تەۋرات"ئاللاھ چارچايدۇ ۋە بىلمەيدۇ"،دەيدۇ!
ئاللاھنىڭ چارچىشى ۋە پۇشايمان قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
قۇرئان كەرىم بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:"ئۇلار(يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار)بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان اللە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر"،(ئەھقاف سۈرىسى، 33-ئايەت).
يەنە:"اﷲ نىڭ كۇرسى(مەلۇماتى، قۇدرىتى)ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ.ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر"،(بەقەرە سۈرىسى، 255-ئايەت)دەيدۇ.
ئاللاھ بۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ تەكىتلەپ:"بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى،زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق"،(قاف سۈرىسى، 38-ئايەت)دەيدۇ.
لېكىن يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى ۋە خرىستىئانلارنىڭ ئىككىنچى تۈردىكى مۇقەددەس كىتاۋى تەۋراتنىڭ بۇ توغرىدىكى سۆزىگە قاراڭ،تەۋرات ئاللاھنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ ئالتىنچى كۈنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىپ بولۇپ، ئارام ئالدى، ئاللاھ يەتتىنچى كۈنىنى بەرىكەتلىك ۋە مۇقەددەس قىلدى، چۈنكى ئۇ ئۇ كۈندە ياراتقۇچى سۈپىتىدە ياراتقان بارلىق ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى"،(سەپەر تەكۋىن، ئسھاھ ئىككى).
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى:ئاللاھ ياراتقۇچى سۈپىتىدە ئادا قىلغان بارلىق ئەمەللىرىدىن چارچاپ كېتىپ، ئارام ئالدى،دېگەن بولىدۇ، مەزمۇن ناھايىتى ئېنىق.
يەھۇدىلار شەنبە كۈنىدە خىزمەت قىلىشنى ھارام دەپ قاراپ،ئۇ كۈننى مۇقەددەس بىلىدۇ، تەۋراتتا كېلىشىچە:مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇشۇ كۈندە ئارام ئېلىشقا ئۇنىمىغان بىر ئوتۇنچىنى رەجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان!
كامالى سۈپەتكە ئىگە ياراتقۇچىنى مۇنداق چاكىنا سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەش قانداقمۇ توغرا بولسۇن!
يەھۇدىلارنىڭ ئاللاھنى مۇنداق سۈپەتلەشتىكى سۆزلىرى ئاز ئەمەس.ئەھدى قەدىم(تەۋرات)نىڭ ئادەم ۋە ئايالى ھاۋانىڭ دەرەخ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈپەتلىشىگە قاراڭ:"ئۇ ئىككەيلەن شامال قوزغالغاندا پەرۋەردىگار ئىلاھنىڭ جەننەتتە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئادەم بىلەن ھەۋۋا ئاللاھدىن خىجىل بولۇپ جەننەتتىكى بىر دەرەخنىڭ ئوتتۇرسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى، ئاللاھ ئادەمنى توۋلاپ: ئادەم سەن نەدە؟دېدى، ئادەم ئاللاھغا جاۋاب بېرىپ:سېنىڭ جەننەتتە ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ، مەن يالىڭاچ بولغانلىقىم ئۈچۈن سەن بىلەن ئۇچۇرۇشتىن خىجىل بولدۇم،دېدى.ئاللاھ ئادەمگە:سېنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم بىلدۈردى؟سەن مەن يېمە دەپ تەۋسىيە قىلغان دەرەخ مېۋىسىنى يەپ سالغانمىدىڭ..."دېگەن،(تەۋرات، سەپەر تەكۋىن، ئىسھا ئۈچ).
تەۋراتنىڭ بۇ سۆزى بويىچە بولغاندا، ئاللاھ جەننەت ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بىلمەي جەننەتتە مېڭىپ يۈرگەنلىكى، ئاندىن ئىشلارنىڭ بىر بىرلەپ بىلىنگەنلىكى مانا مەن چىقىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەكلەنگەن مېۋىدىن يېگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ!
تەۋراتنىڭ پەرۋەردىگار ئاللاھنى ئېتىزىغا ئويلىمىغان نەرسە چۈشۈپ قالغان بىر دىھقاندەك تەسۋىرلىگەنلىكىگە قاراڭ.
يەھۇدىلار ۋە خرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولغان تەۋراتنىڭ ئاللاھنى قانداق سۈپەتلىگەنلىكىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنى قانداق سۈپەتلىگىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ، قۇرئان كەرىم ئاللاھنى سۈپەتلەپ:"بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز"دەيدۇ،(قاف سۈرىسى، 16-ئايەت).
يەنە:"سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن،قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن،سىلەر قايسى بىر ئىشنى قىلماڭلار،ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز،ئاسمان-زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن،ھېچقايسىسى اﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ"،(يۈنۈس سۈرىسى، 61-ئايەت).
تەۋراتنىڭ سۈپەتلىشىگە قارىغاندا، ئاللاھنىڭ بەزى ئىشلارنى بىلمەسلىكى، ئاللاھنىڭ مۈلكىنىڭ ئادەم تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.
تەۋرات،ئادەم مەرىپەت دەرىخىدىن يەپ، بۇ ئۆكتىچىلىكى بىلەن ئىلاھ سېپىگە ئۆرلەپ، ياخشى ۋە ياماننى بىلىۋالدى، ھالبۇكى پەرۋەردىگار ئىلاھ ئادەمنىڭ نادان ۋە بىلىمسىز قېلىشىغا ھېرىس ئىدى،دېمەكچى بولىدۇ.
تەۋراتتا مۇنداق كەلگەن:"پەرۋەردىگار ئىلاھ:قاراڭلار مانا ماۋۇ ئىنسان بىزگە ئوخشاش ياخشى ۋە ياماننى بىلىۋالدى.بەلكىم ئۇ ھازىر قولىنى سوزۇپ ھاياتلىق مېۋىسىدىن يەپ، مەڭگۈ ياشىشى مۇمكىن دەپ،ئۇنى ئەدنى جەننىتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى.ئاللاھ ئىنساننى جەننەتتىن قوغلىدى ۋە جەننەتنىڭ شەرق تەرىپىدە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق دەرىخىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى كۈزەتچىسىنى قويدى"،(تەۋرات،سەپەر تەكۋىن، ئىسھا ئۈچ).
تەۋراتنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ زېمىندىكى قىلمىشلىرى گۇناھ ۋە جىنايەتلەر بىلەن توشۇپ كەتتى، ئاللاھ ئادەمنى ياراتقان چاغدا ئۇنىڭ بۇدەرجىگىچە ئەسكى بولۇپ كېتىشىنى بىلمەيدىغان ئىدى، ئاللاھ ئادەمنىڭ ئەسكىلىكىدىن تاسادىپىلىقنى ھېس قىلدى،شۇڭا ئاللاھ قايغۇرۇپ،ئادەم ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى ياراتقانلىقىغا ئەپسۇسلاندى!
تەۋرات بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ ئىنساننى ياراتقاتقانلىقىغا قايغۇردى، ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بارلىق تەسەۋۋۇرنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئىدى،شۇڭا ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ئىنساننىڭ ئىشلىرىدىن قايغۇردى..."(تەۋرات، سەپەر تەكۋىن قىسمى، ئىسھا ئالتە).
تەۋراتنىڭ بۇ سۈپەتلىرى ئاللاھنى ئاجىز، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، بەزىدە بىلمەي قالىدىغان...نوقسان سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدۇ.ئەلۋەتتە مۇقەددەس كىتاب(يەنى تەۋرات)دەپ،مۇشۇ تېكىستلارنى تەۋراتقا يازغان ئادەمنىڭ بۇددىزم تەسەۋۋۇرىدا ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايمەن.
بىز بۇ سۆز ياكى تېكىستلارنى ئوقۇغاندا بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز،بۇ تېكىستنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىنى چۆرۈپ تاشلايمىز.لېكىن يەھۇدى ۋە خرىستىئانلار مۇشۇ سۆزلەرنى مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ، پوپلارنىڭ بىرسى مۇنداق دەيدۇ:"مۇقەددەس كىتاب(يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل)ئەرشتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سۆزى، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەر بىرقىسمى ياكى پارچىسى ياكى ھەر بىر ئايىتى بۈيۈك ئىلاھنىڭ سۆزىدۇر".
ئەلۋەتتە، ئىنسان بۇ سۆزلەرنى پوپنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاندا كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىدۇ! ئۆزىنى نادانلىق بىلەن سۈپەتلەپ ۋەھىي چۈشۈرگەن زات دۆت ئىلاھمىدۇ؟
بىز مۇسۇلمانلار مۇساغا چۈشۈرۈلگەن ئەسلى كىتاب،بۇ قۇرۇق سەپسەتىلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. ئەمما ھازىرقى تەۋرات ئىنساننىڭ تۈزگەن كىتاۋىدۇر، بۇ كىتابنى ئۈچ نەرسە ئىگىلەپ كەتكەن:
بىرىنچى:ئاللاھنى لايىق بولمايدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن ۋە ئاللاھنىڭ زاتىغا مۇجەسسەم شەكلىدىكى كېسەل زېھنى سۈرەتلەرنى چۈشۈرۈپ قويغان،ئاللاھ بۇ لەنىتىلەرنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن پاكتۇر.
ئىككىنچى:ئىسرائىل ئەۋلادىنى دۇنيانىڭ يادروسى، ھاياتلىقنىڭ شىپالىق دورىسى ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ غايىسى قىلىپ ئوبرازلاشتۇرىدۇ.تەۋرات يەھۇدىلارنى دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئاللاھنىڭ تاللانغان خەلقى، باشقىلارنى ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يارىتىلغان چاكار ۋە قۇللار دەپ تەسۋىرلەيدۇ.شۇڭا قايسى بىر مىللەتنىڭ يەھۇدىلاردىن بۇ ھوقۇقنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى توغرا بولمايدۇ!
ئۈچىنى:باشقا مىللەتلەرنى تۆۋەن كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ قىممىتى يوق دەپ قارايدۇ، باشقا مىللەتلەرنى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە يېتەكچىلىرىنى قەبىھ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ.
تەۋراتنى ئىگىلىگەن بۇ ئۈچ نەرسە ئارىسىدا ئەلۋەتتە راست ۋەھىينىڭ قالدۇقلىرى ئارىلاشقان، لېكىن ھازىرقى تەۋراتنى يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك مۇلاھىزە خاراكتېرى بېسىپ كەتكەن.
بىز يۇقىرىدا دېگەن سۆزلىرىمىزگە تەۋراتنىڭ سەپەر تەكۋىن قىسمىدىنلا پاكىت كەلتۈرىمىز.چۈنكى باشقىسىغا يۆتكىلىش سۆزنى بەك ئۇزارتىۋىتىدۇ.
تەۋراتنىڭ بۇ قىسمىدا ئاللاھ زېمىننى توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلىۋەتكەنگە پۇشايمان قىلغانمىش. ئاللاھ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا:بۇ ئىشنى ئىككىنچى قېتىم قىلىپ سالمايمەن، بۇ ئىشنى قايتا قىلىپ سالماسلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئەسلىتىپ قويىدىغان بەلگە قىلىۋالىمەن!دېگەنمىش.
تەۋراتنىڭ بۇ تېكىستكە قاراڭ:"ئاللاھ نۇھقا سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:مەن سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، تەنگە ئىگە ھەر قانداق بىر مەخلۇق قايتىدىن توپان بالاسى بىلەن مۇنقەرز بولۇپ تۈگەپ كەتمەيدۇ،شۇنداقلا زېمىننى خاراب قىلىش ئۈچۈن توپان ئاپىتى يۈز بەرمەيدۇ.ئاللاھ:مانا بۇ مەن بىلەن سىلەر ئارىسىدىكى كېلىشىمنامە بەلگىسى،مەن ھەسەن ھۈسەيننى بۇلۇتتا قويۇپ قويدۇم،مەن قاچانىكى شۇ ھەسەن-ھۈسەيننى كۆرسەم مەن بىلەن سىلەر ئارىسىدىكى كېلىشىم بەلگىسىنى ئەسلەيمەن..."دېگەنمىش، (تەۋرات، سەپەر تەكۋىن، ئىسھا توققۇز).
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىگە كەلگەن توپان بالاسى يالغۇز شۇلارغا كەلگەن بالادۇر، بۇ توپان بالاسى بەش قىتئە خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك غەرق قىلىۋەتكەن ئەمەس.نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى خەلقئارالىق دىن بولمىسا، پەقەت شۇ نۇھ مىللىتىگە تەۋە دىن تۇرسا، باشقا مىللەتلەرنىڭ نېمە جىنايىتى بولسۇن؟ ياكى بولمىسا شۇ كۈندە يەر شارىدا ياشىغان ئىنسانلار پەقەت نۇھنىڭ مىللىتى جايلاشقان ئورۇنلاردىلا ياشىغان بولغىمىتى!
نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، زېمىننى غەرق قىلىۋەتكىنىگە ئاللاھنىڭ ئىچى سىقىلدى ۋە قايتىدىن ئۇنداق قىلماسلىققا قەسەم قىلدى، دەپ سۈپەتلەش ئىنسانغا لايىق ئىش بولسىمۇ، ياراتقۇچى ئاللاھغا لايىق بولمايدىغان ئىشتۇر.
تەۋراتتىن ئاللاھنى كەمسىتىدىغان يەنە بىر مىسالنى كۆرەيلى:
ئاللاھ بىلەن يەئقۇب چېلىشىپ قالىدۇ، بۇ چېلىشىش ئۇزۇن بىر كېچە داۋاملىشىدۇ، يەئقۇب ئاللاھنى-يەنە بىر تەرەپ ئاللاھ بولمىغان بولسا-يېڭىۋالغىلى تاسلا قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن يەئقۇب تەنھەرىكەت ھېيلىسى ئىشلىتىپ مەغلۇب بولۇپ بېرىدۇ!
شۇنداقتىمۇ يەئقۇب ئاللاھغا ئېسىلىۋېلىپ،ماڭا:"ئىسرائىل"دېگەن نامنى بەرمىسەڭ قويۇپ بەرمەيمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ!!
ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ پەخرى ئۇنۋاننى بېرىدۇ، ئاندىن يەئقۇب ئاللاھنىڭ ئەرشىگە چىقىپ، ئاسمان ۋە زېمىننى باشقۇرۇشقا قويۇپ بېرىدۇ!
بۇ نېمە دېگەن مەسخىرە-ھە! بۇ نېمە دېگەن ئەپسانىلىق-ھە!
بۇ ئەقىلسىزلارچە قىسسىنى توقۇپ چىققان قانداق كېسەل ئەقىلدۇر؟
يەھۇدىلار بوۋىسى يەئقۇبنىڭ ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدۇ،ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتىشتە خىيالمۇ يات سانايدىغان ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىشتىن خىجىل بولمايدۇ.
بۇ خىيالى ۋە خۇراپىي قىسسىنىڭ تەپسىلاتىنى تەۋراتنىڭ سەپەر تەكۋىن قىسمى، ئىسھا،32بايان قىلغان.
يەھۇدىلارنىڭ بوۋىسى يەئقۇب ئىلاھنى بېسىۋېلىپ يېڭىۋالغىدەك دەرىجىدە بۇنچىلىك كۈچلۈك بولسا، يەھۇدىلار قانچە پەخىرلىنىپ كېتەر-ھە!!
ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
2007-6- 28 مىلادىيە
1428- جۈمەدىل ئاخىر- 13 ھىجرىيە