ئىسا ئەلەيھىسسالام قانداق تۇغۇلغان؟

(2)

ئىسا ئەلەيھىسسالام قايسى بىر ئىنسانغا ئوخشاش تۇغۇلدى،ئانىسى ئۇنىڭغا ھامىلدار بولدى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەۋجۇتلۇققا كەلدى.

ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ۋەقەسىدە ئىنجىللار بىلەن قۇرئان كەرىم ئارىسىدا كۆپ ئوخشاشماسلىق مەۋجۇد.بۇ ئوخشاشماسلىق ئەقىدىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

لۇقا ئىنجىلىدا مۇنداق كەلگەن:"ئۇ ئىككەيلەن ئۇ يەردىكى ۋاقتىدا،مەريەمنىڭ تۇغۇش ۋاقتى يېقىنلاشتى ۋە بىرىنچى بالىسىنى تۇغدى،ئاندىن ئۇنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ، ئۇنى قوتاندا ياتقۇزۇپ قويدى، چۈنكى ئۇ ئىككىيلەنگە ئۆيدە ئورۇن يوق ئىدى"،(لۇقا، 6-8).

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى لۇقا ئىنجىلىدا ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل ھالەتتە كەلگەن.

قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ"جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى:«غەم قىلمىغىن،پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن(ئېقىپ تۇرىدىغان)بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى.خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن،ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.(بۇ شېرىن خورمىدىن)يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن )ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ(ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا):مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك اللەغا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن،دېگىن».مەريەم بوۋاقنى(يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى)كۆتۈرۈپ قوۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى:«ئى مەريەم!سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ.ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى!سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى،ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى».مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى،ئۇلار:«بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز»دېدى.بوۋاق ئېيتتى:«مەن ھەقىقەتەن اللەنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ)ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ).قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى.مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە،ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تېرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (اللە تائالا تەرىپىدىن بولغان)ئامانلىققا ئېرىشىمەن».ئەنە شۇ ئىسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسىسىدۇر).ئىسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى)ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى"،(مەريەم سۈرىسى،24-33-ئايەتلەر).

لۇقا ئىنجىلىدا بايان قىلىنىشىچە،مەريەم تۇغقان ۋاقتىدا،مەريەمنىڭ توي قىلماقچى بولغان كەلگۈسى يىگىتى يۈسۈپ بار ئىدى،مەريەم تۇغۇش جەريانىدا تولغاق ياكى ئەلەمگە ئۇچرىمىغان ۋە يۈزىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن قورقۇپ خورما دەرىخىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرنىۋالمىغان.

ئەمما قۇرئان كەرىم مەريەمنىڭ تولغاققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە قايسى بىر ئايالدەك قاتتىق ئەلەم تارتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ:"تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى(يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن)بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى.مەريەم ئېيتتى:«كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!» (مەريەم سۈرىسى، 23-ئايەت).

لۇقا ئىنجىلنىڭ سۆزىگە ئاساسەن،مەريەم يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى يېنىدا بار چاغدا تۇغىدۇ.مەريەم ھامىلىدارلىقنىڭ ئاشكارا بولىشىدىن قورقۇپ دەسلەپتىن تارتىپ ئائىلىسىدىن ئايرىلغان تۇرسا، قانداقمۇ يۈسۈپنى ھەمرا قىلىپ يۈرسۇن؟بەلكىم خرىستىئانلار:يۈسۈپ ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشۈپ(يەنى چۈش كۆرۈپ)،كەلگۈسى ئايالى مەريەمنى تاشلاپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان،چۈنكى ئۇ پاك ۋە روھۇلقۇددۇستىن ئوغۇل تۇغىدۇ،دەپ ۋەھىي كەلگەن.يۈسۈپ مەريەمدىن شەكلىنىپ،ئۇنى زىنا قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلىشقا تاس قالغاندىن كېيىن، ئۇيقۇسىدا كۆرگەن چۈشى بىلەن قانائەتلەنگەن،دېيىشى مۇمكىن.

قۇرئان كەرىمنىڭ بايانىدا مەريەم قورساق كۆتۈرگەندە ۋە تۇغقاندا يېنىدا ھېچ بىر كىشى يوق ئىدى.ئۇ تۇغقاندا بىرەر ئادەمنىڭ بولىشىنىڭ ھاجىتى يوق،چۈنكى ئىلاھىي مۆجىزە ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھدۇر.ھەزرىتى ئىسانىڭ بۆشۈكىدە تۇرۇپلا سۆزلىگەنلىكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىك تۇغۇلغانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتىدۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپنىڭ مەريەمنىڭ يېنىدا بولىشى باشقىلارغا ئۇنى مەريەمنىڭ ئىرى، بالا ئۇنىڭ بالىسى دېگەن ئاڭنى بېرىپ قويىدۇ، ئۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز تۇغۇلۇشى ئىلاھى مۆجىزە بولماي قالىدۇ.خرىستىئانلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرغىچە مەريەم يۈسۈپنىڭ ئايالى ئىدى، ھەزرىتى ئىسا تەن جەھەتتىن يۈسۈپنىڭ بالىسى، روھ جەھەتتىن ئاللاھنىڭ بالىسى دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.

ئەمما ھەزرىتى ئىسانى قوتاندا قويۇپ قويۇش ۋەقەسى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە ھېچقانداق بايان كەلمىدى،كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئىسانى قوتاندا قويۇپ قويۇش باشقا دىنلاردىن ئېلىنغان دەپ قارايدۇ.چۈنكى ھىندىستانلىق بۇددىستلار نەزەرىدە كىرشىنا بالىسىنى غاردا تۇغقان، تۇغۇپ بولۇپ، ئۇنى قوينىڭ قوتىنىدا قويۇپ قويغان ۋە ئۇنى پادىچىلارنىڭ بىرسى بېقىپ چوڭ قىلغان.بۇنداق قاراش جۇڭگۇلۇقلاردا ۋە گرېتسىيەلىكلەردىمۇ مەۋجۇد.

دېمەك،ھەزرىتى ئىسانى قوتاندا قويۇپ قويۇش ھېكايىسى بۇددىزم دىنىدىن سىڭىپ كىرگەن قاراشتۇر.

لۇقا ئىنجىلى كەلتۈرگەن قاراشلارغا قارىتا، مەريەم بالىسىنى تۇغۇپ،قوتانغا قويۇپ قويغانلىقى ئاندىن پادىچىلار ئۇنىڭغا قارىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەندىن كېيىن، ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىز كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ خەتنىسنىڭ قىلىنغانلىقىغا يۆتكىلىدۇ.

قۇرئان كەرىم بۇ ۋەقەنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:"مەريەم بوۋاقنى(يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى)كۆتۈرۈپ قوۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم!سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ.ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى!سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى».مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى،ئۇلار:«بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز»دېدى.بوۋاق ئېيتتى:«مەن ھەقىقەتەن اللەنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ)ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ).قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى"،(مەريەم سۈرىسى، 27-30-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ھەزرىتى ئىسا تۇغۇلغاندا، مەريەم ۋەھىي ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ قېشغا بېرىشقا بۇيرۇلغان، جىبرىئىل مەريەمگە سۆز قىلماسلىقنى تاپىلىغان ئىدى، شۇڭا ھېچ نېمە دېمەي ئىشارەت قىلدى.مەريەمنىڭ ئائىلىسى مەريەمگە:بۆشۈكتىكى بوۋاق بالىغا قانداق گەپ قىلىمىز،دەپ ھەيران قالدى.ئۇلارنىڭ ھەيران قېلىشى يوللۇق ئىدى،چۈنكى تۇغۇلۇپ بىر كۈنلۈك بولغان بالىنىڭ سۆزلىيەلەيدىغانلىقى كۆرۈلمىگەن ئىش ئىدى.

مانا مۇشۇ يەردە بوۋاق بالا(مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى)دەپ سۆزلىگەندە ئىلاھى مۆجىزە ئەڭ يوقىرى دەرىجىسىدە كۆرۈنىدۇ.ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى سۈپتىدە ھايات سەپىرىنى باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق سۆزلىگەن بىرىنچى سۆزى مۇشۇ سۆز ئىدى.ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇپلا(مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى)دەپ سۆزلىگەنلىكى يەھۇدىلارنىڭ خىرىستىيان ئەقىدىسىگە سۈيىقەست قىلىپ،ھەزرىتى ئىسا ئىلاھدۇر،دەپ قوشۇپ قويغان گۇمانلىرىغا كۈچلۈك پاكىتتۇر.

قۇرئان كەرىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:"بوۋاق ئېيتتى:«مەن ھەقىقەتەن اللەنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ).قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى. مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە،تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (اللە تائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»، ( مەريەم سۈرىسى، 29-33-ئايەتلەر).

1. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئۇ ئىلاھ ئەمەس ياكى ئىلاھنىڭ بالىسى ئەمەس.

2.ئاللاھ ئۇنىڭغا كىتاب چۈشۈردى ۋە ئۇنى پەيغەمبەر قىلدى.

3.ئۇ نەدىلا بولسۇن مۇبارەك بولۇپ، ئۇنىڭغا شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ.

4.ئۇ ئۆمۈر بويى ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇلغاندۇر.

5.ئۇ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، بەختسىز ئەمەستۇر.

6.ئۇ تۇغۇلدى، پات ئارىدا ئۆلىدۇ،شۇڭا قىيامەت كۈنى قايتا تېرىلىدۇ.

مانا بۇ پەيغەمبەرلىك سۈپەتلىرى بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەر سۈپەتلەنگەن،بۇ يەنە ئىنسانىي سۈپەتلەردۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا تۇغۇلۇش، ئۆلۈش ۋە قىيامەت كۈنى تېرىلىش سۈپەتلىرى باردۇر.

ھەزرىتى ئىسانىڭ مانا بۇ سۆزلىرى، ئىسا ئىلاھ ئىدى ياكى ئىلاھنىڭ بالىسى ئىدى،دېگۈچىلەرگە ئېنىق رەددىيە.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى،ئىنجىللارنىڭ ھېچقايسى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۆشۈكتە سۆزلىگەنلىكىنى زىكىر قىلمايدۇ.بۇنداق بولىشى ئىككى ئىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.بىرسى:ئىنجىللارنى توپلاپ يازغۇچىلار ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىنى كۆرمىگەن.شۇڭا ئۇلار بۇ ئىلاھى مۆجىزىنىڭ خاراكتېرىنى بىلمىگەن،بۇ ئىلاھى مۆجىزە ھەزرىتى ئىسانىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلاھلىقنى رەت قىلىدۇ.

يەنە بىر ئىش شۇكى:ئىنجىللارنى يازغۇچىلار ئۇنىڭ ئىلاھلىقىنى داۋا قىلىدىغان بولغاچقا،ئۇنىڭ بۆشۈكتىلا سۆزلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.لېكىن ئۇلار ئىسا بىلەن ياشاپ باقمىغان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى-بولۇپمۇ پەيغەمبەرلىك مۆجىزلىرىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنى-بىلمىگەن.

 

 

ئىسلام ئاۋازى تور بېتى

2007-7- 16 مىلادىيە