىزىلەرنى ئاتىسىنىڭ نامى بىلەن قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نامى بىلەن قىلمايدۇ، يەنى ئۇ(خىرىستىيانلار ئېڭى بويىچە)ئاتىسىنىڭ نامىنى قوللانماي ئۆزىنىڭ نامى بىلەن قىلسا، بىرەر مۆجىزىنى قىلالمايدۇ.

3.ئۇلار يەنە، ئىسا مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچى بىلەن قىلدى،دەيدۇ.ئەگەر ھەزرىتى ئىسانىڭ چەكسىز كۈچى بولسا، ئۇ قانداقمۇ ئۇنى قولغا ئالغانلارنىڭ ۋە ئۇنى دارغا ئاسماقچى بولغانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۆزىنى دارغا ئېسىلىشتىن مۇداپىئە قىلالمىدى؟

ئەگەر سىلەر(خىرىستىيانلار)ئۇنىڭ دارغا ئېسىلىشى ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ كاپپارىتى ئۈچۈن-ئۆز رازىلىقى بىلەن-پاكىت بولغان دېسەڭلار، بىز دەيمىزكى،بىر ئىنسان قۇتۇلۇشقا قادىر تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئۇ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشكە قادىر ئىدىغۇ؟

قانداقمۇ چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە كىشى يۈزىگە باشقىلار تۈكۈرسە سۇكۇت قىلىپ تۇرىدۇ؟ بېشغا دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تىكەنلەر يۈكلىنىپ قويۇلسا كۆتۈرۈپ كېتىدۇ؟

 دېمەك،ھەزرىتى ئىسا ئىنسان، ئۇ مۆجىزىلىرىنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قىلالىدى،قۇرئان كەرىم مۇشۇنداق دەيدۇ،ئەقىل، ئىلىم-پەن ۋە تەھلىلىي لوگىكىمۇ مۇشۇنداق قارايدۇ.

 

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى

1428- شەئبان- 2 ھىجرىيە