ئىسا ئەلەيھىسسالام قاچان تۇغۇلغان؟

(1)

 

كۆپلىگەن كىشلەر ھازىرقى مىلادىيە تارىخى بىزگە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ۋە يىل بېشىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ،دەپ ئويلايدۇ. خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالام پەلەستىندىكى بەيت لەھم دېگەن جايدا تۇغۇلغان،دەپ قارايدۇ.لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئەكسىچە.چۈنكى ھازىرقى مىلادىيە تارىخى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى مىلادى يىلىنىڭ ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەقىقى تارىخىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

مىلادىيە تارىخىنى توغرا ئەمەس دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ئەسلى ئەرمەنلىك كىچىك دىينىيسيوس دېگەن راھىب، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلى ۋە مىلادىيە يىل بېشىنى خاتىرىلەشكە ئۇرۇنغان بىرىنچى شەخس بولۇپ، بۇ راھىب رۇمىنىيە كالېندارىنى ھېسابلاپ تۇرۇپ مىلادىيە كالېندارىنى ئالتىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈزگەن.

رۇمىنىيە كالېندارىنىڭ مىلادىيىدىن 745يىل بۇرۇن باشلىنىدىغانلىقى ئېنىق، مۇشۇ يىلدا روما شەھىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى.شۇنىڭغا ئاساسەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇجەسسەملىشىش ھەرىكىتى بىر يىلدا بولغان دەپ ئويلاپ قالغان.شۇنداق بولغاندا بىر يىل مۇجەسسەملىشىش ۋە كونا كالېندار بىلەن يېڭى كالېندارىنى پەرقلەندۈرۈش يىلى بولۇپ قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە چېركاۋ مىلادىيە ئۈچىنى ئەسىردىن بۇرۇن مىلادىيە بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى، چېركاۋ يانۋار ئېيىنىڭ ئالتىنچى كۈنى بايرام قىلىدىغان ئىدى.

 Holz Meistenدېگەن خىرىستىيان داھىيسى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆججەتلەرنى يىغىپ،ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى مىلادىيىدىن5يىل ئىلگىرى ۋە مىلادىيىدىن 2 يىل كېيىنكى ئارىلىقتا تۇغۇلغان دەپ يەكۈن چىقارغان.

بەزى تارىخچىلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7-يىلى بىلەن مىلادىيىدىن كېيىنكى3-يىلى ئارىلىقىدا تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ.مىسسىئونېر پوپ دوكتۇر ھەننا خۇزرى مۇنداق دەيدۇ:"ئىنجىللار ۋە تارىخنى ئاڭلىق ھالدا تەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلى توغرىسىدا يېقىنراق تەخمىنەن تارىخنى بەلگىلىيەلەيمىز.مەتتا ۋە لۇقا ئىنجىلى مۇجەسسەملىشىش ۋە تۇغۇلۇش ۋەقەسى پادىشاھ ھىيرودوسنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان،دەپ قارايدۇ.(مەتتا2-قىسىم،1-بەت، لۇقا5: 26،1 بەت).

لېكىن پادىشاھ ھىيرودوسنىڭ رومانىي يىلى بويىچە750-يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولغانلىقى ھەممىگە ئايان،بۇ يىل مىلادىيە يىلىدا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ۋە4-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.پادىشاھ ھىيرودوس ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ بىرقانچە ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغان بولىشى مۇمكىن.

لۇقا ئىنجىلى مىلادىيە تارىخىنى بەلگىلەشتە كۆپ ياردەم بېرىدۇ.لۇقا ئىنجىلنىڭ ئىسھا ئىككى:1-6-بەتلىرىدە مۇنداق كەلگەن:"ئاشۇ كۈنلەردە قەيسەر بارلىق پەرزەنتلەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بۇيرۇغان".

 چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى ئومۇميۈزلۈك نوپۇز تىزىملاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان،نوپۇس تىزىملاش ھەر ئون تۆت يىلدا بىر قېتىم بولىدىكەن،پەلەستىندىكى نوپۇس تىزىملاش مىلادىيىدىن20يىل ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ،مىلادىيە270-يىلىغىچە داۋاملاشقان.بىرىنچى قېتىملىق تىزىملاش مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 20-يىلى بولغان بولسا، ئىككىنچى قېتىملىقى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-يىلى بولغان.شۇنىڭغا ئاساسەن ئىسا(ئەلەيھىسسالام)نىڭ تۇغۇلغان تارىخى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى تۆتىنچى ياكى ئالتىنچى يىلى بولىدۇ.

مانا بۇ ئىنجىللاردىكى بەزى گۇۋاھلىقلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىگە پاكىت.ئىنجىللار بايان قىلغان يىللار ئارىسىدىكى پەرق بەزىدە 10 يىل بولسا، يەنە بەزىدە 6 يىل ياكى 4 يىل دەپ زىكىر قىلىنغان.

ئىلمىي ۋە تارىخى لوگىكا قايسى بىر تارىخى ۋەقەلىكنى-تارىخى ئېنىق بولمىسا-تەخمىنەن دېيىشنى قوبۇل قىلمايدۇ.بارلىق تەتقىقاتلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىل تارىخى 10ياكى 4ياكى 6يىلدىن كېيىن تىزىملانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان تۇرسا،ئۇنىڭ قايسى ئاي ۋە قايسى كۈندە تۇغۇلغانلىقىنى قانداقمۇ بىلگىلى بولسۇن!

غەربنىڭ خىرىستىيان مەنبەلىرى بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىدىغان تۇرسا، قانداق بولۇپ، غەربنىڭ كالېندارىنى قوبۇل قىلالايمىز؟نېمە ئۈچۈن 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ خاتىرىلىنىدۇ!شۇنىڭدەك، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىنى مىلادىيە يىلىنىڭ باشلىنىش بايرىمى دېگىلى بولىدۇ؟!

دېمەك،كالېندار بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلى ئارىسىدىكى ئالاقە خىرىستىيان ئىدىيىسىدە مۇھىم مەسىلە بولغاچقا، بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان تارىخىنى ئانىسى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىدى، بۇلار ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقىنى بايان قىلمىدى.ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىنىڭ 6ئەسىردىن كېيىن كالېندار قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق.تارىخچىلار بۇ توغرىدا ئېنىق ھۆججەتكە تايانمىغان.شۇڭا ئىسا(ئەلەيھىسسالام)نىڭ تۇغۇلغان تارىخى تەكىتلىگىلى بولمايدىغان تەخمىنەن ھالىتىدە قېلىپ قالىدۇ.

 

 

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-7- 14 مىلادىيە

1428-جۇمادىل ئاخىر- 29 ھىجرىيە