ھەزرىتى ئىسانىڭ ئۆسمۈرلۈكتىن تارتىپ دەۋىتىنى باشلىغانغا قەدەر ئارىلىقتىكى ھاياتى
(4)
قايسى
بىر پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىش
پەيغەمبەر ۋە دەۋەتكە
ئالاقىدار نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدا
شەك يوق، ئىسا ئەلەيھىسسالام قايسى بىر
پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئۆسمۈرلۈك
ۋە ياشلىق باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرگەن
پەيغەمبەردۇر،ئاللاھ ئۇنىڭغا
مەرھەمەت قىلدى ۋە ئۇنى پەيغەمبەر
قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
مەتتا
ئىنجىلنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، يۈسۈپ
ۋە مەريەم ئىساغا قورساق
كۆتۈرگەندە، ھىيرودوس دېگەن پادىشاھنىڭ
زۇلمىدىن قورقۇپ مىسىرغا قېچىپ بارىدۇ.ئاندىن مىسىردىن
قايتىپ، پەلەستىننىڭ ناسىرە دېگەن
شەھىرىدە تۇرىدۇ،مۇشۇ جايدا
يۈسۈپكە پەرىشتە كۆرۈنۈپ:پادىشاھ
ئۆلدى،ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر پادىشاھ چىقتى،
ئۇنىڭدىن خەتەر كەلمەيدۇ،دەپ
خەۋەر قىلىدۇ.
مەتتا
ئىنجىلى ئىسانىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىغا ئالاقىدار بەزى
ئىشلارنى يالغۇز زىكىر قىلىدۇ، بۇ ئىنجىل:بىر
مەجۇسى شەرقتە ھەزرىتى ئىسانىڭ
تۇغۇلغانلىقىنى بىشارەت بېرىۋاتقان بىر
يۇلتۇزنى كۆرگەندىن كېيىن، شەرقتىن
ئورشىلىمغا)يەنى
بەيتۇلمۇقەددەسكە(كەلگەن دەپ قارايدۇ.
قۇرئان
كەرىم ھەزرىتى ئىسا توغرىسىدا سۆزلىگەندە بۇ
ۋەقەنى زىكىر قىلمايدۇ،شۇڭا ئىنجىلدا
كەلگەن بۇ ۋەقەنى تەھلىل قىلىش
لازىم.چۈنكى ئىنجىلنىڭ تېكىستىدا:بىر مەجۇسى(ئوتقا
چوقۇنغۇچى)شەرقتىن ئورشىلىمغا كېلىپ،
يەھۇدىلارنىڭ تۇغۇلغان پادىشاھى قېنى، بىز
ئۇنىڭ يۇلتۇزىنى شەرقتە كۆردۇق،
دەپ سورايدۇ،دېيىلگەن.
ئىنجىل
بۇ يەردە بىر مەجۇسى غەيىبنى بىلگەن
ۋە يەھۇدىلارنىڭ پادىشاھنىڭ
تۇغۇلغانلىقىنى تونىغان دەپ ئېتىراپ
قىلىدۇ.مەجۇسىيلار ئوتقا چوقۇنىدىغان تۇرسا،
ئۇلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن زادى
ئالاقىسى بولمىسا، قانداق بولۇپ غەيبىي ئىلىمنى بىلسۇن؟!
مەجۇسىيلار
ئۇنىڭ يۇلتۇزىنى مەشرقتە كۆردۇق
دېگەن سۆز مەتتا ئىنجىلدا ئېنىق زىكىر قىلىنغان.
ئۇنداقتا ھەر بىر پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا
پەيدا بولىدىغان ھەر پەيغەمبەرنىڭ ئايرىم
يۇلتۇزى بارمۇ؟شەرقتە كۆرۈنگەن
قايسى يۇلتۇز ئۇ؟مەجۇسى بوۋاق(يەنى
ھەزرىتى ئىسا)بار ئورۇندا توختىغاندا، مېڭىشتىن توختىغان
قانداق يۇلتۇزكەن ئۇ؟
مەجۇسى
ئۆيگە كىرىپ بوۋاقنى ئانىسى بىلەن كۆرۈپ،
ئۇنىڭغا سەجدە قىلغان، نېمە
ئۈچۈن ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى، لۇقا
تەسۋىرلىگەندەك ھەزرىتى ئىسا ئىلاھ بولغانلىقى
ئۈچۈنمۇ؟ ئاندىن مەجۇسىدا نېمە
ئۆزگىرىش بولدى؟..شۇنداقتىمۇ ھەزرىتى ئىسا يەھۇدىلارنىڭ
پادىشاھى بولمىدى ياكى ئۇلارغا پادىشاھ بولۇپ تىكلەنمىدى.
مەريەم
ۋە يۈسۈپنىڭ بوۋاقنى ئېلىپ مىسىرغا
قېچىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە
ۋە تەھلىل قىلىشقا مۇھتاج مەسىلە،
چۈنكى ھەزرىتى ئىسا ئۆسمۈر ۋاقتىدا پادىشاھ
ھىرودۇسقا خەتەر بولۇپ
شەكىللەنمەيدۇ، ئۇ پادىشاھ بولمايدۇ
بەلكى تەۋھىدگە چاقىرغۇچى
پەيغەمبەر بولىدۇ.مەتتا ئىنجىلى قېچىش
ۋەقەسىنى مەجۇسيىنىڭ
ۋەقەسىگە تاقىغانلىقى ئېغىر
خاتالىقتۇر،چۈنكى مەجۇسىنىڭ
ۋەقەسى ئويدۇرۇلما يالغان
قىسسەدۇر.ئۇ قىسسەنىڭ ھېچ بىر كىشى
خەۋەر قىلمىغان، ئۇنداقتا مەتتا ئۇنى قانداق
بىلگەن!
ئۇنىڭدىن
سىرت مەتتا ئىنجىلى يۈسۈپكە بىر قېتىمدىن كۆپ
ۋەھىي كەلگەن دەيدۇ.يۈسۈپ
-ئىسانى ھىمايە قىلىش-ۋەھىي كېلىدىغانغا
پەيغەمبەرمىدى؟
قۇرئان
كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئېنىق قىلىپ، ئاللاھ
روھۇلقۇددۇس(يەنى جىبرىئل)نى ھەزرىتى ئىسانى قوللاش
ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن
ئەۋەتكەن دەيدۇ، قۇرئان كەرىم
زادىلا يۈسۈپكە ۋە جىبرىئىلنىڭ
يۈسۈپكە ۋەھىي قىلىدىغانلىقىغا ياكى
مەجۇسىنىڭ قىسسىسىگە ۋە
مەريەمنىڭ مىسىرغا قېچىش
ۋەقەسىگە ئىشارەت قىلمىغان.
قۇرئان
كەرىم باشتىن تارتىپ، ھەزرىتى ئىسانىڭ جىبرىئىل
ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ
كەلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ۋە
ئۇنىڭ يەھۇدىلارغا ئەۋەتىلگەن
پەيغەمبەرلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
قۇرئان
كەرىم مۇنداق دەيدۇ:"ئۆز ۋاقتىدا
پەرىشتىلەر ئېيتتى:«ئى مەريەم!اﷲ
ساڭا(ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) اﷲ نىڭ بىر
كەلىمىسى(دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق)بىلەن
خۇش خەۋەر بېرىدۇكى،ئۇنىڭ ئىسمى
مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر،ئۇ دۇنيا
ۋە ئاخىرەتتە ئابرويلۇق ۋەاﷲغا
يېقىنلاردىن بولىدۇ.ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى
بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)،ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ
كىشىلەرگە(پەيغەمبەرلەرنىڭ
سۆزىنى)سۆزلەيدۇ ۋە(تەقۋادارلىقتا كامىل)ياخشى ئادەملەردىن
بولىدۇ»،(ئال ئىمران سۈرىسى، 45-46-ئايەت).
يەنە:"اﷲ
ئۇنىڭغا خەتنى،ھېكمەتنى(يەنى
سۆز-ھەرىكەتتە توغرا
بولۇشنى)،تەۋراتنى،ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.ئۇنى
بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ
ئەۋەتىدۇ.(ئۇ
دەيدۇ)«شۈبھىسىزكى،سىلەرگە مەن
رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان(پەيغەمبەرلىكىمنىڭ
راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان)بىر مۆجىزە ئېلىپ
كەلدىم،مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ
شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن،ئاندىن
ئۇنىڭغاپۈۋلەيمەن-دە،اﷲنىڭ ئىزنى
بىلەن،ئۇ قۇش بولىدۇ.تۇغما كورنى،بەرەس
كېسىلىنى ساقايتىمەن،اﷲنىڭ ئىزنى بىلەن
ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن،سىلەر
يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان
يېمەكلىكلەردىن خەۋەر
بېرىمەن(يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن
ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ
بېرەلەيمەن).شۈبھىسىزكى،ئەگەر
سىلەر اﷲ نىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى
بولساڭلار،
بۇنىڭدا(يەنى مەن
كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە)سىلەر
ئۈچۈن ئەلۋەتتە(مېنىڭ راستلىقىمنى
كۆرسىتىدىغان روشەن)ئالامەت بار.مەن ئىلگىرى
كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا
(كەلدىم)،سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى
نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن(كەلدىم).مەن
سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن
دەلىل ئېلىپ كەلدىم.اﷲدىن قورقۇڭلار
ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە)ئىتائەت
قىلىڭلار.اﷲ ھەقىقەتەن
مېنىڭ
پەرۋەردىگارىمدۇر،سىلەرنىڭمۇ
پەرۋەردىگارىڭلاردۇر،
ئۇنىڭغا
ئىبادەت قىلىڭلار،بۇ توغرا يولدۇر»،( ئال ئىمران
سۈرىسى،48-51-ئايەتلەر)دەيدۇ.
دېمەك،
ئۇ بەنى ئىسرائىل(يەنى يەھۇدىلار)غا
ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر،ئۇ
يەھۇدىلارنىڭ پادىشاھلىق ئەرشنى
تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن
ئەمەستۇر.
ئاللاھ
ھەزرىتى ئىسانىڭ پەيغەمبەرلىك
ۋەزىپىسىنى بەلگىلىدى.بەرنابا ئىنجىلى ھەزرىتى
ئىسانىڭ 12ياش ۋاقتىدا
ھەيكەل(يەھۇدىلارنىڭ پادىشاھلىق تەختى)گە
بېرىپ،
يەھۇدى
ئالىملىرى
ئارىسىدا
ئۇلار بىلەن شەرىئەت توغرىسىدا
مۇنازىرىلەشكەن.ھەزرىتى ئىسا ئۆزىنىڭ
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ
شەرىئىتىنى-بۇزۇش ئۈچۈن
ئەمەس-تولۇقلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېنىق
ئوتتۇرىغا قويغان.دېمەك، ئۇ مۇسا
ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنى
تولۇقلاش ئۈچۈن كەلگەن.
مەتتا
ئىنجىلىدا مۇنداق كەلگەن:"سىلەر مېنى شەرىئەتنى
ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىنى يوق قىلىش
ئۈچۈن كەلدىمىكى دەپ ئويلاپ قالماڭلار،مەن
ئۇ شەرىئەتنى تولۇقلاش ئۈچۈن كەلدىم، دېگەن"،
(مەتتا ئىنجىلى، بەشنىجى بۆلۈم، 46-بەت).
ھەزرىتى ئىسا ئۆزىنىڭ
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىنى
تولۇقلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ
قىلىۋاتسا، ئۇنداقتا ئۇ قانداق بولۇپ ئىلاھ بولسۇن؟
ئىنجىلدا ھەزرىتى ئىسانىڭ مەن ئازغۇن ئىسرائىل
ئەۋلادى ئۈچۈن پەيغەمبەر بولۇپ كەلدىم
دېگەن سۆزى ئېنىق بارغۇ؟دېمەك،ئۇ
پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ
كەلگەن.
ھەزرىتى
ئىسانىڭ ھاياتى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش بىلەن
باشلىنىدۇ،ئۇ يىگىتلىك يېشىغا قەدەم قويغاندا
ئاللاھ ئۇنىڭغا يەھۇدى ئالىملىرى بىلەن
مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن ھېكمەت ۋە
مۇنازىرىلىشىش ئىقتىدارىنى بېرىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ
فەرىسىييىن دېگەن مەزھىبى ھەزرىتى ئىسا بىلەن
قاتتىق قارشىلاشقانلىقى ئىنجىللاردا بايان قىلىنىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ
بەزىسى مەريەمنى زىناخور دەپ
سۈپەتلىسە، ھەزرىتى ئىسانى زىنادىن بولغان دەپ
ئەيىبلەيدۇ.(ئىبنى قەييىمنىڭ"ھەيران
بولغۇچىلارنى ھىدايەت قىلىش"ناملىق
كىتابىنىڭ،222-بېتىگە قاراڭ).
ئىنجىللار
ھەزرىتى ئىسانىڭ ئاشكارا خىزمىتى30ياشقا كىرگەندە باشلانغان،دەپ
تەكىتلەيدۇ.
ئىسلامى
مەنبەلەردە ھەزرىتى ئىسانىڭ ئوتتۇز
ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەر بولغانلىقى
ۋە پەيغەمبەرلىكىنىڭ پەقەت
ئۈچ يىل داۋاملاشقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ
تارىخىغا قارايدىغان بولساق،ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام
خىزمىتىنى باشلىغان چاغدا، يەھۇدى خەلقىنىڭ كۆپ
قىسمى بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىشىنى
سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقان
ئىدى.يەنە بىر جەھەتتىن رومانىي ھۆكۈمرانلىقى
قايسى بىر پەيغەمبەرلىك ھەرىكىتىنى رومانىي
ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىمپېرىيىسىگە قارىشى
دەپ قارايدىغان ئىدى.(خۇزەرىنىڭ،"خرىستىيان ئىدىيىسىنىڭ
تارىخى"،ناملىق كىتابنىڭ، 216-بېتىگە قاراڭ).
ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن
يەھۇدىلار ئارىسىدىكى كۆرەش
يەھۇدىلارنىڭ
بارلىق مەزھەپلىرى پەيغەمبەر ئىشئىيانىڭ
بىشارىتىگە ئاساسەن مەسىھنىڭ كېلىشىنى
كۈتۈپ تۈرۈۋاتقان ئىدى. يەھۇدىلارنىڭ
قارىشىچە ئۇلار ئەقىل ۋە كۆزلەرنى
مۆجىزىلىرى بىلەن ھەيران قىلىدىغان كۈچلۈك
مەسىھنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان
ئىدى.گەرچە ھەزرىتى ئىسا يەھۇدىلارغا كۆپ مۆجىزىلەرنى
كۆرسەتكەن بولسىمۇ،بۇ يەھۇدىلار
ئۇنىڭ دەۋىتىگە قارىشى مەيداندا
تۇرۇشتى.مەسىھ(يەنى ھەزرىتى ئىسا) شاگىرتلىرىغا
دەۋىتىمىز بەنى ئىسرائىل(يەنى يەھۇدىلار)غا
قارتىلىشى لازىم دەپ ئېنىق ئېيتقان ئىدى.مەتتا
ئىنجىلىنىڭ1-قىسىم5-بېتىدە:"ھەزرىتى ئىسا
شاگىرتلىرىغا:سىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ يولىغا بارماڭلار،
سامىرىنلارنىڭ شەھىرىگە كىرمەڭلار، بەلكى
ئازغۇن ئىسرائىلنىڭ يۇرتىغا
بېرىڭلار"دېگەن.
ھەزرىتى
ئىسا بىلەن يەھۇدىلار ئارىسىدىكى كۆرەش
كۈچىيىدۇ.بۇ كۈرەشنىڭ
سەۋەبى شۇكى، ھەزرىتى ئىسا ئىنساننى ئىنسان
پەيدا قىلىپ چىققان ۋە چىرىپ كەتكەن دىنىي
مۇراسىملاردىن قۇتقۇزۇش لازىم دەپ
تەشۋىق قىلغان ئىدى.
قۇرئان
كەرىم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىلار
بىلەن قىلغان كۆپلىگەن كۈرەشلىرىنى بايان قىلدى،
يەھۇدىلار ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ پاك
ئانىسى مەريەم ھەققىدە كۆپ جىنايەت
ئۆتكۈزۈشتى.
ئۇلار
مەريەمنى ناچار سۈپەتلەر بىلەن
سۈپەتلەشتى:"يەنە ئۇلارنىڭ
كۇفرى(يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار
قىلغانلىقلىرى)ئۈچۈن ۋە مەريەمگە
چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن(ئۇلارغا
لەنەت قىلدۇق)"،(نىسا سۈرىسى، 156-ئايەت).
يەھۇدىلار
ھەزرىتى ئىسانى سېھىرگەر دەپ
سۈپەتلەپ،ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى رەت
قىلىىشتى:"ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا
چېقىلىشتىن توستۇم،سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر
بىلەن كەلگەن چىغىڭدا،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى
كاپىرلار:«بۇ پەقەت روشەن سېھرىدۇر»دېدى"،(مائىدە سۈرىسى، 110-ئايەت).
يەھۇدىلار
ئېتىقادلىرىدا بەك بۇرۇلۇپ كەتكەن
بولۇپ، پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنى
ئوغۇرلارنىڭ يوشۇرۇنۇش غارى ۋە
كەپتەر ساتىدىغانلارنىڭ ماكانى قىلىپ قويۇشقان
ئىدى.ھەزرىتى ئىسا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىنكار
قىلىپ،ئىبادەتخانىغا كىرىپ،ئۇلارنىڭ توغرا يولدىن
بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
ئىسا
ئەلەيھىسسالام بىلەن يەھۇدىلار ئارىسىدىكى
كۆرەش ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا،ئىسا ئەلەيھىسسالام
ئۇلار توغرىسىدا:"ئى زەھەرلىك يىلاننىڭ
بالىلىرى،سىلەر قانداقمۇ دوزاخنىڭ ئازابىدىن
قۇتۇلالايسىلەر؟سىلەرگە
پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلسە
ئۇلارنىڭ بەزىسىنى
ئۆلتۈردۈڭلار،بەزىسىنى دارغا
ئاستىڭلار،بەزىسىگە دەررە
ئۇردۇڭلار،يەنە بەزى
پەيغەمبەرلەرنى
شەھەرمۇ-شەھەر قوغلاپ يۈردۈڭلار،
زېمىندا تۆكۈلگەن گۇناھسىز قاننىڭ
ھەممىسى ھابىلنىڭ قېنىدىن تارتىپ،سىلەر
بەيتۇلمۇقەددەس بىلەن قۇشخانىنىڭ
ئارىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن
زەكەرىيانىڭ قېنىغىچە سىلەرنىڭ
بوينۇڭلارغا چۈشىدۇ"،(مەتتا ئىنجىلى،
33-قسىىم، 120-بەت)دەيدۇ.
مەتتا
ئىنجىلى يەھۇدى راھىبلىرىنىڭ ھەزرىتى ئىسا
ئەلەيھىسسالامنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش
ئۈچۈن سۈيىقەست پىلانلىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.
ئىنجىللار يەھۇدىلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانىڭ
يۈزىگە تۈكۈرگەنلىكى، ئۇنى
ئۇرغانلىقى،ئاندىن ئۇنى ھاكىمنىڭ ئەسكەرلىرىگە
تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ
ئۇلاردىن كۆپ ئاھانەتكە يولۇققانلىقىنى بايان
قىلىدۇ.
قۇرئان
كەرىم يەھۇدىلارنىڭ ھەزرىتى ئىسا
ئەلەيھىسسالام توغۇرلۇق پوزىتسىيىسىنى بايان قىلدى،
يەھۇدىلار پەيغەمبەرلەر بىلەن
قارشىلىشىپ كەلگەن ۋە بەزىلىرىنى
ئۆلتۈرۈۋەتكەن:"ھەر قاچان
بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا
ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ
كەلسە،تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟بىر
قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار
قىلدىڭلار،يەنە بىر قىسىم
پەيغەمبەرلەرنى
ئۆلتۈردۈڭلار"،(بەقەرە
سۈرىسى،87-ئايەت).
يەنە:"بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلار داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن(يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا)لەنەت قىلىندى.بۇ(يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى)ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى"،(مائىدە سۈرىسى، 78-ئايەت)دەيدۇ.
ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
2007-يىلى
7-ئاينىڭ 26-كۈنى
1428-رەجەب- 12 ھىجرىيە